UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتقالاچ

قالاچ

رېۋايەتلەر 1 ئوغۇزخان يەنە داۋاملىق ئىلگىرلەپتۇ. ئۇ يولدا ئېگىز بىر ئۆينى كۆرۈپتۇ. بۇ ئۆينىڭ تېمى ئالتۇندىن، تۈڭلۈكى كۈمۈشتىن، ئىشىكى تۆمۈردىن ياسالغانىكەن. ئىشىكى قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئاچقۇچى يوق ئىكەن. لەشكەر ئىچىدە بىر چىۋەر ئۇستا بارئىكەن. ئۇنىڭ ئىسمى تۆمۈر دۇقاغۇل ئىكەن. ئوغۇزخان ئۇنىڭغا :« سەن بۇ يەردە قال، ئىشىكىنى ئاچ، ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئوردىغا قايتىپ بار» دەپ يارلىق چۈشۈرۈپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا «قالاچ» دەپ ئات قويۇپتۇ. 2 ئوغۇزخان ئۆز يۇرتىغا قايتماقچى بولۇپ ماڭغاندا يولدا مۇنداق بىر ۋەقە بوپتۇ: بىر ھامىلدار ياش ئايال ئوغۇل تۇغۇپتۇ. يەيدىغان ھېچ نەرسىسى يوق ئاچ قاپتۇ. بالىسى ئەمگۈدەك سۈتمۇ يوق ئىكەن. ئىككى - ئۈچ كۈندىن كېيىن تۇيۇقسىز بىر قىرغاۋۇلنى چىشلەپ كېتىۋاتقان تۈلكىنى كۆرۈپ قاپتۇ. بىر ئايالنىڭ ئېرى تۈلكىنى چوماق بىلەن ئۇرغانىكەن، تۈلكە قىرغاۋۇلانى تاشلاپ قېچىپتۇ. ئايالنىڭ ئېرى قىرغاۋۇلنى يۇڭداپ، تازىلاپ پىشۇرۇپتۇ - دە: «مانا بۇنى يېسەڭ، سۈتۈڭ كېلىپ بالىنى ئېمىتەرسەن» دەپ خوتۇنىغا بېرىپتۇ. بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئوغۇزنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلسە، ئوغۇز: « نەدە ئىدىڭ؟ يولدا نېمە ئۈچۈن ئارقىدا قالدىڭ؟» دەپ سوراقلاپتۇ. ئۇ ئادەم ئېغىر بوي خوتۇنىنىڭ يولدا تۇيۇقسىز يەڭگىپ قېلىپ كېچىكىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ئوغۇز ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمەي:«خوتۇنۇم تۇغدى دەپ سەپتىن قالامسەن؟ ئۇنداق بولسا مۇشۇ يەردە قال» دەپ، ئۇنىڭغا ئازار بېرىپ، تۈركچە «قال ئاچ» دەپ ۋارقىراپتۇ. بۇ سۆز ئۇنىڭ نامى بولۇپ قاپتۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى«سەن ئاچ بولغاندىن كېيىن ئارقىدا قال» ئىكەن. ئوغۇزنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇ ئەر - خوتۇن شۇ يەردە قاپتۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئىسىم «قالاچ» بولۇپ ئۆزگىرىپ، بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ قالغانىكەن. بۇ قەبىلە ئاشۇ شەخسنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
قالاچ | UyghurWiki | UyghurWiki