كوشات شەھىرى
رېۋايەتلەر
رېۋايەتچىلەر ئۆتكەن ئىشلارنىڭ تارىخىنى رېۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇلەركى، رېۋايەتلەرگە قارىغاندا، تەخمىنەن ئۈچ مىڭ يىللار بۇرۇن تەڭرىتاغ بىلەن بۇغداتاغ ئارىلىقىدىكى يەتمىش ئىككى خىل ئېسىل مەدەن ئۈستىدىكى گۈزەل بىرجايدا سېپىللىرى ئەبجەش مىتالدىن، دەرۋازىسى ئالتۇندىن، زەنجىر ۋە قۇلۇپلىرى تىللادىن، سېپىللىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئۇچار قۇش ئۆتەلمەيدىغان ھەيۋەتلىك بىر شەھەر بولغانىكەن. بۇ شەھەرنىڭ ئادىللىقتىمۇ، زالىملىقتىمۇ، سېخيلىقتىمۇ، بېخىللىقتىمۇ نامى چىققان كوشات ئىسىملىك بىر پادىشاھى بولغانىكەن. پادىشاھ ئادىللىقتا نوشىرۋاندىن، زالىملىقتا ھۆججازدىن، سېخيلىقتا ھاتەمدىن، بېخىللىقتا شەپشىكى جادۇ - سەرناستىن قېلىشمايدىكەن. پادىشاھنىڭ نامى ،شۆھرىتى ھەممە يەرگە تارالغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر شەھەر نامىنى پادىشاھ كوشات نامى بىلەن ئاتايدىكەن.
رېۋايەتچىلەر شەھىرى كوشاتنى شۇنداق سۈرەتلەيدۇكى، بۇ شەھەرنىڭ كوچا تاملىرى ئالتۇندىن سىرلانغان بولۇپ، ھەر يەتتە قەدەمگە ئورنىتىلغان زەيتۇن دەرىخىگە قىرىق چاقىرىم يەرگىچە نۇر چېچىپ تۇرىدىغان غاز تۇخۇمىدەك گۆھەر ئورنىتىلغانىكەن. شۇڭا بۇ شەھەرنىڭ كېچە بىلەن كۈندۈزى ئوخشاش يۇرۇپ تۇرىدىكەن.
پادىشاھ ئوردىسىنىڭ تاملىرى ئالتۇن، يەرلىرى كۈمۈشتىن، ئايۋان -سارايلىرىنىڭ تاملىرى ئۈنچە - مەرايىت، جاۋاھىر بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ھەربىر ۋاسا جۇپقا قىرىق تالدىن قىزىل ياقۇت كۆز قويۇلغانىكەن. شەھەر كوچىسىنىڭ ئوڭ يېقىدىكى ئالتۇن ئېرىقتا يەتمىش ئىككى خىل شېرىن - شەربەتلىك مېۋە -چېۋە شىرنىسى بىلەن ئۆمۈر ئۇزارتىدىغان مېھرىگىياھ شارابى، سول يېقىدىكى كۈمۈش ئېرىقتا كىشىنى مەستخۇش ۋە خۇشچاغ قىلىدىغان گۈل شارابى ئاقىدىكەن. ئەتراپ ياپيېشىل بوستانلىق ئىكەن. بۇ يەردە مۇلازىمەت قىلىدىغانلار خۇش چاقچاق ۋە سازەندە، ناخشىچىلار ئىكەن. ئۇلار ناخشا تېكىستىلرىنى ئېيتىپ:
سايغا بوستان سالىمەن سايىداپ ئۆت،
گۈل ھارىقى تارتىمەن مەست بولۇپ ئۆت.
دەپ ئۆتكەنلەرنى پاراغەتكە تەكلىپ قىلىپ مۇلازىمەت قىلىدىكەن. رېۋايەتچىلەر شەھەر خەلقىنىڭ ھۈنەر - كەسىپ، ئىش - ھەرىكىتىدىن رېۋايەت قىلىپ ئېيتىدۇكى، شەھەر خەلقى خىلمۇخىل ھۈنەر سەنئەتكە باي بولۇپ، ئالتۇن - كۈمۈشتىن خىلمۇ خىل سەنئەت بويۇملىرىنى ياسايدىكەن. تەتىللا، كىمخاب، شايى - ئەتلەس، بەقەسەم ۋە تاۋار - دۇردۇرنلارنى توقۇيدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ بۇ خىل ئالتۇن - كۈمۈش ۋە خىلمۇ خىل توقۇلمىلىرى جاھان بازارلىرىنى ئاۋات قىلىدىكەن. شەھەرخەلىقنىڭ مەمۇرچىلىقىدىن پادىشاھ كوشات مەمنۇن ئىكەن. جۈملىدىن بۇ شەھەردىكى دېھقانلار ، چارۋىچىلار، ھۈنەرۋەنلەر، سودىگەرلەر، دۇكاندارلاردىن باج - خىراجەت ئالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەردە ھەر كۈنى يەتمىش يەردە قازان ئېسىلىپ شاھلىق تاماق بېرىلىدىكەن. بۇ شەھەردە بىرەر كىشىنىڭ يوقسۇزلۇق ياكى زۇلۇم دەردىدىن دادلايدىغىنىنى كۆرگەن ھېچ كىشى يوق ئىكەن.
بۇ شەھەرنىڭ خەلقى يىلدا بىر قېتىم شەھەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى يەتتە دەرۋازىدىن جازا مەيدانىغا چىقىپ، گۇناھى ئۈچۈن يەتمىش ئىككى خىل ئازاب بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمزات، ھايۋانات، ئۇچار قۇشلار، ھەتتا چەرەندە - پەرەندىلەرنىڭ ئۇستىخانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئورۇن ئالغان زەھەرلىك چايان - يىلانلار، خىلمۇخىل ھاشارەتلەرنى كۆرۈپ، ئىبرەت ئېلىپ قايتىدىكەن. شۇڭا بۇ شەھەر گۇناھى كەبىردىن خالىي بولۇپ، خەلق پاراۋان ئۆتىدىكەن. بىراق بۇنداق پاراۋان تۇرمۇشنىڭ قانچە ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقى مەلۇم ئەمەس. تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەملىكى پادىشاھ ۋە خەلقنى خارامۇش قىپتۇ. راھەتكە بېرىلگەن خەلق بارا - بارا ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ، قىز ئاتىدىن، ئوغۇل ئانىدىن يانمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. بۇ خىل ناشايان ئىشلارغا پەرىشتە - مالائىكىلەر چداپ تۇرالماي خۇداغا نالە قىلغان. دەرگاھى ھەق جەبرائىلغا ئىجازەت بەرگەن. جەبرائىل بۇ شەھەرگە قانىتى ئاستىدىكى بىر تال پەينى تاشلىغانىكەن، شەھەر بۇ پەينى كۆتۈرەلمەي يەتمىش مىڭ گەز زېمىنغا چۆكۈپ كېتىپتۇ، دەقىقە ئۆتمەي بۇ شەھەر ئورنىنى سۇ بېسىپتۇ. شەھىرى كوشاتنىڭ ئورنى ھازىرقى سايۋوپۇ كۆلى بولۇپ، شۇندىن بۇيان بۇ شەھەر سۇ ئاستىدا ئىكەن.