تۈركمەن
رېۋايەتلەر
تۈركمەن بۇلار ئوغۇزلاردۇر. بۇلارنىڭ تۈركمەن دەپ ئاتلىشىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار:
زۇلقەرنەين سەمەرقەنتتىن ئۆتۈپ، تۈرك شەھەرلىرىگە يول ئالغان چاغلاردا، تۈركلەرنىڭ «شۇ » ئىسىملىك بىر باش خاقانى بار ئىدى. ئۇ چوڭ قوشۇن ئىگىسى ئىدى. بالاساغۇن يېنىدىكى «شۇ » قەلئەسىنى شۇ ئۆزى بىنا قىلدۇرغان. بۇ قەلئە ئالدىدا ھەركۈنى بەگلەر شەرىپىگە ئۈچ يۈز ئاتمىش قېتىم دۇمباق چېلىناتتى. ئادەملىرى ئۇنىڭغا :«زۇلقەرنەين يېقىن كېلىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ؟ نېمە بۇيرۇقلىرى بار ئىكىن؟ »دەپتۇ. ئەسلىدە خاقان شۇ خوجەند دەرياسى بويىغا قاراۋۇل قويۇش ۋە زۇلقەرنەيننىڭ دەريادىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بۇ دەريا قىرغىقىغا تارخانلاردىن تەركىب تاپقان قىرىق كىشىلىك چارلىغۇچى ئەۋەتكەنىكەن. چارلىغۇچىلار مەخپىي ھالدا كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ كەتكەنلىكىنى خان ئەسكەرلىرىدىنمۇ ھېچكىم بىلمەيدىكەن. خاقاننىڭ كۆڭلى بۇنىڭدىن خاتىرجەم ئىكەن. خاقاننىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان بىر كۆلچىكى بولۇپ، سەپەرگە چىققاندا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن. ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇلغاندىن كېيىن، غاز، ئۆردەكلەر چۈشۈپ ئوينايدىكەن. خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ؟ دېگەنلەرگە ئۆزىنىڭ مۇشۇ كۈمۈش كۆلچىكىنى كۆرسىتىپ:«غاز، ئۆردەكلەرگە قاراڭلار، ئۇلار سۇغا قانداق شۇڭغۇيدىكەن؟»دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. خاقاننىڭ بەرگەن جاۋابى ئادەملەرنى ئويغا سېلىپ قويۇپتۇ. ئۇلاردا «خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشماقچىمۇ ئەمەس، چېكىنمەكچىمۇ ئەمەس» دېگەن گۇمان پەيدا بوپتۇ. زۇلقەرنەين دەريادىن ئۆتۈپتۇ. چارلىغۇچىلار ئۇنىڭ ئۆتكەنلىكىنى خاقانغا كېچىسى كېلىپ مەلۇم قىپتۇ. خاقان شۇ كېچىسىلا دۇمباق چالدۇرۇپ، شەرققە قاراپ يول ئاپتۇ. خاقاننىڭ تەييارلىقسىزلا يولغا چىققانلىقىدىن خەلق ئارىسىدا ئەنسىزلىك، تەشۋىش پەيدا بوپتۇ. ئۇلار ئالدىراش - تېنەش ئۇدۇل كەلگەن ئۇلاغلارغا مىنىشىپ خاقاننىڭ كەينىدىن مېڭىشىپتۇ. ئالدىراشچىلىقتا ئۇ بۇنىڭ، بۇ ئۇنىڭ ئۇلىغىنى ئېلىۋاپتۇ. تاڭ ئاتقاندا قارارگاھ تۈپتۈز بىر سايغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ چاغلاردا تىراز، ئىسپىجاپ، بالاساغۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەھەرلەر بىنا قىلىنمىغانىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن بىنا قىلىنغان. ئۇ يەرلەردە چېدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەنلەر ھايات كەچۈرەتتى. خاقان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى كېچىكىپ كېتىپ قالغاندا، يىگىرمە ئىككى كىشى ئۇلار بىلەن بىللە كېتىشكە ئۇلاغ تاپالمىغانلىقتىن، بالا - چاقىلىرى بىلەن شۇ يەردە قېپقاپتۇ. بۇ يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارنىڭ كەينىدىن پىيادە بېرىش ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇۋېرىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يېنىغا ئىككى كىشى كەپتۇ. ئۇلارنىڭ بالا - چاقىلىرىمۇ بىللە ئىكەن. ئۇلار يۈك - تاقلىرىنى دۈمبىلىرىگە ئارتىپ، قوشۇننىڭ كەينىدىن كېتىۋاتقان، ھېرىپ - ئاچقان، ئېغىر يۈكنىڭ دەستىدىن تەرگە چۆمگەنىكەن. بۇ ئىككى ئائىلە قېپقالغان ھېلىقى يىگىرمە ئىككى ئائىلىگە يولۇقۇپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپتۇ. يىگىرمەئىككى ئائىلە ئۇلارغا :«ئەي ئادەملەر، ھېلىقى ئادەم(زۇلقەرنەين) بىز يولۇچى، ئۇ بىر يەردە تۇرمايدۇ، بىزنىڭ يەرلەردە قېپقالمايدۇ، ئۆتۈپ كېتىدۇ، بىز بەرىبىر ئۆز يېرىمىزدە ئۆزىمىز قالىمىز» دەپتۇ. ئۇلار ئىككى ئائىلىگە تۈركچە:«قال ئاچ - مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىڭلار» دەپتۇ. كېيىن ئۇلار «خالاچ» دەپ ئاتىلىپ قالغان. خالاچلارنىڭ ئەسلى شۇ. ئۇلار ئىككى قەبىلىدۇر.
زۇلقەرنەين كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركلەرگە خاس بەلگىلىرىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن گەپ سورىمايلا بۇلار «تۈرك مەنەند» (تۈرككە ئوخشايدۇ)دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز ئۇلارغا بۈگۈنگە قەدەر نام بولۇپ قالغان.