چاكاندە ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
كۈنلەرنىڭ بىركۈنى ئۈچ كىشى قوشنا يېزىغا بىر تونۇشىنىڭ ئۆلۈم نامىزىغا بېرىپ، نامازدىن كېيىن بىر موللىنىڭ ئاغزىدىن «ئابىھايات سۈيىنى ئىچكەن كىشى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرىدىكەن»دېگەن سۆزنى ئاڭلاپتۇ.
قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئۈچەيلەن مەسلىھەتلىشىپ ئابىھاياتنى ئىزدەپ سەپەرگە چىقىپتۇ. يو يۈرۈپتۇ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپ، سوراپ - سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ بىر ئاز ئابىھاياتنى تېپىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا ئابىھايات ناھايىتىمۇ ئاز بولۇپ، ئۇنى تەڭمۇ تەڭ نىسپەتتە بۆلۈپ ئىچىشكە ھېچكىمنىڭ كۆزى يەتمەي، چاكاندا ياغىچىنى ئابىھاياتقا تۈگۈرۈپ نۆۋەت بىلەن ئاغزىغا تېمىتىپ، ھەممەيلەن تەڭ بەھىرىمەن بولۇش ھەققىدە بىرلىككە كېلىشىپتۇ.
ئۇلار مۇشۇ كېلىشىم بويىچە بىر تال چاكاندا ياغىچى تېپىپ ، ئۇنى ئاقلاپ ئابىھاياتقا تۈگۈرۈپ نۆۋەت بىلەن ئاغزىغا تېمىتىشماقچى بوپتۇ. لېكىن ئابىھايانى چاكاندا ئىچىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئاغزىغا ھېچ نەرسە چۈشمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرىنىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئابىھايات بارقاچىنى بىر تەپكەنىكەن. قاچا بېرىپ بىر تۈپ چاكاندىنىڭ ئۈستىگە دۈم كۆمتۈرلۈپتۇ. قاچىدىكى ئابىھايات بىر تۈپ چاكاندا ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە قونۇپ تۇرغان قۇشقاچنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلۈپتۇ. شۇندىن كېيىن چاكاندا بىلەن قۇشقاچ مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرىدىغان بولۇپ قاپتۇ.