UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئۈزۈم ھەققىدە رېۋايەت

ئۈزۈم ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر بەرىكەتلىك ئالتۇن پەسىل كۈزدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئۇلانباي مەشرىپىدە يۇرت ئاقساقاللىرى، مۆتىۋەرلىرى ھەم دانىشمەنلىرى ئارىسىدا شۇنداق بىر شېرىن سۆھبەت بولغانىدى: ساھىبخان ئوتتۇرىغا ئاتا مىراس داستىخىنىنى يايدى. كالۋۇتۇندىن ئىشلەنگەن ئاق تاۋار داستىخاندا ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇرىدىغان ئۈزۈم نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەنىدى، ھەممە تاڭ قالدى، مېھمانلار قوغۇن، تاۋۇز، ئەنجۈر، شاپتۇل، ئۈزۈملەرگە ئېغىز تەگكەندە، سۆھبەت ئۈزۈم نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن داستىخان ئۈستىدە بولدى. _ كەمىنە بۇقا ئەۋلادىدىن بولمىش قوجۇلۇقمەن، بۇ داستىخان ئاتا - بوۋامدىن مىراستۇر. مەلۇمدۇركى، ئۈزۈم توققۇز ئۇغۇزلارنىڭ مەھسۇلاتىدۇر، - دېدى ساھىبىخان قول قوشتۇرۇپ تۇرۇپ. _ يوقسۇ، تەقسىر ، ئاللا ئۈزۈمنى دەسلەپ ئۇدۇن(خوتەننىڭ قەدىمى نامى)دىيارىغا نېسىپ قىلغاندۇر، - دېدى خوتەنلىك كىشى دانىشمەنگە مۇراجەت قىلدى، دانىشمەن ئاپئاق ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ مۇنداق بىر قەدىمىي رېۋايەت بىلەن ھەممىنى لال قىلدى: قەدىمدە ئۆتكەن تەڭرىقۇت شانشات ئاستانە ھۇزۇرىدا ئۈزۈم يەپ ئولتۇرۇپ ئولىنىپ قالدى ۋە سورىدى: _ ئېيتىڭلارچۇ، ئېيتىڭلارچۇ بۇ ئۈزۈملەر دەسلەپ نەدە پەيدا بولغاندۇ؟ ھېچكىم جاۋاب بېرەلمىدى، شانشات دەرغەزەپ بىلەن پەرمان قىلدى: _ ئەجەبا، شۇنچە دانىشمەنلىرىم بۇنى بىلمىسە؟ بۇ سوئالغا جەزمەن جاۋاب تاپقايسىلەر! توققۇز ۋەزىر ناھايىتى خىجىل بولدى. تەڭرىقۇت دەرھال ئەمىر قىلدىلەر. پۈتۈن يۇرتتا ھېچكىم بىلمىدى. بېشبالىققا كىشى ئەۋەتىلدى، جاۋاب بولمىدى، كۈسەنگە كىشى ئەۋەتىلدى، جاۋاب بولمىدى، قەشقەردىن «ئۈزۈم دەسلەپ ئۇدۇندا پەيدا بولغانمىش» دېگەن جاۋاب كەلدى. ئۇدۇنغا ئەلچىلەر ماڭدۇرۇلدى. ئۇدۇن خانى ئاستانىگە بىر دانىشمەننى ئەۋەتتى. دانىشمەن شانشات خانغا مۇنداق بىر رېۋايەتنى ئېيتىپ بەردى: قەدىم - قەدىمدە ئىدىقۇت خانى رەستىلەرنى ئارىلاپ ئۇدۇندىن كەلگەن سودىگەرنى ئۇچراتتىلەر. ئۇلار توققۇز تۆگىگە نۇم، توققۇز قېچىرغا بۆكەن مۈڭگۈزى بىلەن قاشتېشى، توققۇز ئېشەككە مەرۋايىتتەك سۈپسۈزۈك مېۋە ئارتىۋېلىشقانىدىلەر. خان سودىگەرلەردىن سورىدىكىم: سودىگەرلەر تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ جاۋاب بەردىلەر: _ تۆگىگە ئارتىلغىنى خانبالىققا سوۋغىتىمىز، قېچىرغا ئارتىلغىنى خانبالىقتىكى سودىمىز، ئېشەككە ئارتىلغىنى يول ئۈسىتىدىكى ئۇزۇقىمىز _ ئالدىنقى ئىككىسىنى بىلەرمەن، ئەمما ئوزۇقۇڭلار نېمىدۇ؟ سودىگەرلەر توققۇز مىس لېگەنگە ئۇنى سېلىپ خانغا ھەدىيە قىلىپ دىدىكىم: _ بۇ ئۇدۇننىڭ تاتلىق مېۋىسى ئۈزۈمدۇر. دانە - دانە مەرۋايىتتەك يۇمىلاق، قاشىتىشىدەك سۈپسۈزۈك بۇ مېۋە خانغا ياراپ قالدى. ئۇ خانلىق ئوردىغا پەرمان قىلدىلەر: _ بۇ شېرىن ئۈزۈمنى ئىدىقۇت دىيارىدا بىنا قىلغايسىلەر! توققۇز نەپەر يىگىت ئاتلىرىنى ئېگەرلەپ تەييارلاندى.پۈتۈن ئەل - يۇرت نۇرغۇن سوۋغاتلار بىلەن ئۇزىتىشقا چىقىشتى. يىگىتلەرنىڭ خوتۇنلىرى ھەم سۆيگەنلىرى ھەر بىرىگە بىردىن گۈل چېكىلگەن تاۋار ياغلىق يوللۇق قىلدى. ھەر يىگىتكە بەشىتىن بوش ئات قوشۇپ بېرىلدى. يىگىتلەر كۈن چىقىشنى سول قولىغا، كۈن پېتىشنى ئوڭ قولىغا نىشان قىلىپ ئالدىغا قاراپ سەپەر قىلدىلەر. كارۋان يولى دەشتى چۆلگە كەلگەندە ئىز يوقاتتى. ئۇلار مۇشەققەت ئىچىدە يۈز كۈن يول يۈرۈپ ئۇدۇن دىيارىغا ئۇلاشتى. ئۇدۇن خانى ئىدىقۇت خانىنىڭ سالام - سوۋغىتىنى قوبۇل قىلدى. يىگىتلەرگە كاتتا زىياپەت، سوۋغاتلار بەردى ھەمدە ئىدىقۇت خانىنىڭ ئىلتىماسىغا مۇۋاپىق ئۈزۈم نوتىلىرىدىن بەردى. يىگىت بېشى مۇراجەت قىلدىلەر: _ يارەنلەر، خاننىڭ يارلىقىنى بەجا قىلىش ئۈچۈن كۆكلەمگە ئۇلىشىپ يۇرتقا قايتمىقىمىز لازىمدۇر. ھازىر ئىختىيارىمىزدا ئاتمىش كۈن قالدى. يولنى بىر قاتلاپ تېز يۈرەيلى. جان - جىگەرلىرىمىز بىزنى كۈتمەكتە. ئۇلار كەمەرلىرىنى تارتىشىپ سەپەرگە ئاتلاندى. توققۇز كۈن يول يۈرگەندە بورانغا دۇچ كەلدى. تۆگىلەرگە ئارتىلغان كۆچەتلەرنى بوران ئۇچۇرۇپ كەتتى. ئۇلار كەينىگە قايتىپ يەنە ئۇدۇن دىيارىغا كەلدى. ئۇدۇن خانى يەنە ئۈزۈم كۆچەتلىرىدىن بەردى. ئۇلار كۆچەتلەرنى كىگىزلەپ يۆگەپ، تۆگىلەرگە ئارتىپ ماڭدى. توققۇز كۈن يول يۈرۈپ يەنە بورانغا ئۇچرىدى. قۇرغاق شامالدا كۆچەتلەر تامامەن قۇرۇپ كەتتى. ئۇلار يەنە كەينىگە ياندى. يىگىتلەرنىڭ بېشى قاتتى. ئۇدۇن ئەھلى باش قاتۇردى.ئاپئاق ساقاللىق دانىشمەن بوۋاي ئەقىل كۆرسەتتى. ھەممە ماقۇل كۆردى. ھازىرلىقلار باشلاندى. ئۇدۇن خانى ئوردىدىكى گۈل ئۆستۈرۈلگەن توققۇز دانە ئىدىشنى بوشتىپ بەردى.، توققۇز يىگىت توققۇز ئىدىشقا توققۇز تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى توپىسى بىلەن كۆچۈردى. ئۇلار يول بويى سۇغىرىپ مېڭىش ئۈچۈن توققۇز تۇلۇمغا سۇ قاچىلاپ توققۇز تۆگىگە ئارتىپ، ئۆزلىرى توققۇز ئارغىماققا مىنىشىپ سەپەرگە ئاتلاندى. ئۇدۇن خانى ئاق يوللۇق دۇئا بەردى. يىگىتلەر توققۇز كۈن يول يۈرۈپ تەكلىماكاننىڭ قۇم بورانلىرىغا يەنە