سۇغۇر ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
رېۋايەتچىلەر سۇغۇر ھەققىدە مۇنداق رېۋايەت قىلىشىدۇ:
بەكمۇ قەدىمكى زامانلاردا، شىكار قىلىش ۋە چارۋاماللارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن شەھەرلىك، يېزا - قىشلاقلىق ۋە تاغلىقلار ئوتتۇرىسىدا يايلاق ماجراسى قوزغىلىپتۇ. كۆپ ماجرا ۋە سۈلھى -سالالار بولغان بولسىمۇ، لېكىن مۇۋاپىق بىر كېلىشىم قىلالماپتۇ.
بۇ چاغدا تاغلىقلار كېڭىشىپ مۇنداق چارە تېپىپتۇ:
ئۇلار بىر تاغنى نىشان قىلىپ تاغنىڭ تېگىنى كولاپ ئۇنىڭغا بىر قىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ ۋە بىر قانچە كۈنلۈك ئوزۇق تەييارلاپ ئۇنى قىزنىڭ يېنىغا قويۇپتۇ. ئۇلارقىزغا :
_ بىز شەھەرلىكلەر بىلەن يېزىلىقلارنى يىغىپ «تاغ كىمگە مەنسۇپ » دېگەن سوئالنى سورايمىز. سەن شۇچاغدا تاغلىقلارغا مەنسۇپ دېگىن، -دەپتۇ.
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، شەھەرلىكلەر بىلەن يېزىلىقلار يىغىلىپ يەنە تاغ دەۋاسىغا چۈشۈپتۇ. ئاخىر تاغلىقلار شەھەرلىكلەر بىلەن يېزىلىقلارغا:
_ بىز نۇرغۇن قېتىم تاغ تالىشىش ماجراسىدا بولغان بولساقمۇ، لېكىن تاغ ھېچقاسسىمىزغا نىسىپ بولمىدى. بىز بىر تاغنى نىشان قىلىپ شۇ تاغدىن سەن كىمگە تەۋە؟ - دەپ سورايلى. تاغ كىمنى ئىختىيار قىلسا شۇنىڭ بولسۇن، - دېيىشىپتۇ. لېكىن، شەھەرلىكلەر بىلەن يېزىلىقلار «تاغ دېگەنمۇ گەپ قىلالامدۇ؟» دەپ ئۇنىماپتۇ. لېكىن، تاغلىقلار «ئاللانىڭ بۇيرۇقىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ، ئاللا ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى بولغاچقا تاغقا زۇۋان بەرسە ئەجەپ ئەمەس» دەپ شەھەرلىكلەر بىلەن يېزىلىقلارنى كۆندۈرۈپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ھېلىقى قىز يۇشۇرۇنغان تاغنىڭ يېنىغا كېلىپ:
_ تاغ كىمنىڭ؟ - دەپ ئۈچ قېتىم سوراپتۇ. ئۈچىنچى قېتىملىق سوراقتىن كېيىن يۇشۇرۇنۇپ ياتقان قىز:
_ يەر - يېزىلىقنىڭ، تاغ - تاغلىقنىڭ، شەھەر - شەھەرلىكنىڭ. ھەي تاغلىق، ساغرىسىغا تەپ شەھەرلىك بىلەن يېزىلىقنىڭ! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شەھەرلىكلەر بىلەن يېزىلىقلار:
_ ئاللا تاغنى تاغلىقلارغا بۇيرۇسا، بىزدە نېمە ئامال، - دېيىشىپ كېتىپ قاپتۇ.
شەھەرلىكلەر بىلەن يېزىلىقلار كەتكەندىن كېيىن، تاغلىقلار تاغنىڭ ئاستىدىكى قىزنى چىقارغۇدەك بولسا، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ھىيلە - نەيرەڭلىرى خۇدانى شىپى كەلتۈرگەن گۇناھى ئۈچۈن قىز سۇغۇرغا ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇندىن كېيىن سۇغۇر تاغدا ھايات كەچۈرۈپ يەر ئاستىنى ماكان قىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.