رېھانەم كېچىكى
رېۋايەتلەر
بۇرۇن ئاليا دېگەن بىر باي ئۆتكەنىكەن. بىر كۈنى باينىڭ بىر قانچە قويى كۆلچەككە چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇنىڭغا چىدىمىغان باي ئۆزىنى كۆلچەككە تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ. ئاليا باينىڭ رېھانەم ئىسىملىك قىزى ئاتىسىنىڭ قويلار ئۈچۈن كۆلگە چۈشۈپ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ:«مەن ئاتامنىڭ ئۆلگەن جايىغا بېرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرىمەن» دەپ قېرىنداشلىرىنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي ئات مىنىپ چىقىپ كېتىپتۇ. باشقىلارمۇ كەينىدىن ئاتلىق چىقىپ كېتىپتۇ. رېھانەمنىڭ ئۆيىدىن ئاليا كۆلىگە بارغۇچە چوڭ دەريادىن (تارىم دەرياسى - يەرلىكلەر چوڭ دەريا دەپ ئاتىغان) ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىكەن. رېھانەم ئاتنى تازا چاپتۇرۇپ كېلىپ توساتتىن بۇ دەريادا توسۇلۇپ قاپتۇ. چۈنكى دەريا ھەيۋەت بىلەن شارقىراپ، دەھشەتلىك قاينام ھاسىل قىلىپ ئېقىۋاتقانىكەن. ئاتىنىڭ دەردىدە ئۆزىنى يوقاتقان رېھانەم باشقىلارنىڭ دەريا بەك چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىك يوق، ئۆتمەڭ، دېگىنىگە قۇلاق سالماي ئاتقا قامچا ئۇرۇپ دەرياغا كىرىپتۇ. باشقىلار چوقان سېلىپ رېھانەمنى يېنىپ چىقىشقا دەۋەت قىپتۇ. ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان شىددەتلىك دەريا سۈيى رېھانەمنى ئېتى بىلەن يالماپ يۇتۇۋېتىپتۇ. شۇ سەۋەبتىن رېھانەم ئېتى بىلەن كىرىپ ئېقىپ كەتكەن جاينى كىشىلەر «رېھانەم كېچىكى» دەپ ئاتاپ كەپتۇ.