UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتتاتاگاتا

تاتاگاتا

رېۋايەتلەر تاتاگاتا بۇددا يىگىرمە چوڭ جەيتىيا ھەققىدە بولغاندىن كېيىن، ئەجدىھالارغا بۇ چوڭ جەيتىيالارنى قوغداشنى تاپىلاپتۇ. ئەجدىھالار بۇنى قوغدىيالماي قالىمىز دەپ ئۆزرە ئېيتىپ قوبۇل قىلماپتۇ. تاتاگاتا بۇنى يەنە يىگىرمە سەككىز ياكسا سەركەردىسىگە تاپشۇرۇپتۇ. يىگىرمە سەككىز ياكسا شۇنداق دەپتۇكى: «يىگىرمە جەيتىيانى ئەۋلىيا بىزگە تاپشۇردى. بىز بۇدداغا ھۆرمەت بىلەن بويسۇنىمىزكى، باش تارتىشقا ھەددىمىز ئەمەس، لېكىن گۇماسلا خۇشبۇي تېغى دېگەن جاينى ساقلاشنى زىممىمىزگە ئالمىقىمىز تەس.» ياكسلار بۇ جاينى ساقلاش تەس دەپ ئۆزرە ئېيتقاچقا، ناگا (ئەجدىھا شاھى) قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز رازىلىقى بىلەن زېممىسىگە ئاپتۇ. «بۇ چاغدا ئەجدىھا شاھى چېرىغا بادادۇ، يەنى ئاق بۇد دەپتۇكى «بۈزرۈكۋارىمىز تاتاگاتا ئۇدۇن دۆلىتىدىكى بۇددا دىنى مۇقەددەس جايى كوسىرىنكا (كالا باش تاغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېغىدىكى چوڭ جەيتىيا گاندامۇنىنى ساقلاشنى ماڭا تاپىلىدى. لېكىن، ئۇ دۆلەتنىڭ شەھەر - يېزىلىرى قۇرۇق، ئادەمزاتتىن ئەسەر يوق بولۇپ، ھەممە خەلق باشقا ئەللەردىن كۆچۈپ كەلگەنلەر ئىكەن، بەزىلىرى مەملىكەتنىڭ باشقا جايلىرىغا، بەزىلىرى ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتى. بۇدساتۋا ماخاسا، ئۇلۇغ پرايتكا بۇددا، ئۇلۇغ ئارخات، كامالەتكە يەتكەن سىرامان، بەش خىسلەتلىك دانىشمەن بىر - بىرىدىن قېلىشماي ئىستىقامەت قىلىپ، ئۇلارغا بېقىش ئاتا قىلدى. گۇما سالادا بۇرۇن ئادەمزات يوق ئىدى. بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى باشقا ئەللەردىن كەلگەنلەر ئىكەن.» ساگارا: «بۇ يىگىرمە سەككىز ياكسا سەركەردىلەر بۇ يەرنى ساقلاشتىن باش تارتتى. بۈگۈن مەن ئۇلارنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغانلىقىدىن رەنجىدىم. ئەگەر ئۇلار ساقلىمىسا، مەن قاتارلىق ئەجدىھالار بەتنامغا قالىمىز» دەپتۇ. بۇدساتۋا ساراگاغا: «ئۇنداق دېمەڭ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھازىر ئىككى تۈمەن بەخت - سائادەت ساھىبى تۆت چىنلىقنى دەپ سالى، يەنە سۇلى دۆلىتى، ھازىرقى كاشىغەر دۆلىتىدىن ئۇ يەرگە بېرىپ كۈچى زورايدى. شۇنىڭ بىلەن گۇماسالا خۇشبۇي تېغىدىكى چوڭ جەيتىيا بار جايغا كېلىپ كېچە - كۈندۈز تېۋىنىپ ھەمم نەرسە بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ. ئەجدىھا شاھلار شۇنى بىلىۋېلىڭلاركى، ئۇ ۋاقتىدا سىلەر مەڭگۈ قورسىقىڭلار ئاچمايدىغان، چارچىمايدىغان بولىسىلەر» دەپتۇ.»
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت