UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتجايپاچچىم

جايپاچچىم

رېۋايەتلەر رېۋايەت قىلىنىشىچە، سولتان سۇتۇق بۇغراخان ئونىنچى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تاغىسى ۋە ئۆگەي دادىسى پادىشاھ ئوغۇلچاق باشچىلىقىدىكى بۇددىستلارنىڭ دەھشەتلىك قارشىلىقىغا دۇچ كەپتۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ، سۇلتۇن سۇتۇق بۇغراخان كۈچ جەھەتتىن ئاجىز كېلىپ، تالاپەت تارتقان قالدۇق قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئاتۇشنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايۇن _ جايپاچچىمغا چېكىنپتۇ. ئۇجايدا جايپاچچىمنى بازار قىلىپ، ئۆزىنى رۇسلاپ، ئەسكەر ئېلىپ، ئات سېتىۋېلىپ، قوشۇننى پەيدىنپەي كېڭەيتىپتۇ. ئاندىن قۇرال كۈچى بىلەن ئىسلام دىنىنى قاراخانىلار خاندانلىقى ۋە پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىپتۇ. كېيىن بۇ جاي ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولۇپ قاپتۇ. جايپاچچىم سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان تۇرغان يەر بولۇپ، ئەسىلىدە بۇ يەرنىڭ ئىسمى جاي دەپ ئاتىلىدىكەن. پاچچىم بىر ئويغۇر ئايالنىڭ ئىسمى بولۇپ، ئۇ ئەينى زاماندا مەشھۇر ئايال ئىكەن. ئۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ سۇتۇق بۇغراخان بىلەن بۇجايغا كېلىپ، ئۇرۇشقا قازا تاپقانىكەن. (ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ بار) سوتۇق بۇغراخان ئۇنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ جايغا جايپاچچىم(پاچچىمنىڭ جايى)دەپ نام بەرگەنىكەن. بۇ جايدا يەنە «قولسالدى مازار» دېگەن بىر بۇلاق بار. رېۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ بىر مۇقەددەس بۇلاق ئىكەن. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مۇشۇ يەردە تۇرغاندا قولىدا يەرنى كولىغان، بۇلاق شۇ چاغدا ئاپىرىدە بولغان. تۇغماس ئاياللار قولىنى بۇلاققا چىلاپ قولىنى تامشىپ يالىسا ھامىلدار بولارئىمىش. قولسالدى مازارنىڭ تەسكەي تۆپىلىكىدە «غۇسۇلخانا» دەپ بىر ئورەك بار. ئۇنىڭ ئاستىدىن بىر بۇلاق سىزىپ ئېقىپ تۇرىدۇ. رېۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ يەردە سۇتۇق بۇغراخان يۇيۇنغان. شۇڭا، غۇسۇلخانا دەپ ئات قويۇلغانىكەن. بۇ يەردە يەنە چوڭ تاش ئوقۇر بار، ئوقۇر يېنىدا تۈۋرۈك شەكىللىك بىر تاش بار. رېۋايەت قىلىنىشىچە ، بۇ سۇتۇق بۇغراخان ئات باغلايدىغان جاي ئىكەن. ئۇ يەردە يەنە تامچە مازار دېگەن يەر بار. ئۇ ياشەكىلىلك ئۆڭكۈر بولۇپ، ئۆڭكۈر لەمپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سۇ تىك ئېقىپ چۈشىدۇ. ئۆڭكۈرنىڭ تاملىرىدا سۇ تامچىلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بار، بۇ ئۆڭكۈر سۇتۇق بۇغراخان ئەسكەرلىنىرىنىڭ غۇسۇسخانىسى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يەردە قىرىق مەسچىت دېگەن يەر بار. بۇ يەرنىڭ ئەتراپى دۆۋە - دۆۋە تاشلار بىلەن ئورالغان، ئوتتۇرىدا قىرىق - ئەللىك كىشى سىغىدىغان ناماز ئوقۇيدىغان تۈز يەر بار. رېۋايەت قىلىنىشىچە، سۇتۇق بۇغراخان بۇ يەرگە كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشۈپتىكەن، ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە قىرىق تاش ئوچاق سېلىپ ئوت يېقىشنى بۇيرۇغان.قىرىق گۈلخاننى كۆرگەن قارشى تەرەپتىكى قوشۇن سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىرىق قوشۇنى بار ئىكەن دەپ چېكىنگەنىكەن. كېيىن بۇ جاي كىشىلەر تاۋاب قىلىدىغان مۇقەددەس جايغا ئايلانغان. بۇنىڭدىن ئىككى يۈز يىل ئىلگىرى تاۋاب قىلىپ چىققانلار چوڭ بىر تاشنىڭ ئۈستىگە ئوچاق ئويۇپ قويغانىكەن، بۇ تاش ئوچاق ھازىرمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتنى تارتىدۇ. يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى قورۇملۇقتا ئىبراھىم ھاجىم دېگەن بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، ھايات ۋاقتىدا مەككىگە بېرىپ ئۈچ قېتىم ھەج قىلغانىكەن، ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ھەجگە بارغاندا ئۇ يەردىكى ئۆلىمالار ئۇنىڭدىن «سەن نېمىدەپ بۇ يەرگە كېلىۋېرىسەن، پۇلۇڭ بولسا شۇ يەردىكى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىل، ئۆز يۇرتۇڭدىكى جايپاچچىنى تاۋاب قىل» دېگەنمىش.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت