بۈۋى مەريەم خېنىم
رېۋايەتلەر
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھۆسن - جامالدا ئاي بىلەن بەسلەشكۈدەك، ئەقىللىق، چېچەن بىر قىزى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بۈۋى مەريەم خېنىم ئىكەن.
بۇ قىز ئوردىدا خاس تەربىيە ئېلىپ، بىلىملىك بولۇپ چوڭ بوپتۇ. تالا - تۈزگە چىقماپتۇ. بالاغەتكە يېتىش ھارپىسىدا بارا - بارا سەيلە - ساياھەتنى كۆڭلى تارتىپ قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە سىرتلارغا چىقىدىغان بوپتۇ. شۇ زامانلاردىكى سۇتۇق بۇغراخان جەمەتىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئاستىن ئاتۇشقا بېرىپ سەيلە قىلىدىكەن. شۇنداق سەيلە كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، بەكېرەملىك باغۋەن يىگىت مەھشەدتىكى شاھ چارىباغلىرىدا باغۋەنچىلىك قىلىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ، بۈۋى مەريەم خېنىمنىڭ ھۆسن - جامالىنى تاسادىپىي كۆرۈپ قېلىپ ئاشىقى بىقارار بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭدا يانغان ئىشق ئوتى ھايال ئۆتمەي مەلىكىنىڭ يۈرىكىگە بېرىپ تۇتىشىپتۇ. ئىككى ياش باغنىڭ بۇلۇڭىدا، مېۋىزارلىقنىڭ سايىسى ئاستىدا ئىما - ئىشارەتلەر ئارقىلىق قەلب سىرلىرىنى ئىزھار قىلىشىپ ۋىسال - ئارزۇلىرىغا يېتىشنى پىچىرلىشىشلار ئارقىلىق ئىپادىلىشىپتۇ.
تۇنجى ئاشىق - مەشۇقلار سىيماسىنى كۆرگەن ب ۇ ئىككى ياش ئۆز ئورۇن - مەرتىۋىلىرىنى، ئادەت كۈچلىرىنى ئۇنتۇشۇپ، بارا - بارا يېقىنلىشىشقا، قوللىرىنى تۇتۇشۇشقا جابدۇنۇپتۇ.
بۇ بەڭۋاش ياشلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئوردا مەھرەملىرى ئىشنىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ، بىرەر پېشكەللىكنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ، پادىشاھقا ئەھۋالنى دەرھال مەلۇم قىپتۇ.
پادىشاھ بۇنداق كۆڭۈلسىز خەۋەرنى ئاڭلاپ، دەرغەزەپكە كەپتۇ - دە، شۇ زامان بۇ ئىككى ئەدەپسىز بالىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
پادىشاھنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈدىغانلىقى ھەققىدىكى شۇم خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە مەلىكە بىلەن يىگىتنىڭ كۆڭلىدىن كېچىپتۇ. ئۇلار ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، ھېچ ئىككىلەنمەستىن قول تۇتۇشقان ھالدا باغنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ، قۇمالتاغ ئارقىلىق بەشكېرەم تەرەپكە قاراپ قېچىپ كېتىپتۇ.
ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ پاك مۇھەببىتىنىڭ خاسىيىتى بىلەن تاغدىن ئىككى ئادەم پاتقۇدەك بىر يول ئېچىلىپ، ھېلىقى ياشلارنىڭ قېچىش يولىغا كۆپ ئوڭايلىق تۇغدۇرۇلۇپتۇ. ئۇلار تاغدىن ئېچىلغان بۇ يول بىلەن كۈچىمەيلا ئۆتۈۋاپتۇ.
پادىشاھنىڭ ياساۋۇل - نۆكەرلىرى ئىشىق (ئىت) يولىنىڭ جاكۇ (چوڭقۇر يەر مەنىسىدە) دېگەن يېرىگە كەلگەندە ئاشىقلارنى تۇتۇۋاپتۇ. تاغنى تالقان قىلغۇدەك نۆكەرلەر پادىشاھ ئەمىرىنىڭ كۈچى بىلەن شۇنداق دەرغەزەپكە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇقنىڭ غۇنچىدەك ھۆسن - جامالى، نارەسىدە قەددى - قامىتى، سەبىي ۋە غۇبارسىز قەلبى، تەلمۈرۈپ تۇرغان خۇمار كۆزلىرى ئۇلارنىڭ ۋەھشىي قىياپىتى ۋە رەھىمسىز قەلبىنى يۇمشىتىپ، رەھىمدىللىك شارابى بىلەن مەستخۇش قىلىپ قويۇپتۇ.
نۆكەرلەر ئۆمرىمىزدە پادىشاھ تۈگۈل، ئادەتتىكى كىشىلەرگىمۇ يالغان ئېيتمىغانىدۇق، پەقەت سىلەرنىڭلا ئاجايىپ جىگەرلىكلىكىڭلار ۋە مەسۇم قەلبىڭلار بىزلەرنى ئۇلۇغ پادىشاھىمىزنىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلەشكە مەجبۇر قىلدى. ئەمدى بۇلغۇلۇق بولدى، كاللىسى كېيىش نۆۋىتى كەلسە بىزنىڭ كەتسە رازى بولۇپ كېتەيلى، ئەمما سىلەرنى تۇتالمىدۇق دەپ مەلۇم قىلايلى، سىلەر يوشۇرۇن ياشاپ، مۇراد - مەقسىتىڭلارغا يېتىڭلار. ئۆمرۈڭلار كۆڭۈللۈك ۋە بەختلىك ئۆتكەي، سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز، - دەپتۇ - دە، ئارقىسىغا يېنىپ كېتىپ قاپتۇ.
ئاشىق - مەشۇقلار بەشكېرەمنىڭ بەشتوغراق دېگەن يېرىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ، ئۆمرىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈپتۇ. پادىشاھ ئۇلارنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇققان بولسىمۇ، لېكىن، سۈرۈشتۈرۈشكە ئۆمرى يار بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنىكەن. لېكىن قۇمالتاغدا ئاشىقلار ئۈچۈن ئېچىلغان كەسمە يول كىشىلەر تەرىپىدىن «ئىشق يولى» (جانلىق تىلدا «ئىشت يولى» دېيىلىدۇ) دەپ ئاتىلىپ، ئاشىقلارنىڭ ئىش ئىزلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ھېكايە قىلىنىپتۇ.
پادىشاھ ئوردىسىدىكى مىرزىلار پادىشاھقا ئۇقتۇرماي مەخپىي كېلىشىپ، ئۈستۈن ئاتۇشتىن كېلىدىغان چقماق دەرياسى (ئاقسۇ دەرياسى) سۈيىدىن بىر «قىزلىق سۇ» ئايرىپ، مەلىكە ئائىلىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئاجرىتىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بەشكېرەملىكلەر «بىر قىزلىق ئېرىقنىڭ سۈيىنى ئىچىدىغانلار» دەپ ئاتىلىدىغان بوپتۇ.
مەلىكە ئۆمرىنى ئاخىرىغىچە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈپ، شۇ يېزىدا ۋاپات بوپتۇ. ئۇنىڭ جەسىتى بەشتوغراققا دەپنە قىلىنغان بولۇپ، مەلىكىنىڭ قەبرىسى شۇنىڭدىن باشلاپ «بۈۋى مەريەم خېنىم مازىرى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپتۇ ۋە ئەسىرلەردىن بۇيان كىشىلەر ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان، ئىخلاسمەنلىك بىلەن دۇئا قىلىدىغان، ساپ دىلى ئېتىقاد قىلىدىغان بىر مۇقەددەس جايغا ئايلىنىپتۇ. بۇ جاي ھازىرمۇ مۇھاپىزەت قىلىنىپ ساقلىنىپ كېلىنمەكتە.