زەمىن
رېۋايەتلەر
چاغتايخان پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتقاندىن كېيىن، جاي - جايلاردىن يەر - سۇ سېتىۋېلىپ، مەخسۇس خانلىققا قارايدىغان قىپتۇ ھەمدە بۇ يەر - سۇلارنى باشقۇرۇشقا مەخسۇس ئادەم تەيىن قىپتۇ. شۇ چاغدا، ئۇ توققۇزاقتىنمۇ يەر - سۇ سېتىۋېلىپ، يەرلەرنى باشقۇرۇشقا «مانان» ئىسىملىك بىر كىشىنى، سۇلارنى باشقۇرۇشقا«زەربىن» ئىسىملىك بىر كىشىنى بەلگىلەپتۇ. ئۇ يەرنىڭ قايسى خانغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ھەم باشقۇرغۇچىنىڭ كىملىكىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن «چاغتاي مانان» دەپ ئاتاپتۇ ۋە بارا - بارا خەلق ئارىسىدا «چىغمان» دەپ ئاتىلىپتۇ.
سۇلارنى باشقۇرغۇچى زەربىن بولسا، شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى ئىشلىتىپ سەكسەن تاشلىق سۇ پاتقۇدەك بىر ئۆستەڭ چاپتۇرۇپتۇ ۋە بۇ ئۆستەڭگە «قالماقئۆستەڭ» دەپ نام بېرىپتۇ.
زەربىن ئۆستەڭنى چاپتۇرۇپ سۇ باشلىغاندىن كېيىن، بىر سۇ باشقۇرۇش ئورنى تەسىس قىپتۇ ھەمدە سۇلارنى بىرىنچىدىن ئونىنچىغىچە دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇپتۇ. بىرىنچىدىن ئۈچىنچى دەرىجىگىچە بولغان سۇلار مەخسۇس خانلىقنىڭ زېمىنىنى، تۆتىنچى، بەشىنچى دەرىجىلىك سۇلار ئوردا ئەمەلدارلىنىڭ زېمىنى، ئالتىنچى ، يەتتىنچى دەرىجىلىك سۇلار بايلارنىڭ زېمىنىنى، سەككىزىنچى، توققۇزىنچى، ئونىنچى دەرىجىلىك سۇلار پۇقرالارنىڭ زېمىنىنى سۇغىرىدىكەن. كېيىنكى ۋاقىتتا توققۇزاقتىكى ئاشۇ سۇ باشقۇرۇش ئورنى باشقۇرغۇچىنىڭ نامى بىلەن «زەربىن» دەپ ئاتىلىپ، بارا - بارا خەلق ئاغزىدا «زەمىن» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.