قۇتقا
رېۋايەتلەر
راۋىلار شۇنداق رېۋايەت قىلىدۇكى، تارىم بويىدا، لوپنۇرنىڭ ئىچكىرىسىدە، قويۇق توغراقلىق ئارىسىدا، بىر گەمە بولۇپ، ئۇ يەر قۇتقانىڭ (لوپنۇر تەرەپلەردە ياشتا چوڭ، ھۆرمەتلىك ئاقباش ئاياللارنى «قۇتقا» دەپ ئاتايدۇ.)ئارامگاھى ئىكەن. ئۆتكەن زامانلاردا كىشىلەر كۈز پەسلىدە ئۇ يەرگە بېرىپ، دۇئا - تىلۋاەت قىلىپ قايتىپ كېلىدىكەن.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قۇتقا ئەسلى يۇرتتا، ئەل ئارىسىدا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ناھايىتى مېھرىبان، پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ قوشۇمچە ئەمچىلىك قىلىدىكەن. ئۇنىڭ قولى شىپالىق بولۇپ، ساقايمىغان بىتاپ كىشىلەر قۇتقانىڭ قولىدا ساقىيىدىكەن. كۈنلەردىن بىر كۈنى يۇرتقا كېسەللىك تاراپ كېتىپتۇ. قۇتقانىڭ ھويلىسىدا بىر خاسىيەتلىك ئۈجمە دەرىخى بولۇپ، شۇنىڭ يىلتىزى مۇشۇ خىل كېسەلگە شىپا بولىدىكەن. قۇتقا بۇ يىلتىزنى قېزىپ ئېلىپ، ھەر كۈنى كېسەللەرگە دورا قىلىپ بېرىپتۇ. شۇ تەرىزدە يىلتىزنى قېزىپ ئىچكىرىلەپ يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىپتۇ. بىمارلارمۇ بارغانسېرى ئازلاپتۇ. ئەمما، كېسەللىك يىلتىزىدىن تۈگىمەپتۇ. قۇتقا شاگىرتلىرىغا دورا ياساشنى ئۆگىتىپ قويۇپ، ئۆزى يىلتىز ئىزدەپ يۇرت تەۋەسىدىن يىراقلاپ كېتىپتۇ، قۇتقا ئۆزى بارغان دائىرىدە بىر كامار ئېچىپ ئوچۇقچۇلۇققا چىقىپ، شۇ يەرگە بىر گەمە قېزىپ، شۇ يەردە ئارام ئالغاچ يىلتىز ئىزدەپ، شاگىرتلىرى ئارقىلىق يۇرتقا يوللاپ تۇرۇپتۇ.
قۇتقا بۇ ئىشلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن شۇنى ئويلاپتۇكى: ئۈجمە بەك خاسىيەتلىك دەرەخ ئىكەن، بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىنىڭ يىلتىزى مۇشۇ يەرگە كەلگەندەك تۇرىدۇ. مەن يۇرتقا قايتماي، مۇشۇ يەردە ئۈجمە دەرىخى ئۆستۈرۈپ، بىر ساۋابلىق ئىش قىلاي، مېۋىسىنى يەرمىز، يوپۇرمىقىدا پىلە باقارمىز، يىلتىزى ئۇزىراپ يۇرتقىچە يېتىپ بېرىپ قالسا، شۇ يەردىنلا قېزىپ، دورا ياساپ، كېسەللەرگە شىپا قىلارمىز.
قۇتقا شۇنىڭدىن كېيىن گەمىسىنى ماكان قىلىپ، ئۈجمە كۆچىتى تىكىپ، پەرۋىش قىلىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇنىڭ بۇ ساۋابلىق ئىشىدىن يۇرتداشلىرى كۆپ مەنپەئەتدار بوپتۇ، ھال كۈنى ياخشىلىنىپتۇ، كېسەللەردىن خارىج تېپىپتۇ. قۇتقانىڭ نامى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ساقلىنىپ كەپتۇ.