ئاماننىساخان
رېۋايەتلەر
مۇقامنىڭ ئون يەتتىنچى پىرى مەلىكە ئاماننىسا خېنىم ئىدى. بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرېشىدخاننىڭ خانىشى ئىدى. ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يېگانە شائىرەسى بولۇپ، «دىۋان نەفىسى» (نەفىسە شېئىرلىرى توپلىمى) ناملىق شېرىن بىر كىتابنى يازغانىدى. خەتتالىقتا ئۈزتۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى، مۇزىكا ئىلمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى، سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغانىدى. سۇلتاننىڭ بۇ مەلىكىنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىش ۋەقەسى مۇنداق بولغانىدى: سۇلتان ئۆز ۋەزىر - ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەختى يەكەندىن شىكارغا چىقتى. سۇلتاننىڭ كېچىىرى دېھقانچە ساددا كىيىملەرنى كىيىپ قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونىغان ۋە تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى. بىر كۈنى سۇلتان شۇ يوسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن بىر خارابە ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى. بۇ ئۆي مەھمۇت ئاتلىق بىر ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى، بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇتنىڭ قىزى ئىدى. سۇلتان ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قېلىپ مەھمۇتتىن تەمبۇر چېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەھمۇد: «مەن تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن. مۇشۇ قىزىم ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بەر دەپ ىاپا قىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان: «ئەمىسە، قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن» دېدى. مەھمۇد قىزىغا ئەمر قىلدى. قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شۇنداق چالدىكى، سۇلتان ھەيران قالدى، بولۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شېئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا، سۇلتان قىزنىڭ مۇھەببىتىدە كۆيۈپ، بىھۇش بولۇپ كەتتى. شېئىرنىڭ باشلانما بېيىتىنى مۇنداق ئىدى. (مەنىسى):
خۇدا ساڭا يۈز شۈكرى، بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ.
پېقىر - مىسكىنگە ئابدۇرېشىدخاننى پاناھ قىلدىڭ.
بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرگە بېيىتىنى مۇنداق باغلانغانىدى (مەنىسى:)
ئەي نەفىسى، ئۇلۇغ تەڭرىگە كېچە - كۈندۈز دۇئا قىلغىن،
ئەگەر شاھ ھەققىدە دۇئا قىلمىساڭ، قاتتىق گۇناھ قىلغان بولىسەن.
غەزەل تامام بولۇشىغا سۇلتان ئالدىراپ: «نەفىسە دېگەن شائىر كىم؟ سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن؟» دەپ سورىغانىدى. قىز: «خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ يۈرەمدىكەن، مەن نەۋائى، فۇزۇلى، زەلىلىنىڭ شېئىرلىرىدىن باشقىنى ئوقۇمايمەن. بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ، نەفىسى مېنىڭ تەخەللۇسۇم» دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان ئۇنىڭ نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىدى. ئاتىسى: «ئون ئۈچ ياشقا كىردى» دەپ جاۋاب بەردى. سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى. ئاڭغىچە، ئاماننىسا خېنىم قوپۇپ ئۆزى يازغان بىر نەچچە شېئىرلارنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى. خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى. پادىشاھنىڭ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارەسىدىنىڭ يازغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي: «قېنى ئەمىسە، مەن قاراپ تۇراي، بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ» دېگەنىدى، قىز دۈۋەت - قەلەم ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى (مەنىسى):
خۇدا، بۇ بەندە ماڭا تولىمۇ گۇمانلىق كۆزدە قارىدى،
گويا بۇ ئۆيدە بۈگۈن ئاخشام مەن ئۈچۈن بىر تىكەن ئۈندى.
سۇلتان كۈلۈپ: «ئىشەندىم، مېنى مەسخىرە قىلماڭ» دېدى ۋە مەھرىمى بىلەن تاشقىرىغا چىقىپ: «بىز ھېلى كېلىمىز» دەپ كېتىپ قالدى. ئۇ بارگاھىغا بېرىپ، بېشىغا تاج كىيىپ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى. دەرھال ئون قوي ۋە شايى - ئەتلەسلەر تەييارلاندى، تۈن يېرىمىدا قىرىق كىشى مەھمۇتنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسەتنى بايان قىلدى. پادىشاھ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىپ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى. بۇ مەلىكە يىگىرمە يىل پادىشاھنىڭ نىكاھىدا تۇردى. خۇدايىتائاللا بۇ قىزغا شۇنداق ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلغانىدىكى، تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. «دىۋان نەفىسى» نى يازدى، خوتۇن - قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدا «ئەخلاقىي جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق بىر كىتابنى يازدى. «شورۇھۇلقۇلۇپ» (قەلبلەر شەرھى) ناملىق بىر رىسالە يازدى. شائىرلىق، نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنىڭدەك مەنىلىك كىتاب ئاز. «ئىشرەت ئەنگىز» (شادلىق قوزغىغۇچى) ناملىق بىر مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغانىدى. كۈچلۈك رەشك يۈزىسىدىن سۇلتان بۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ۋە شۇ بويىچە نەغمىچىلەرگە ئۆگىتىلگەن. بۇ مەلىكە ئوتتۇز تۆت يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان دېيىلىدۇ. مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈرگۈدەك ھالەتكە يېتىپ، سەۋدايىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولدى. سۇلتان ئاخىر يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى دېيىلىدۇ.