يولۇقتى. ئىدىشتىكى كۆچەتلەرنى سوغىرىپ مېڭىپ دەشتى چۆلدىن ئامان - ئېسەن ئۆتۈپ كەتتى. يېرىم يولغا كەلگەندە ئۇزۇق تۈگىدى. يىگىتلەر ئاتلىرىنى سويۇپ ئوزۇقلاندى. سۇ تۈگىدى. كۆچەتلەر سولىشىشقا باشلىدى. يىگىت بېشى بۇيرۇدى: _ ئەي يارەنلەر، تۆگىلەرنى بىر - بىرلەپ سويۇڭلار، ئۇنىڭ قارنىدىكى سۇ بىلەن كۆچەتلەرنى سۇغارغايسىلەر، گۆشنى بولسا ئۇزۇق قىلارمىز. يىگىتلەر شۇ بويىچە بېجىردى. توققۇز كۈنلۈك يول قالغاندا قاتتىق يامغۇر ياغدى. ئۇلار چۆلدە تۈنىدى. قىيان بېسىپ كەلدى. يىگىت بېشى نار تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى يولغۇننىڭ يىلتىزىغا مەھكەم باغلاپ، ئۆزى ئىدىشنى چىڭ قۇچاقلاپ تاڭغىچەا ئۇنى ئامان ساقلاپ قالدى. قالغان يىگىتلەر ئىز - دېرەكسىز يوقالدى.قىيان كۆچەتلەرنى يىراقلارغا ئېقىتىپ كەتتى. قىيان توختاپ ھەممە يەر تونۇردەك قىززىپ كەتتى. يىگىتلەر بىر - بىرىنى ئىزدەپ تېپىشتى. ساق قالغان بىر ئىدىش كۆچەتنى كۆرۈپ شادلىقتا كۆز يېشى قىلىشتى. خاننىڭ پەرمانى، ئەل - يۇرتنىڭ ئارمانى، سۆيگەنلەرنىڭ سېغىنىشى ئۇلارغا مەدەت بولدى. ئۇلار نار تۆگىنى يېتىلەپ يەنە مېڭىشتى. ئۈچ كۈنلۈك يول قالغاندا ئاخىرقى تۆگىنى سويۇپ كۆچەتنى سۇغاردى. گۆشىنى يېدى، يەنە ماڭدى. يۇرتنىڭ پۇرىقى يىراقتىن دىماققا ئۇرۇلغاندا ھەممە ھالسىزلىنىپ بىر - بىرلەپ يېقىلدى. ئىدىقۇت خانى كۈنلەر كۈتۈپ تاقىتى تاق بولدى. ئەل - يۇرت قىرانلىرىنى سېغىندى. خوتۇن - قىزلار سۇغا چىققانلىرىدا قۇمغاننى قويۇپ ئۇدۇن ياققا تەلپۈندى. خان پەرمان قىلدى: _ يىگىتلەر كېلەر قەرەلى نېكەم يەتتى، يۇرت ئالدىغا چىققاي! ئەي - يۇرت يېتىپ كېلىپ كۆردىكى، يىگىتلەر ئىدىشنى چۆرىدەپ ھوشسىز ياتقان. يىگىتلەرنىڭ ئاغزى نەملەندى. ئۇلار ئېسىگە كەلدى. خوتۇن - قىزلار يىگىتلىرىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى. ھەممە خۇشاللىق ئىچىدە ئۇسسۇل ئويناشتى، ناخشا ئېيتىشتى. ئۇلارئىدىشتىكى ئۈزۈم كۆچىتىنى بېشىدا كۆتۈرۈپ ئوردىغا كەلدى. يىگىتلەرگە تارتۇق تارتىلدى، خانلىق يەرلەردىن، كارىزلاردىن بۆلۈپ بېرىلدى. ئۈزۈم كۆچىتى كۆكلەپ چىقتى. يىگىتلەر ئۇنى قەلەمچە قىلىپ كۆچۈرۈپ تىكتى. يىل ئۆرۈلۈپ ئىدىقۇت دىيارىنىڭ ئۈزۈمى پىشتى. خان ئۇنىڭغا ئېغىز تەگدى. بۇ ئۈزۈم بەكلا تاتلىق ئىدى. خان پەرمان چىقاردى: _ ئەي، يۇرتداشلىرىم، بۇ شېرىن مېۋىنى بۈيۈك توققۇز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پۈتۈن دىيارىغا كۆچۈرگەيسىلەر! ئەلقىسسە، پادىشاھنىڭ پەرمانى بەجا بولۇپ، بۇ دىياردا تۈمەنمىڭ ئۈزۈم باغلىرى پەيدا بولدى.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت