سەئىدىخان غوجام مازىرى
رېۋايەتلەر
قەدىمكى زامانلاردا تۇرپاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئېدىرلىق ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كىچىك بۇلاقلار بار بولۇپ، بۇ يەرگە ئۇزاق زامانلارغىچە ئادەم ئاياغ باسمىغانىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، شۇ ئېدىرلىقتا ئانچە يىراق بولمىغان بىر مەھەللىدە ياشايدىغان سەئىد ئىسىملىك بىر دېھقان بۇ ئېدىرلىققا كېلىپ قاپتۇ. ئۇ بۇ يەرگە تېرىقچىلىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى پەملەپتۇ - دە، ئۆيىگە قايتىپ دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ، ئۇزۇق - تۈلۈكىنى يېتەرلىك ئېلىپ كېلىپ، بوز يەر ئېچىپ يەر تېرىشقا كىرىشىپتۇ. ئۇ بۇلارنىڭ كۆزىنى ئېچىپ، ئېرىقلارنى چېپىپ كۆپ ئەجىر قىپتۇ. كۈزلۈكى ئەجرىگە يارىشا مول ھوسۇل ئاپتۇ. كېيىنچە مەھەللىدىن يەنە بىر مۇنچە كىشىلەر سەئىد دېھقاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ جايغا كېلىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا كېرىپتۇ. بارا - بارا بۇ جايدا ئادەملەر كۆپىيىپ مەھەللىلەر پەيدا بوپتۇ. بىر جۈمە كۈنى سەئىد دېھقان ئۇ ئالەمگە سەپەر قىپتۇ. كىشىلەر ئۇن شۇ جايدىكى ئېگىزرەك تۆپىلىككە دەپنە قىلىپ چىرايلىق گۈمبەز ياساپ قويۇپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن گۈمبەز ئەتراپى كېڭىيىپ چوڭ مازارلىققا ئايلىنىپتۇ. كىشىلەر ئۇ يەردە سەئىد دېھقاننى خاتىرلەپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزىشىدىغان بوپتۇ. كېيىنچە ئۇ يەرنىڭ نامى «سەئىدخان غوجام» دەپ ئاتىلىپ، ئەتراپتىكى يۇرت - مەھەللىدىكى كىشىلەر بۇ يەرگە زىيارەتكە كېلىدىغان بوپتۇ.