چىڭگىللار
رېۋايەتلەر
زۇلقەرنەين ئارغۇ (ئۇيغۇر قەبىلىلەرنىڭ ئىتىپاقىدىكى بىر ئۇرۇقنىڭ نامى) ئېلىگە كەلگەندە، قاتتىق يامغۇر يېغىپ، يوللار پاتقاقلىشىپ ماڭغۇسىز بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ ھالنى كۆرگەن زۇلقەرنەين پارس تىلىدا:«ايىن چەكىل راست»(نېمىدىگەن يامان پاتقاق بۇ، دېگەن بولىدۇ) دەپ كايىپتۇ ۋە كېيىن ئۇ يەرگە بىر قورغان سالدۇرۇپتۇ. بۇ قورغان «چىگىل» دەپ ئاتىلىپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ قورغاندا ئولتۇراقلاشقان تۈرك قەبىلىسىمۇ «چىگىل» دەپ ئاتىلىپتۇ. بۇ نام كېيىنچە ئەتراپقا يېيىلىپتۇ ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىپتۇ.