UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئىنسانلارنىڭ رىزقى نېمىشقا كېمەيتىۋېتىلگەن

ئىنسانلارنىڭ رىزقى نېمىشقا كېمەيتىۋېتىلگەن

رېۋايەتلەر زامان ئەۋۋەلىدە، ئىلگىرى، بۇ دۇنيا ئىنتايىن تىنچ، توقچىلىق، كىشىلەر ئىناق، ئىنسابلىق، يۇرت -شەھەرلەر ئاۋات ئىكەن. ئۇ چاغدا ئالما دەرىخى تاۋۇزدەك، نەشپۈتلەر مانتا كاۋىسىدەك، ئۆرۈك، شاپتۇللار چىلگىدەك چوڭ مېۋىلەيدىكەن، ئېرىق - ئېقىنلاردا سۇ ئورنىغا سۈت ئاقسا، ئاسماندىن يامغۇر ئورنىغا سەھەل، مۆلدۈر ئورنىغا ناۋات ياغىدىكەن، قۇناقلار سۇۋادان تېرەكتەك بوي تارتىپ غۇلاچتەك باش ئالسا، بۇغدايلار ئۆگزە بويى ئۆسۈپ، ئۇچىدىن تۈۋىگە قەدەر دان تۇتىدىكەن.ئاشلىق، مېۋە - چىۋە، گۆش - ياغ، سۈت - قايماقلارنىڭ ئەلۋەكچىلىكىدىن ئۇنى يىغىشتۇرۇپ بولۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. شۇڭا، ئۇزاماندىكى ئادەملەرمۇ مۇناردەك قامەتلىك، ئارسلاندەك كۈچتۈڭگۈر، جاھانكەچىتىلەردەك بىغەم ئىكەن. تۇرمۇشنىڭ مەمەرۇچىلىقى، ياشاش شارائىتىنىڭ ئەۋزەللىكى بارا - بارا ئىنسانلارنى ھۇرۇنلۇققا، ئىسراپخورلۇققا، كۇپۇرلۇققا ئادەتلەندۈرۈپ قويۇپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، خىزىر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئارىسىغا چۈشۈپ كۆزىتىپ تۇرسا، بىر يىگىت يەپ بولالمىغان يېرىم قاتلىمىنى يولنىڭ ياقىسىغا چۆرىۋېتىپ كېتىۋاتقۇدەك؛ يەنە بىر ئازدىن كېيىن بىر موماي ئېشىپ قالغان بىر قاچائاشنى ئەخلەت دۆۋىسىگە تۆكىۋېتىپ كىرىپ كېتىۋاتقۇدەك؛ خىزىر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇنسىز ئىسراپ بولۇپ كېتىۋاتقان ئىشلىققا ئىچى سىيرىلىپ، ئىنسانلارنىڭ نائىنسابلىقىغا، كۇپۇرلىقىغا ئېچىنىپ تۇرغاندا، قارشى تەرەپتىن بىر قولىدا داستىخىنىنى كۆتۈرۋالغان بىر جۇۋان چىقىپ كەپتۇ. دەل خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە جۇۋاننىڭ بۇۋىقى چىچىپ قويۇپتۇ. جۇۋان داستىخاننى ئېچىپ، ماي تەپچىپ تۇرغان يۇمشاق پوشكاللار بىلەن بالىسىنىڭ قوڭىنى ۋە پوقتا بۇلغانغان ئىشتان - پايپاقلىرىنى سۈرتۈپ، يول ئۈستىگە تاشلىغىلى تۇرۇپتۇ. خىزىر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەھر - غەزىپى كېلىپ: _ ھەي ياخشىلىق ياراشماندىغان كۇپرانىلار، بىر دان ئاشلىققا زار بولۇپ ئۆتۈشكەيسەن، - دەپ قارغاپتۇ - دە، ئېتىزلاردا پىشىپ تەييار بۇغداي باشاقلىرىنى بىر سىرىغانىكەن، شۇئان بىر ئاق ئىت پەيدا بولۇپ، بۇغداينىڭ تېخى سىرىپ بۇلۇنمىغان باشاق ئۇچىنى چىشلەپ نالە قىلىپ تۇرىۋاپتۇ. خىزىر ئەلەيھىسسالام قانچە كايىسىمۇ، ھېلىقى ئىت كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش تۆكۈپ تۇرۇپ: _ ئى خىزىر ئەلەيھىسسالام، سەن ئىنسانلارغا بولغان خاپىچىلىقىڭنى چىقىرۋېلىش ئۈچۈن، بۇغدايلارنى سىيرىپ دان بەرمەس قىلىۋەتسەڭ، بىز نېمە يەيمىز؟ - دەپ نالە قىپتۇ. خىزىر ئەلەيھىسسالام ئىتقا ئىچ ئاغرىتىپ، بۇغداي باشىقىنى سىيرىشتىن كېچىپتۇ. بىراق، شۇ پەيىتتىن باشلاپ، بۇغدايلار ئۇچىدىن تۈۋىگىچە دان تۇتماي، پەقەت خىزىر ئەلەيھىسسالام سىيرىپ چۈشۈرۋېتىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن، ئاق ئىت چىشلەپ قۇتقۇزۇۋالغان ئازغىنا ئۇچىلا باش چىقىرىپ دان تۇتىدىغان بولۇپ قالغانمىش. كونىلارنىڭ «ئىنسانلارنىڭ يەۋاتقان ئاشلىقى ئىتنىڭ رىزقى » دېگەن سىرلىق سۆزلىرىمۇ دەل شۇ ۋەقەدىن كېلىپ چىققانمىش.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت