خوتەن گېلىمى ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
خوتەن پادىشاھنىڭ گۈلەمخان ئىسىملىك بىر قىزى بارئىكەن. ئاشۇ قىز گېلەم توقۇشتىلا ئەمەس، ھەتتا قۇشلارنىڭ تىلىنىمۇ بىلىدىكەن. بىر كۈنى بۇ قىزنىڭ دادىسى ئۆز ۋەزىرلىرى بىلەن دەريا بويىدا تاماشا قىلىۋاتقاندا، بىر قۇشنىڭ باشقا قۇشلارغا ئوخشىمايدىغان ئاۋازدا سايراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ. بۇنىڭغا ئەجەبلەنگەن شاھ ۋەزىرلىرىدىن: « بۇ قۇش نېمە دەپ سايراۋاتىدۇ؟ قۇشنىڭ تىلىنى كىم بىلىدۇ.؟» دەپ سوراپتۇ. ۋەزىرلەر بۇ قۇشنىڭ تىلىنى ئۇنىڭ قىزى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىزىنى چاقىرىپ سوراپتۇ. ئۇنىڭ قىزى: «بۇ قۇش ئايال كىش شاھنى گاداي قىلىۋېتىشى ۋە شۇنداقلا گاداينى شاھ قىلىۋېتىشى مۇمكىن، دەپ سايراۋاتىدۇ»دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ شاھ غەزەبلىنىپتۇ -دە، بىر گاداينى چاقىرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا قىزىنى تۇرمۇشقا چىقىرىپ: «مانا ئەمدى ئۇنى سەن شاھ قىلىپ باق»دەپ، ئۇلارنى چۆلگە ھەيدىۋېتىپتۇ.
گاداي چۆلدىن ئوتۇن تېرىپ بازارغا ئەكېلىپ ساتىدىكەن، تاپقان پۇلىغا ھەركۈنى يىپ سېتىۋېلىپ ئايالىغا ئەكىلىپ بېرىدىكەن. گۈلەمخان ئېرى ئەكىلىپ بەرگەن يىپتىن ھەرخىل كەشتىلەرنى توقۇيدىكەن، ئېرى ئۇنى بازارغا ئاپىرىپ ساتىدىكەن. پەيدىنپەي ئۇ گىلەم توقۇشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىپ ئاجايىپ ئۇز، جۇلالىق گېلەملەرنى توقۇپتۇ. ئېرى بۇ گىلەملەرنى سېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كاتتا باي بولۇپ كېتىپتۇ. ئاخىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇرۇنقى گاداي ئۆزى ئوتۇن ئاپىرىپ ساتقان شەھەرگە پادىشاھ بوپتۇ.
بىر كۈنى گۈلەمخان دادىسىنى مېھمانغا چاقىرىپتۇ. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېرى شاھلىق سەلتەنىتى بىلەن قىزنىڭ دادىسىنى قوبۇل قىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن شاھ ھېلىقى قۇشنىڭ سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ شاھ ئەل - جامائەت ئالدىدا قىزى توقۇغان گىلەمگە ئۇنىڭ نامىنىڭ نامىنى بېرىپتۇ. شۇندىن باشلاپ خوتەن گېلەملىرىنىڭ ئايرىم تۈرلىرى گۈلەمخاننىڭ نامى بىلەن «گۈلەم گېلىمى »دەپ ئاتالغانىكەن