UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتمۇدۇ تەڭرىقۇت

مۇدۇ تەڭرىقۇت

رېۋايەتلەر تەڭرىقۇت تۈمەننىڭ مۇدۇ ئىسىملىك خان تېگىنى بار ئىدى. كېيىن تەڭرىقۇتنىڭ سۆيۈملۈك ئالچىسى ئۇنىڭغا كىچىك ئوغلىنى تۇغۇپ بەرگەندىن كېيىن، تەڭرىقۇت مۇدۇنىڭ خان تېگىنلىك ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، كىچىك ئوغلىنى خان تېگىن قىلماقچى بولىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇدۇ ياۋچىلارغا تۇرغاق قىلىپ ئەۋەتىلىدۇ. مۇدۇ ياۋچى ئېلىدە تۇرغاق بولۇپ تۇرغاندا، تۈمەن ياۋچى ئېلىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىدۇ. ياۋچىلار مۇدۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، مۇدۇ ياۋچىلارنىڭ بىر تۇلپار ئېتىنى ئوغرىلاپ مىنىپ، ئۆز ئېلىگە قېچىپ كېلىدۇ. ئوغلىنىڭ باتۇرلۇقىغا قايىل بولغان تۈمەن ئۇنى ئون مىڭ چەۋەسندازغا باش قىلىدۇ. مۇدۇ (ۋىژىلداپ ئۇچىدىغان) ئاۋازلىق ئوق ياسىتىپ، ئۆز چەۋەندەزلىرىغا قارىغا ئېتىشنى مەشىق قىلدۇرىدۇ ۋە: «مېنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇم قەيەرگە قارىتىپ ئېتىلسا، ھەممىڭلار شۇ يەرگە قارىتىپ ئاتىسىلەر، كىم ئاتمايدىكەن، ئۇنىڭ كاللىسى ئېلىنىدۇ!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ ھەمدە شىكارغا چىققاندا، ئاۋازلىق ئوق ئېتىلماستىن تۇرۇپ، ئوق چىقارغانلارنىڭ دەرھال كاللىسىنى ئالىدۇ. بىر قېتىم مۇدۇ ئۆزىنىڭ تۇلپار ئېتىنى نىشانلاپ ئاۋازلىق ئوق ئاتىدۇ. ئەتراپتىكىلەردىن بەزىلەر ئاتنى ئېتىشقا جۈرئەت قىلالمىغاچقا، باتۇر دەرھال ئۇلارنىڭمۇ كاللىسنى ئالىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك خوتۇنىغا قارىتىپ ئوق ئاتقاندا، ئەتراپتىكىلەردىن بەزىلەر ئىنتايىن قورقۇپ ئېتىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقتىن، مۇدۇ ئۇلارنىڭمۇ كاللىسىنى ئالىدۇ. بىر مەزگىل ئۆتۈپ، مۇدۇ يەنە بىر قېتىم شىكارغا چىققاندا، تەڭرىقۇتنىڭ تۇلپار ئېتىنى نىشانلاپ ئاۋازلىق ئوق ئاتىدۇ. ئەتراپتىكى نۆۋكەرلىرىمۇ ئاتىدۇ. ئاندىن، مۇدۇ ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ كارغا يارايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىدۇ. كېيىن، ئاتىسى تۈمەن تەڭرىقۇت بىلەن بىللە شىكارغا چىقىپ، تۈمەنگە قارىتىپ ئوق ئاتىدۇ، ئەتراپتىكىلەرمۇ ئاۋازلىق ئوق بىلەن تەڭلا ئوق چىقىرىپ، تۈمەننى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مۇدۇ ئۆگەي ئانىسىنى، ئىنىسىنى ھەمدە ئۆزىگە بويسۇنمىغان ۋەزىرلەرنى تامامەن ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆزىنى تەڭرىقۇت دەپ ئېلان قىلىدۇ. مۇدۇ تەختكە چىققاندا، تۇڭگۇسلار قۇدرەتلىك ئەل ئىدى. ئۇلار مۇدۇنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختكە چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، تۈمەندىن قالغان تۇلپارنى سوراپ، مۇدۇغا ئەلچى ئەۋەتىدۇ. مۇدۇ ئەتراپىدىكى مەنسەپدارلارنى توپلاپ مەسلىھەت سالغاندا، مەنسەپدارلار: «تۇلپار ئات ھون ئېلىنىڭ تەۋەررۈك ئېتى، بېرىلمىسۇن» دېيىشىدۇ. مۇدۇ: «قوشنىمىز بولغان ئەلدىن بىر ئاتنى ئايايمىزمۇ؟» دەيدۇ ۋە ئاتنى تۇڭگۇسلارغا بېرىۋېتىدۇ. تۇڭگۇسلار مۇدۇنى قورقۇنچاق ھېسابلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تەڭرىقۇتنىڭ بىر ئالچىسىنى سوراپ مۇدۇغا يەنە ئەلچى ئەۋەتىدۇ. مۇدۇ ئەتراپىدىكى مەنسەپدارلىرىدىن مەسلىھەت سورىغىنىدا، مەنسەپدارلار غەزەپلىنىدۇ: «تۇڭگۇسلار يولسىزلىق قىلىپ ئالچى سوراپتۇ، ئۇلارنىڭ ئەدىبىنى بېرەيلى!» دەپ ۋارقىرىشىدۇ، مۇدۇ بولسا: «قوشنىمىز بولغان ئەلدىن بىر ئايالنى ئايايمىزمۇ؟» دەپ ياخشى كۆرۈپ قالغان ئالچىسىنى تۇڭگۇسلارغا بېرىۋېتىدۇ. تۇڭگۇسلار خانى بارغانچە كۆرەڭلەپ، غەربكە ھۇجۇم قىلىدۇ. تۇڭگۇسلار بىلەن ھونلارنىڭ ئارىلىقىدا مىڭ چاقىرىمدىن ئوشۇق كېلىدىغان بىر ئىنس - جىن يوق تاشلاندۇق يەر بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ مۇشۇ يەرنىڭ ئىككى چېتىگە كەپىلەر ياساپ، قاراۋۇللارنى قوياتتى. تۇڭگۇسلار مۇدۇ تەڭرىقۇتقا ئەلچى ئەۋەتىپ: «سىلەر ھونلار بىزنىڭ قاراۋۇلخانىمىز ئالدىدىكى تاشلاندۇق بوش يەرگە ئاياغ باسقۇچى بولماڭلار. ئۇ يەرنى بىز ئىگىلىمەكچىمىز» دەيدۇ. مۇدۇ مەنسەپدارلىرىنى يىغىپ يەنە مەسلىھەت سورىغاندا، مەنسەپدارلارنىڭ بەزىلىرى: «ئۇ يەرنى بىز تاشلىۋەتكەن، ئۇنى بەرسەكمۇ بولىدۇ، بەرمىسەكمۇ بولىدۇ» دېيىشىدۇ. بۇنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولغان مۇدۇ: «يەر - زېمىن دۆلەتنىڭ ئاساسى. نېمە ئۈچۈن زېمىنىمىزنى بېرىدىكەنمىز؟» دەيدۇ ۋە زېمىن بېرەيلى دېگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ. مۇدۇ تەڭرىقۇت يۈرۈشكە ئاتلىنىپ، ئەل ئىچىدە يۈرۈشكە چىقمىغانلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەرققە - تۇڭگۇسلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلىدۇ. ئەزەلدىن مۇدۇنى كۆزگە ئىلماي كەلگەن تۇڭگۇسلارنىڭ ھېچقانداق تەييارلىقى يوق ئىدى. مۇدۇ قوشۇن بىلەن كېلىپ، تۇڭگۇسلار خانىنى تارمار قىلىپ، ئاھالىسىنى ئەسىر، مال - مۈلكىنى غەنىيمەت ئېلىپ قايتىدۇ. مۇدۇ غەربكە - ياۋچىلار ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ، ياۋچىلارنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەنۇبتا لۇفەن خانىنى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى بەيان خانىنى ئۆزىگە قارىتىۋالىدۇ. چىن شىخۇاڭ دەۋرىدە مېڭ تيەن ھونلاردىن تارتىۋالغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇۋېلىپ دەريانىڭ جەنۇبىدىكى قەدىمكى قورۇلنى خەن خاقانلىقى بىلەن چېگرا قىلىپ، تاكى جۇنا، فۇشى دېگەن يەرلەرگىچە يېتىپ كېلىدۇ. ئاندىن يەن، دەي ۋىلايەتلىرىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ. شۇ چاغلاردا ىەن قوشۇنلىرى شىياڭ يۈي بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، خەن ئۇرۇش ھارغىنلىقى ئىچىدە تۇرۇۋاتقاچقا، مۇدۇ قۇدرەت تېپىپ، ئۈچ يۈز مىڭدىن ئارتۇق جەڭگىۋار قوشۇنغا ئىگە بولغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، مۇدۇ ۋاپات بولىدۇ. ئوغلى قايۇق (كىئوك) تەختكە چىقىدۇ. ئۇ ئاغا تەڭرىقۇت دەپ ئاتالغانىدى.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
مۇدۇ تەڭرىقۇت | UyghurWiki | UyghurWiki