سادىر پالۋان قەبرىسى
رېۋايەتلەر
سادىر پالۋان دۈشمەنلىرى بىلەن بولغان كۈرەشتە زادى يېڭىلمەپتۇ. مانجۇ چېرىكلىرىمۇ ئۇنىڭ ئېتىنى ئاڭلىسا دىر - دىر تىترەيدىكەن. رېۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئۆمرىدە دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن يەتتە قېتىم تۇتۇلۇپ، زىندانغا تاشلانغانىكەن. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ جاراسىتى ۋە پەم - پاراسىتى ھەم يولداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئامال قىلىپ زىنداندىن قېچىپ چىقىپ، كۈرەشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغانىكەن. ھۆكۈمران گورۇھ سادىرنى «كۆزگە قادالغان مىخ» دەپ بىلىپ، ئۇنى يۇقىتىشقا ئامالسىز قالغاچقا، دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكى خۇن بولۇپ كېتىپتۇ.
سادىرنىڭ يەتمىش ئۈچ يېشىدا ئۆز ئەجىلى بىلەن قازا تاپقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان جاڭجۇڭ ئۆز ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئۇنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ، ھەربىرى قەبرىگە يۈزدىن دەررە ئۇرۇپ ئۆچىنى ئالغانىكەن.