UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتكەلپىن

كەلپىن

رېۋايەتلەر قەدىمىكى زاماندا كەلپىن ئەتراپىدىكى تاغلار ناھايىتى قېلىن جاڭگاللىق ئىكەن. بۇجاڭگاللاردا ھەرخىل ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاياقدىندۇ كەلگەن يەتتە ئوۋچى كەلپىن تاغلىرىدا ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپ بىر بۇلاقنىڭ (ھازىرقى بېلىقلىقتىكى بۇلاق) بېشىغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇلار بۇلاقنىڭ سۈيىنى قانغۇچە ئىچىپ ھاردۇق چىقىرىپتۇ. ئۇلار مۇشۇ بۇلاق سۈيىنى بويلاپ مېڭىپ كۆرەيلى، بىرەر يۇرت ئۇچراپ قالسا ئەجەب ئەمەس، - دېيىشىپتۇ. ئۇلار بۇلاق ئېقىنىنى بويلاپ مېڭىپتۇ. سۇنى بويلاپ مېڭىۋېرىپتۇ. سۇ بىر يەرلەرگە كەلگەندە ئىككى ئېرىقتا (ھازىرقى گەزلىك يېزا، يۇرچى يېزىلىرىغا سۇ ئايرىپ بېرىدىغان ئىككى توما) بۆلۈنۈپ كېتىپتۇ. بۇ يەتتە كىشى ئۈچىمىز بىر ئېرىقنى، تۆتىمىز بىر ئېرىقنى بويلاپ ماڭايلى ،دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ مېڭىپتۇ. ئۇلار مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ. بىر ئېرىقتىكى سۇ بىر تۈزلەڭلىكتىكى مۇنبەت يەرلەرگە كېلىپ يېيىلىپ سىڭىپ كېتىپتۇ. ئۇ تۈزلەڭلىك ھازىرقى قالما كەنتى ئەتراپى ئىكەن. يەنە بىر ئېرىقنىڭ سۈيى ھازىرقى ئايماق، توما ئېرىق كەنتلىرىدىكى مۇنبەت يەرلەرگە تارالغانىكەن. بۇ يەرگە كەلگەنلەر سۇنىڭ موللۇقى، يەرلەرنىڭ مۇنبەتلىكىنى كۆرۈپ، كەپە ياساپ ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا باشلاپتۇ، ئۇلار ئولتۇراقلاشقان جايلىرىنى ئۇ كەنت، بۇ كەنت دەپ ئاتىشىپتۇ. بۇ يەتتە كىشىنىڭ ھەممىسى ئەر بولغانلىقى ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا قىيلىنىپ، خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ بىردىن ئايال كىشى بېرىشنى تىلەپتۇ. ئۇلارنىڭ نالىسى خۇداغا يېتىپ، خۇدا بۇلارغا ئاسماندىن بىردىن پەرىزات چۈشۈرۈپ بېرىپتۇ. ئۇلار بۇ پەرىزاتلار بىلەن ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ، ئاۋۇپ ھازىرقى كەلپىن پەيدا بولغانىكەن. كەلپىن دېگەن نام - ئۇلار ئەڭ دەسلەپ كەپە ياساپ ئولتۇرغانلىقتىن ، دەسلەپ «كەپە» دەپ ئاتىلىپ، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدرىجىي كەلپىن بولۇپ قالغانىكەن. كەلىپىن كىشىلىرىنى باشقىلارنىڭ «ئېزىتقۇ» دېيىشىدىكى سەۋەب كەلپىننىڭ ئانىسى پەرىزات ئىدى، دېگەن ئۇقۇمدىن كېلىپ چىققان.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
كەلپىن | UyghurWiki | UyghurWiki