UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتسەرۋازلىرىم

سەرۋازلىرىم

رېۋايەتلەر يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئەللىك كىلومېتىر جەنۇبىدىكى قىزىل يېزىسىنىڭ قورغانتام دېگەن يېرىدە: «سەراۋازلىرىم» دەپ ئاتلىدىغان بىر مازار بار. ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن خوتەن بۇددىست ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ئىسلام قوشۇنلىرى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، قادىرخان پادىشاھىم ئوتتۇرا ئاسىيادىن دەرھال قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ، توقسان مىڭ كىشىلىك(بەزى ماتىرياللاردا بىر يۈز قىرىق مىڭ كىشىلىك دېيىلگەن) قوشۇن تۈزۈپ، چوڭ قوشۇن بىلەن خوتەن بۇددىست قوشۇنلىرىنى قوغلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بارلىق قوشۇنلارغا ئون موچە كېلىدىغان بىر چوڭ كۆل چاپتۇرىدۇ (بىر كۆل ھازىرمۇ بار)، يەنە بىر قاراۋۇلخانا ياسىتىدۇ ۋە بىر جامە سالدۇرىدۇ. قاراۋۇلخانىدا كۆزەتتە تۇرۇشقا قاۋۇل، ياش ئون سەرۋاز (سەرۋاز - سەرۋاز ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئەسكەر دېگەن مەنىدە)نى قالدۇرىدۇ. يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنى ئۆيلەپ قويىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆي جابدۇقلىرى، ئۇزۇق - تۈلۈك ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى بېرىپ شۇ يەردە قالدۇرىدۇ. ئۇلار قىزىلدا بالا - چاقىلىق بولۇپ كۆپىيىدۇ، يەر ئېچىپ، ئۆستەڭ چېپىپ ئېگىلىك يارىتىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قەشقەر تەرەپتىن ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېچىپ كەلگەن خوتەن بۇددىست قوشۇنلىرى قىزىل قورغانتامدا ئون سەرۋاز بىلەن توقۇنۇشىدۇ. ئۇرۇشتا ئون سەرۋازنىڭ ھەممىسى شېھىت بولىدۇ. ئۇلار ئەنە شۇ جايغا دەپنە قىلىنىدۇ. ھازىرقى قىزىللىقلار ئۆزلىرىنى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاشۇ جەڭگىۋار ئون سەرۋازلىرىنىڭ ئەۋلادى، باتۇرلىرىنىڭ پۇشتى دەپ ئاتىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
سەرۋازلىرىم | UyghurWiki | UyghurWiki