UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتسائادەت بەگ

سائادەت بەگ

رېۋايەتلەر بۇرۇنقى زاماندا دولانلىقلارنىڭ سائادەت بەگ دەپ بىر ھاكىمى ئۆتكەنىكەن. ئۇ ناھايىتى ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك كىشى ئىكەن. ئۇنىڭ تۇرىدىغان جايى «سائادەت بەگنىڭ لەمپىسى» دەپ ئاتىلىدىكەن. دولانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىكەن. سائادەت بەگ بولسا، خەلق بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتىدىكەن. دۈشمەنلىرىگە بولسا، ئىنتايىن رەھىمسىز ئىكەن. رەقىبلەرنى جازالىماقچى بولسا ئىشتاننىڭ ئىچىگە قۇم تولدۇرۇپ پۇشقىقىنى بوغۇپ، ئۇنى جازالىغۇچىنىڭ بوينىغا ئارتىپ تېڭىپ، يەكەن دەرياسىغا تاشلىۋېتىدىكەن. شۇڭا سائادەت بەەنىڭ نامى يۇرت - يۇرتلارغا تارقاپ، باشقا يۇرت بەگلىرى ئۇنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ دولانلىقلارغا چېقىلالمايدىكەن. سائادەت بەگ مۇشۇنداق يۇرت سوراپ يۈرگەن زامانلاردا ئۇ يەر - بۇ يەردىن غوجا، ئىشانلار دولان دىيارىغا كېلىپ مۇرىت توپلاپ، بەگلىك ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىپ سائادەت بەگنىڭ چىشىغا تېگىپتۇ. بۇ ئىشتىن سائادەت بەە بەكمۇ خاپا بولۇپ «خەپ» دەپ يۈرۈپتۇ. بىر كۈنى سائادەت بەگ ئادەملىرىنى باشلاپ يۇرت ئارىلاپ دېھقانلارنىڭ ھال - كۈنىنى ئۇقۇشماقرى بولۇپ بىر مەھەللىگە كەلسە، ئېتىز - ئېرىقتا بىرمۇ ئادەم يوقمىش. بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلسە بىر قېرى كىشى ئولتۇرۇپتۇ. سائادەت بەگ ئۇنىڭدىن: _ بۇ مەھەللىدە ئادەم كۆرۈنمەيدۇ، ئۇلار نەگە كەتتى؟ - دەپ سوراپتۇ. ئۇ ئادەم خاۋاب بېرىپ: _ بۈگۈن قىرىق كۈن بولدى، غوجام كەلگەنىدى. ئۇ يالغۇز بىر گەمىگە كىرىۋېلىپ ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. بۈگۈن ئۇنىڭ ئېتىكاپتىن چىقىدىغان كۈنى ئىكەن. كۆپچىلىك شۇ زاتنى زىيارەت قىلىپ، «دۇئا» ئالغىلى كەتتى، - دەپتۇ. سائادەت بەگ بۇنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ، ئادەملىرىنى باشلاپ غوجام چۈشكەن جايغا بارسا بىر گەمە تۇرۇپتۇ. سائادەت بەگنىڭ گەمىگە يېتىپ بېرىشى بىلەن غوجامنىڭ گەمىدىن چىقىشى تەڭ كېلىپ قاپتۇ. سائادەت بەگ قارىسا، كاللسىغا قازاندەك سەللىنى ئوراپ، قولىدا تەسۋى تۇتقان بىر ئادەم گەمىدىن چىقىۋاتقۇدەك. سائادەت بەگ ئۇنى كۆرۈپلا دەرھال ئۆلتۈرۈشكە پەرمان قىپتۇ ۋە شۇ زامان غوجىنى ئۆلتۈرۈپتۇ. بۇ جايغا جامائەت توپلاشقانىكەن، ئۇلار، سائادەت بەگنىڭ بۇ ئىشىدىن نارازى بولۇپ غۇلغۇلا قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇنى سەزگەن سائادەت بەگ دەرھال بىر تەدبىر ئويلاپ تېپىپتۇ - ە، جەسەتنىڭ قېشىغا بېرىپ: _ ئەستاغپۇرۇللا! بۇ نېمە كارامەت، ھېلىلا بۇ كىشى مېنىڭ كۆزۈمگە تۆت كۆزلۈك ئىت كۆرۈنگەنىدى. مەن شۇ ئىتنى ئۆلتۈرۈڭلار دېگەنىدىم. بۇ بىر ئۇلۇغ زات ئىكەن ئەمەسمۇ، خەير، خۇدانىڭ تەقدىرى شۇنداق ئىكەن، مېنىڭ نېمە ئىلاجىم. بۇ ئىش تەقدىردىن بولمىغان بولسا، ئۇ ماڭا ئىت سۈرىتىدە كۆرۈنمەيتتى. ئاللانىڭ رۇخسىتىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئەجىلى مېنىڭ قولۇمدا ئىكەن، ماڭا دۇچار بوپتۇ، ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن، كېلىڭلار، نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلايلى، _ دەپ جامائەتنى تەكلىپ قىپتۇ. سائادەت بەگنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كىشىلەر ئىشىنىپ، غەزىپى يېنىپ پەسكويغا چۈشۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ خوجىنىڭ ئۆلۈكىنى شۇ يەرگە كۆمۈپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ خەۋەرنى يۇرت - يۇرتقا ئاڭلىنىپتۇ. ئەسلىدە ئۇ خوجا مەقسەتلىك كەلگەنىكەن. ئۇنىڭ ئۆلۈمى ھەممە سوپى - ئىشانلارنى لەرزىگە سېلىپ، شۇنىڭدىن كېيىن خوجا ئىشانلار دولان يۇرتىغا خالىغانچە كېلەلمەيدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت