UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئۆمۈر تەقسىماتى ھەققىدە رېۋايەت

ئۆمۈر تەقسىماتى ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر بىر كۈنى خۇدا بارلىق جانلىق مەۋجۇداتنى يىغىپ ئۇلارغا ئۆمۈر تەقسىم قىپتۇ. ئادەمگە ئوتتۇز يىل، ئىت بىلەن ئېشەككە قىرىق يىلدىن ئۆمۈر تەقسىم بولۇپتۇ. ئادەم ئۆزىگە ئاران ئوتتۇز يىل ئۆمۈر تەقسىم قىلىنغانلىقىغا نارازى بولۇپ: _ ئاللا، سەن نېمىشقا ماڭا ئاران ئوتتۇزيىل ئۆمۈر تەقسىم قىلىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئاللاتائالا بۇنىڭغا: _ بۇنىڭغا پەقەت ئامال يوق، باشقىلاردىن جىقراق ئاشمىدى ئەمەسمۇ، - دەپتۇ، دەل شۇ پەيتتە ئېشەك يېتىپ كېلىپ: _ ئىھ ئاللا، سەن ماڭا قىرىق يىل ئۆمۇر ئاتا قىپسەن، مەن قىرىق يىلدا نېمە ئىشلارنى قىلىمەن؟ - دەپ سوراپتۇ. ئاللاتائالا ئۇنىڭغا: _ سەن مۇشۇ ئادەملەرگە ئىشلەپ بېرىسەن، يەر ھەيدەيسەن، ھارۋا سۆرەيسەن، خامان تېپىسەن، ئادەملەرنى سېنى مىنىدۇ، سەن مۇشۇنداق ئەمگەكلەرنى قىلىپ ئادەملەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىسەن، ئۇلار سېنى سامان بېرىپ باقىدۇ. - دەپتۇ. ئېشەك بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قارا تەرگە چۆمۈپ كېتىپتۇ. ئۇ روھى چۈشكەن ھالدا ئاللاتائالادىن ئۆمرىنى يىگىرمە يىل قىسقارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاتائالا ئۇنىڭ يىگىرمە يىللىق ئۆمرىنى ئادەمنىڭ ئۆمرىگە قوشۇپ بېرىپتۇ. ئېشەك خۇشال بولۇپ ئەمدى كېتىپ تۇرۇشىغا، ئىت يۈگۈرۈپ كەپتۇ. ئۇ : «ئى ئاللا، سەن ماڭا قىرىق يىل ئۆمۈر ئاتا قىلدىڭ، مەن نېمە ئىش ئىشلارنى قىلىمەن؟» دەپ سوراپتۇ. ئاللاتائالا ئۇنىڭغا : «سەن ئادەملەرنىڭ ھويلا - ئاراملىرىنى باقىسەن، مال - مۈلكىنى قويدايسەن ، سەن ئۆز ئېگەڭگە ۋاپادار، بۇرۇقلارغا رەھىمىسىز بولىسەن، جامائەتنىڭ مال - مۈلكىنى جان تىكىپ قوغدايسەن، ئۇلار ئۈچۈن جېنىڭنىڭ بارىچە خىزمەت قىلىسەن. باي ئائىلىلەردە بېقىلساڭ، ئۇلار ساڭا گۆشنىڭ سۆڭەكلىرىنى، ئېشىپ قالغان ئاشلارنى بېرىدۇ. كەمبەغەل ئائىلەردە بېقىلساڭ، ئاشنىڭ يۇندىلىرىنى بېرىدۇ، بەزىدە ئاچ، بەزىدە توق يۈرىسەن!» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئىتنىڭ ماغدۇرى قېچىپتۇ. ئۇ ئاللاتائالادىن ئۆمىرنى يىگىرمە يىل قىسقارتىپ بېرىشنى ئىلتىجا قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئاللا ئىتنىڭ يىگىرمە يىل ئۆمرىنىمۇ ئادەمگە قوشۇپ بېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن يەتمىش يىل بوپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئوتتۇز يىل ئۆمرىدە ئوي - ئوچاقلىق بولۇپ كۈنلىرىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇتتۇز ياشىتىن ئەللىك ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا، يەنى ئۆي - ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن جاپا - مۇشەققەتتە ئىشلەپ ئائىلىسىنى باقىدىكەن. ئەللىك ياشىتىن يەتمىش ياشقىچە كۈنلىرىنى تەمەخورلۇق بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
ئۆمۈر تەقسىماتى ھەققىدە رېۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki