UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتكالا توغرىسىدا رېۋايەت

كالا توغرىسىدا رېۋايەت

رېۋايەتلەر 1 ئالەم بىنا بولۇپ، ئىنسانلار ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتا، كالا ئاللاتائالانىڭ ئىنسانلار بىلەن ئالاقىلىشىتىكى ئەلچىسى ھەم خەۋەرچىسى ئىكەن. بىر كۈنى ئاللاتائالا كالىنى چاقىرىپ: _ سەن زىمىنغا چۈشۈپ، ئىنسانلارغا ئېيت، ئىنسانلار كۈنىگە ئۈچ ۋاخ يۈزىنى يۇسۇن، بىر ۋاخ تاماق يېسۇن، - دەپتۇ. كالا زىمىنغا چۈشۈپ ئىنسانلارغا: _ مەن سىلەرگە ئاللانىڭ پەرمانىنى ئېلىپ كەلدىم، ئاللاتائالا سىلەرنى كۈنىگە ئۈچ ۋاخ تاماق يېسۇن، بىر ۋاخ يۈزىنى يۇسۇن دېدى! - دەپتۇ. ئىنسانلار: _ بىز ئاللاغا پەرمانبەرداردۇرمىز، دېگىنىنى قىلىمىز، - دېيىشىپتۇ. كالا ئەرشكە چىقىپ ئاللاغا پەرماننى يەتكۈزگەنلىكىنى مەلۇم قىپتۇ. ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، كۆرۈپ تۇرغۇچى بولغاچقا، كالىنىڭ پەرماننى خاتا يەتكۈزگەنلىكىنى ئاڭلاپ، كالىدىن قەستەن سوراپتۇ: _ قانداق، پەرماننى يەتكۈزدۈڭمۇ؟ _ يەتكۈزدۈم، _ قانداق يەتكۈزدۈڭ؟ _ ئۆزلىرى دېگەندەك ئىنسانلارنى كۈنىگە ئۈچ ۋاخ يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، بىر ۋاخ تاماق يەڭلار، - دېدىم دەپتۇ. _ ئىست، سەن مېنىڭ پەرمانىمنى خاتا يەتكۈزۈپ، ئەزىز بەندىلىرىمگە ئۇۋال قىلدىڭ. بەندىلىرىم كۈنىگە ئۈچ ۋاخ تاماق يېيىش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ئەمگەك قىلىشى كېرەك، لېكىن ئۇلار ئەمگەكنى بەندىلىرىم ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قىلىپ بولالمايدۇ، ئۇلارغا ياردەمچى بولمىسا بولمايدۇ. سەن ئەرشتىن پەرشكە چۈشۈپ بەندىلىرىمگە ياردەمچى بول! - دەپ كالىنى پەرشكە چۈشۈرۈپتۇ. كالا شۇنىڭدىن باشلاپ پەرشتە ئىنسانلارغا ياردەمچى بولۇپ ئىشلەشكە باشلاپتۇ. مۇنداق ياخشى بىر ياردەمچىگە ئېرىشكەن ئىنسانلار كالىنى قوشقىمۇ قېتىپتۇ، سۆرەمگىمۇ ساپتۇ، ھارۋىغىمۇ قېتىپتۇ، جۇۋازغىمۇ قېتىپتۇ. ئىشقىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كالىنى ياردەملەشتۈرۈپتۇ. كالا مۇنداق ئېغىر ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە كالىنى ياردەملەشتۈرۈپتۇ. كالا مۇنداق ئېغىر ئىشلارنى قىلىۋەرگەنلىكتىن بويۇنلىرى قىزىرىپ ئىششىپ، يېغىر بولۇپ ئەسلا چىدىيالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاتائالاغا نالەقىلىپ ئەھۋالنى ئېتيقاندىن كېيىن، ئاللاتائالا «بوينۇڭغا ئورىۋال »دەپ بىر دانە لۆڭگىنى تاشلاپ بېرىپتۇ. بۇ لۆڭگە كالىنىڭ بوينىغا يېپىلىپ ئىككى ئۇچى ۋە چۇچىلىرى پەسكە ساڭگىلاپ چۈشۈپتۇ. كالىنڭ ساڭگىلاپ تۇرغان بويۇن تېرىسى ئاللاتائالا تاشلاپ بەرگەن ئەنە شۇ لۆڭگىنىڭ ئۇچىمىش. 2 سۆز ئۇستىلىرى شۇنداق رېۋايەت قىلىدۇرلەركى، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، ئادەم بىلەن كالا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ تېرىقچىلىق قىپتۇ. ئۇلار بىر پارچە يەرگە بۇغداي تېرىپتۇ. كۈزلۈكى بۇغداينى يىغىپ تېپىپ، سورۇپ، چەشلەپ، بۇغداينى بۇغداي، ساماننى سامان قىلىپ ئايرىپتۇ -دە، ئۆز ئارا بۆلۈشمەكچى بوپتۇ، دېھقان كالىغا قاراپ: _ قېنى، دوستۇم، بۇغداينى بىر يەرگە دۆۋلىدۇق، سامىنىنى بىر يەرگە دۆۋلىدۇق. سەن قايسىسىغا تۇرىسەن؟ ئالدى بىلەن سەن تاللا، سەندىن ئاشقىنىنى مەن ئالاي، - دەپتۇ. كالا كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ قارىسا، بۇغداي كىچىككىنە تۇرغۇدەك، سامان بولسا ئاسمان - پەلەك تۇرغۇدەك. كالا ئۆزۈممۇ چوڭ، قورسىقىممۇ يوغان بولغاندىكىن ساماننى ئالاي، دەپ سامانغا تۇرۇپتۇ. دېھقان بۇغداينى تۈگمەندە ئۇن تارتىپ، مەززىلىك غىزالارنى ئېتىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. كالا بولسا كېچە - كۈندۈز ساماندىن ئىبارەت بىر خىللا نەرسىنى يەيدىغان بوپتۇ. شۇندىن باشلاپ كالا ھەر قېتىم سامان كەلسە، ئۆزىنىڭ دۆتلىكىگەپۇشايمان قىلىپ پۇشۇلدايدىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
كالا توغرىسىدا رېۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki