UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتئالمانچۇق دۆڭ

ئالمانچۇق دۆڭ

رېۋايەتلەر بۇرۇنقى زامانلاردا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى جايلار تولىمۇ ئاۋات ئىكەن. بۇ جايلاردىكى خەلىقلەرنىڭ كۆپ قىسمى چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن، يەنە بىر قىسمى ئوۋچىلىق بىلەن باياشات، شاد - خۇرام ۋە ئىناق ياشايدىكەن. كېيىنكى كۈنلەردە ئالتۇنتاغدا بىر بۆلۈك بولاڭچى موڭغۇللار پەيدا بولۇپ قالغان بولۇپ، ئۇلار پات - پاتلا چاقىلىققا كېلىپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىپ كېتىدىكەن. شۇ جەرياندا ئۇلار چاقىلىقتىن ئات - ئېشەكلەرگە يۈك - تاق ئارتىپ كورلا تەرەپكە يۈرۈشۈپ تۇرغانلارنى سېزىپ قاپتۇ ۋە بىر - ئىككى نۆۋەت ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ بولاپمۇ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار چاقىلىقتىن ئانچە يىراق بولمىغان جايلاردا نۇرغۇن چارۋىچى ۋە بېلىقچىلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قاپتۇ -دە، باي ۋە ياۋاش چارۋىچىلارنى بۇلاشقا كىرىشىپتۇ. بۇ بۇلاڭچىلار ھەريىلى كېلىپ چارۋىلارنىڭ مال - چارۋا ۋە پۇل - بېساتلىرىنى، ھەتتا ياش خوتۇن - قىزلىرىنىمۇ بۇلايدىكەن. كىمكى قارشىلىق قىلسا، سالما تاشلاپ ئاتقا سۆرىتىپ ئۆلتۈرىۋېتىدىكەن. ئۇلار ئۇدا بىرقانچە يىل مۇشۇنداق قىلىپ چارۋىچىلارنى بەكمۇ بوزەك قىلىپ كېتىپتۇ. بىر قىسىم چارۋىچىلار باشقا جايلارغا يۆتكىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنە كۆپ ساندىكىلىرى بارىدىغان مۇۋاپىق جاي بولمىغاچقا تەقدىرگە تەن بېرىپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئىلاجسىز كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۆز يۇرتىدىكى جەبىر - جاپا ۋە دەرد - ئەلەمگە چىدىماي، پاناھ جاي ئىزدەپ ماڭغان يەنە بىر بۆلۈك موڭغۇللار بۇ چارۋىچىلارنىڭ ماكانىغا كېلىپ قاپتۇ. چارۋىچىلار دەسلەپتە بۇلارنىمۇ بۇلاڭچى موڭغۇللار ئوخشايدۇ دەپ، ئۆزلىرىنى ۋە مال - چاۋرىلىرىنى قاچۇرۇپتۇ. موڭغۇللار ئۆزلىرىنىڭ خاندىن يامانلاپ چىققانلىقىنى، بۇ يەردە بىر قانچە كۈن تۇرۇپ، ئاتلىرىنى دەم ئالدۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، يەنە يولنى داۋاملاشتۇرۇپ باشقا يۇرتلارغا كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاستا - ئاستا چارۋىچىلار بىلەن تونۇشۇپتۇ. ئەمما ئۇلار چارۋىچىلارنىڭ ھېنەرسىسىگە چېقىلماپتۇ. دەل شۇ كۈنلەردە، بۇ موڭغۇللارنى تۇتۇپ كېلىش ئۈچۈن موڭغۇل چوڭلىرى ئارقىدىن لەشكەر ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ يەرگە كېلىپ چۈشكەن موڭغۇللارنىڭ باتۇرى ئالمانچۇق تۆل( تۆل تارتىش - قۇرئى سېلىش، پال ئېچىش ھەققىدە) تارتىپ كۆرۈپ ئارقىدىن خان لەشكەرلىرى قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، بىر ئېگىز دۆڭ تۆپىسىدە كۆزەتچى قويغانىكەن. كۆزەتچى خان لەشكەرلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى مەلۇم قىپتۇ. ئارىدا قاتتىق بىر مەيدان جەڭ بوپتۇ. كۆچمەن مۇڭغۇل ئەسكەرلىرى خان لەشكەرلىرىنىڭ قارنىنى يېرىپ، ئوقيا بىلەن ئېتىپ ھەممىسىنى قىرىپ تۈگىتىپتۇ. ئالمانچۇق باتۇرنىڭ ئادەملىرىدىنمۇ ئون - يىگىرمىدەك ئەسكەر ئۆلۈپتۇ. جەڭدىن كېيىن ئالمانچۇق باتۇر قالغان ئادەملىرىنى ئېلىپ بۇ جايدىن كەتمەكچى بوپتۇ. بۇنى ئۇققان چارۋىچىلار: _ بىز ئاتا - بوۋىمىزدىن تارتىپ مۇشۇ ۋادىدا خاتىرجەم تىنچ ياشاپ كېلىۋاتقانىدۇق. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھەريىلى مۇشۇ مەزگىلدە چاقىلىق تېغىدىن بىر بۆلۈك موڭغۇل بۇلاڭچىلار كېلىپ، مال - چارۋىلىرىمىزنى بۇلاپ، خوتۇن - قىزلىرىمىزنى ئاياغ ئاستى قىلىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ يەنە كېلىدىغان مەزگىلى بولۇپ قالدى. مۇمكىن بولسا يېنىمىزدا بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئاشۇ بۇلاڭچىلار كەلگەندە ئۇلارنى يوقىتىپ، بىزنىڭ ئەنتىمىزنى ئېلىپ بەرسەڭلار، ھېچبولمىغاندا بىز تەرەپكە ئىككىنچى قەدەم باسماسلىق توغرىسىدا ئۇلاردىن ۋەدە ئېلىپ بىزنى خاتىرجەم قىلىپ قويساڭلار، بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار بىزنى سىلەرنى رازى قىلساق، - دەپ ئالمانچۇق باتۇرغا يالۋۇرۇپتۇ. موڭغۇللارنىڭ باتۇرى ئالمانچۇق قول ئاستىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، چارۋىچىلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىپتۇ. بۇنىڭدىن چارۋىلار ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، مۇڭغۇللارنى كاتتا مېھمان قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئالمانچۇق باتۇر شۇ گەپ بويىچە قول ئاستىدىكىلەر بىلەن تاغدىن كېلىدىغان موڭغۇللارنىڭ كېلىشنى كۆتۈپ يېتىپتۇ. ئىلگىرى بۇلاڭچى مۇڭغۇللار كېلىدىغان مەزگىلدە ، چارۋىچىلار ئالدى بىلەن ياشانغان بوۋاي، مومايلارنى ۋە قۇچاقتىكى كىچىك بالىلىرىنى ئۆزى بىخەتەر دەپ بىلگەن جايلارغا يۇشۇرۇپ قويۇپ، قۇمۇش ئۆي ۋە ساتمىلىرىنى بوش قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى چارۋىلىرىنى ھەيدەپ تەرەپ - تەرەپلەرگە كېتىدىكەن. بۇلاڭچىلار خەۋپى تۈگىگەندە يەنە ئەسلىدىكى ئوتاقلىرىغا (چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇسى)قايتىپ كېلىپ جەم بولۇشىدىكەن. بۇ نۆۋەت يېنىدا ئالمانچۇق باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بولغاچقا چارۋىچىلار ئانچە ھودۇقۇپمۇ كەتمەپتۇ. بەلكى، ھېچ ئىش بولمىغاندەك بەخىرامان چارۋىلىرىنى بېقىپ، بېلىقلىرىنى تۇتۇپ، قوشاقلىرىنى ئېيتىشىپ يۈرۈۋېرىپتۇ. دېگەندەك، ئۈچ - تۆت كۈن ئۆتە - ئۆتمەي بۇلاڭچى موڭغۇللار يېتىپ كەپتۇ. ئۇلارنىڭ كېلىشىنى پەملەپ تۇرغان ئالمانچۇق تېخى ھېلىلا باشقا بىر تەرەپتىن كەلگەن بولۇپ، بۇلاڭچى موڭغۇللارنىڭ يېنىغا ئادەملىرىنى باشلاپ بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى بويىچە سالاملىشىپ، ئەھۋاللىشىپتۇ. ئالمانچۇق باتۇر گەپ ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ خاندىن يامانلاپ چىققانلىقىنى، بۇ يەرگە كەلگەندە ئوزۇق - تۈلۈكىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇلاردىن ئۇزۇق - تۈلۈكنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇلاردىن ئوزۇق - تۈلۈكنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇلاردىن ئوزۇق - تۈلۈك ۋە يەم - بوغۇز ياردەم بېرىشنى سورىغانىكەن. ئۇلارنىڭ توپ بېشى كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە : _ بىزگىمۇ ئوزۇق - تۈلۈك ۋە يەم - بوغۇز لازىم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ يەرگە كەلدۇق. بىزگە لازىملىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مانا مۇشۇ ئەتراپتىكى قورقۇنچاق، گالۋاڭ مالچىلاردىن چىقىدۇ. بىزمۇ يىراقتىن كەلدۇق، سىلەرمۇ ھەم شۇنداق، بىز ئاۋۋال بىر - ئىككى كۈن دەم ئېلىپ ماغدۇرلىنىۋالايلى. ئاندىن كېيىن بىز بىرلىشىپ سىلەر بىلەن بىر تەرەپتىن تەڭ قوزغىلىپ خالىغىنىمىزچە ئالدىغاننى ئېلىپ بىزنىڭ تەرەپكە بىللە كېتەيلى، - دەپتۇ. ئالمانچۇق ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ. دەم ئېلىش جەريانىدا ئۇياقتىن - بۇياقتىن پاراڭلىشىپ، ئالمانچۇق بۇلاڭچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىۋاپتۇ ۋە قول ئاستىدىكىلەرگە تۈن نىسپى بىلەن تەڭلا قول سېلىپ ئۇلارنى بىراقلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ھەققىدە مەخپىي يوليورۇق بېرىپتۇ. ھەممە ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. تۈن نىسپى بولغاندا ئالمانچۇق باتۇر تولۇق قوراللانغان ئادەملىرىنى تىۋىش چىقارماي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە بۇيرۇپتۇ. ھەش - پەش دېگۈچە بۇلاڭچىلاردىن ئون نەچچىسىنى بوغۇزلاپ تاشلىنىپتۇ. بۇلارنىڭ ھەركىتىنى تۇيۇپ قالغان بۇلاڭچىلار كىيىنلىرىنى كىيىشكە ئۈلگۈرمەي يالىڭاچ پېتى جەڭگە چۈشۈپتۇ. ئۇلار تاڭ سۈزۈلگىچە ئېلىشىپتۇ. تاڭ سۈزۈلۈش بىلەن تەڭ بۇلاڭچىلارنىڭ ئالتە - يەتتىدەك ئادىمى قېلىن توغراقلىق ئارىسىغا يۇشۇرنۇپتۇ - دە، توغراقنى دالدا قىلىپ ئالمانچۇقنىڭ ئادەملىرىنى بىر - بىرلەپ يېقىتقىلى تۇرۇپتۇ. ئالمانچۇقنىڭ ئادەملىرى كۆپ چىقىمغا ئۇچراپتۇ، ئالمانچۇقنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى پەملىگەن ھىيلىگەر بۇلاڭچىلار: _ ھەي ساختىپەز ئالمانچۇق، سەن نامەردلىك قىلىپ بىزنى ئالدىدىڭ ، ئۆز قېرىنداشلىرىڭنى ئۆلتۈرۈپ، بوۋىمىزنىڭ روھىنى غەزەبلەندۈردۈڭ. ئەمدى سېنىڭ جېنىڭ بىزنىڭ قولىمىزدا، قورالنى تاشلاپ ئايىغىمىزغا باش ئۇرساڭلا جېنىڭ ئامان قالىدۇ، بولمىسا ھەممىڭنى ئۆلتۈرۈپ، بوۋىمىزنىڭ ۋە جەڭدە ئۆلگەن قېرىنداشلارنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ قىلىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى خۇش قىلىمىز! - دەپ ۋارقىرىشىپتۇ. بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن ئالمانچۇق: _ ھۇ ئوغرى بۇلاڭچىلار، قېنى قايسىمىز نامەرد، مەرد بولساڭ ئاجىزلارنى بۇلىغۇچە ھالال ياشىماسمىدىڭ، مەن ئالمانچۇق ھاياتلا بولىدىكەنمەن بىرىڭنىمۇ تىرىك قويماي ھەممىڭنى قىرىپ تاشلايمەن، - دەپتۇ قاراقچىلارغا. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە يېقىنلىشالماپتۇ. ئالمانچۇق ھىيلە بىلەن بۇلاڭچىلارنى تۈزلەڭگە چىقىرىش ئۈچۈن ئادەملەرنى ھوشيارلىق بىلەن كەينىگە چېكىنىشكە بۇيرۇپتۇ. ئەمما، ھىيلىگەر بۇلاڭچىلار زادىلا تۈزلەڭگە چىقماپتۇ. ئالمانچۇق ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇسساپتۇ، قورساقلىرىمۇ ئېچىپتۇ. ئەمما، بۇلاڭچىلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىلماپتۇ. بۇنىڭدىن ئىچى تىت - تىت بولغان ئالمانچۇق كۆپ ئولىنىپتۇ - دە، ئاخىر ئۈچ ئادىمىنى قايتىپ بېرىپ ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىپ كەلگەچ چارۋىچىلاردىن بىرەر ياخشى مەسلىھەت ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. بۇ ئۈچ كىشى قايتىپ بېرىپ ئاخشامدىن بۇيانقى جەڭ ئەھۋالىنى چارۋىچىلارغا يەتكۈزۈپتۇ ۋە چارۋىچىلار ئىچىدىن يېشى چوڭراق، كۆپنى كۆرگەن مۇنەججىملەردىن قالدۇق بۇلاڭچىلارنى تۈزگە چىقىرىشنىڭ ئامالىنى سوراپتۇ. چارۋىچىلار مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ: _ ئۇنداقتا سىلەر داۋاملىق چېكىنىپ دەريانىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىڭلار ۋە قىرغاققا يېقىن جايلارغا يۇشۇرنۇڭلار، بىزدىن ئىككى ئادەم ئىككى كېمە بىلەن بۇلاڭچىلار يۇشۇرۇنغان توغراقلىققا يېقىن جايدىكى كۆلدە بېلىق تۇتقان بولۇپ يۈرەيلى، بۇلاڭچىلار سىلەرنىڭ قايتىپ كەتكەنلىكىڭلارنى كۆرسە چوقۇم بىزدىن دەريانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتكۈزۈپ قويۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز ھېچ نەرسىنى ئۇقمىغان بولۇپ ئۇلارنى ئىككى كېمىگە سېلىپ دەريانىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا ماڭايلى، بىز كېمە بىلەن سىلەر يۇشۇرۇنغان جايغا بارغاندا سىلەر ئوقيا بىلەن ئېتىڭلار، بىز دەرھال سۇغا سەكرەپ قىرغاققا چىقىۋالىمىز، - دېيىشىپتۇ. بۇ ئۈچەيلەن قايتىپ بىرىپ يۇقىرىقى مەسلىھەتنى ئالمانچۇققا يەتكۈزگەنىكەن، ئالمانچۇقمۇ شۇ مەسلىھەتكە كۆنۈپتۇ ھەمدە ئوزۇلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئادەملىرىنى باشلاپ دەريانىڭ تۆۋەن تەرىپىگە بېرىپ ئەپلىك جايلارغا يۇشۇرنۇپتۇ. بېلىقچلاردىن ئىككى ئادەم ئىككى كېمىنى تاراپ (پالاق بىلەن كېمە ھەيدەش)، بۇلاڭچىلار يۇشۇرۇنغان توغراقلىققا ئەڭ يېقىن جايغا بېرىپ كۆلدە بېلىق تۇتقان بولۇپ تور سېلىپ يۈرۈپتۇ. ئالمانچۇقنىڭ ئادەملىرىنىڭ قايتىپ كەتكەنلىكىنى ۋە يېقىنلا يەردە بېلىق تۇتۇۋاتقان ئىككى بېلىقچىنى كۆرگەن بۇلاڭچىلار دېگەندەك دەريانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈۋېلىشىغا مەسلىھەتلىشىپ، بېلىقچىلارنى چاقىرىپتۇ - دە، ئۆزلىرىنى كېمە بىلەن دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا بۇيرۇپتۇ. ئىككى بېلىقچىمۇ ئۈن - تىنسىز ئۇلارنىڭ دېگىنىگە ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قالدۇق بۇلاڭچىلار ئىككى كېمىگە چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئىككى بېلىقچى كېمىلەرنى ئاستا ھەيدەپ دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنى تەرەپتىن ئۆتكۈزۈپ قويماق بولۇپ مېڭىپتۇ. ئۇلار مېڭىپ دەريا بويىدىكى قېلىن بىر قومۇشلۇقنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە، دەل مۇشۇ جايغا يۇشۇرۇنغان ئالمانچۇقنىڭ ئادەملىرى ئوقيادىن ئوق ئۈزۈشكە باشلاپتۇ. ئىككى بېلىقچى دەرھال سۇغا سەكرەپ، شۇڭغۇپ بېرىپ قۇمۇشلۇقنىڭ ئارىسىغا كىرىۋاپتۇ. بۇلاڭچىلار قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۈلگۈرەلمەي ھەممىسى پۈتۈنلەي ھالاك بوپتۇ. ئەتىسى چارۋىچى ۋە بېلىقچىلار مال ئۆلتۈرۈپ كاتتا داستىخان راسلاپ، غەلىبە تەنتەنىسى قىپتۇ. ئالمانچۇق باتۇر ئادەملىرى بىلەن بۇ جايدا بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، چارۋىچىلارغا ئامانلىق تىلەپ يولىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييارلىنىپتۇ. چارۋىچىلار ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن نۇرغۇن مال - چارۋا ۋە ئوزۇق - تۈلۈك يوللۇق تۇتۇپتۇ. ئالمانچۇق باتۇر بۇ تەۋەدىكى چارۋىچى، بېلىقچى ۋە ئوۋچىلارنى بۇلاڭچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلاربىلەن خوشلىشىپ يولىغا راۋان بوپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى بۇ جايلار تىنچلىنىپ، خەلق خاتىرجەم ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن مەشغۇل بوپتۇ ھەمدە شۇ ۋاقىتتىكى قانلىق جەڭ تارىخىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ھېكايە قىلىشىپ ھازىرغىچە ئېيتىشىپتۇ. ئالمانچۇق ئەينى ۋاقىتتا خان لەشكەرلىرىنى كۆزەتكەن دۆڭ ھازىرمۇ «ئالمانچۇق دۆڭ» دەپ ئاتىلىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت