UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتمۇسا بايوف

مۇسا بايوف

رېۋايەتلەر باھاۋۇدۇن باي بىلەن ھۈسەن باينىڭ ئاتىسى مۇسابايوف ئەسلىدە نامرات بىر يىگىت ئىكەن. بىراق ئۇنىڭ قول كەڭ، چېھرى ئوچۇق، لىللا گەپ قىلىدىغان ئادىل يىگىت ئىكەن. مۇسا بىر كۈنىسى ھويلىدىكى ئاق ئۈجمىنىڭ تۈۋىدە سەھەردە بىر چۈش كۆرۈپتۇ: ئاپئاق ساقاللىق ئۈچ كىشى ئۇنى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توۋلاپتىمىش، ئۇ چىققاندىن كېيىن ئىگەر - جابدۇقلۇق بىر ئاتقا مىندۈرۈپ قەشقەر شەھىرى تەرەپكە ئېلىپ مېڭىپتۇدەك. يولدا بارغۇچە ئاقساقاللاردىن بىرى سوئال قويۇپ: _ ئوغلۇم، ئانىڭىزنى قانداق نېمەتلەر بىلەن بېقىۋاتىسىز؟ - دەپتۇ. مۇسا مېھرىبان ئانىسىنى پاقلان گۆشى، كالا سۈتى، توخۇ، ئۆردەك تۇخۇمىدا بېقىۋاتقانلىقىنى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ راۋاج تېپىپ، ھوسۇلنىڭ ياخشى بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. _ مۇندىن كېيىن، - دەپتۇ ئاقساقاللاردىن بىرى، _ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى مەھەللىدىكى بۇرادەرلىرىڭىزگە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزىڭىز سودا - سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىڭ، چۈنكى سودا - سېتىق ئىشلىرى ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرى، ئاندىن قالسا ئورمانچىلىق ئىشلىرى بىلەن كىشىنىڭ قەدىمى ئىلگىرى باسىدۇ. پەقەت دېھقانچىلىق ئىشلىرىغىلا قارىۋالسا ئاشلىق دېگەن ئاز بولسا يېتىدىغان، كۆپ بولسا كېتىدىغان نېمە، _ دەپتۇ. _ سودىگەرلىكنىڭ سەرمايىسىنى نەدىن تاپىمەن؟ - دەپتۇ مۇسا ئېھتىرام بىلەن. _ ئۇنىڭ كارايىتى چاغلىق، - دەپتۇ ئۈچىنچى كىشى، - مەن سىزنى ئۈچمىراۋاندىكى بىر تاشنىڭ تۈۋىگە باشلاپ بارىمەن. تاشنىڭ ئاستىدا بىر كوزا ئالتۇن بار، ئۇى ئىشلەتسىڭىز ھەرقانداق سەرمايىگە يېتىپ ئاشىدۇ، - دەپتۇ. مۇسا ئۇلا بىلەن «ئۈچمىراۋان» غىچە بىرلىكتە بېرىپتۇ. ئاقساقاللار ئاتتىن چۈشۈپتۇ. ئۈچىنچى كىشى قامچىنىڭ دەستىسى بىلەن يوغان بىر تاشنى ئىغىتىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تاشنىڭ ئاستىدا تۇرغان ساپسېرىق ئالتۇنلار كۈن نۇرىدا ۋال - ۋۇل قىلىپ كېتىپتۇ. مۇسانىڭ كۆزلىرى چاقناپتۇ. «پاھ!» دەپ ۋارقىراپتۇ ھاياجىنىنى باسالماي، شۇنىڭ بىلەن ئويغىنىپ كېتىپتۇ. _ نېمە بولدى بالام؟ - دەپتۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئويغاق ياتقان ئانىسى مۇسانىڭ ۋارقىرىشىدىن ئەنسىرەپ. _ ئانا! _ دەپتۇ مۇسا ھاياجىنىنى باسالماي،_ خاسىيەتلىك چۈش كۆرۈۋېتىپ ئويغىنىپ كەتتىم. _ ياخشى چۈش كۆرگەنمىدىڭىز؟ - دەپتۇ ئانا. _ شۇنداق، - دەپتۇ مۇسا ۋە چۈشىنى ئانىسىغا سۆزلەپ بېرىپتۇ. _ ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك چۈش ئىكەن، - دەپتۇ ئۇنىڭ ئانىسى ھاياجانلىنىپ، ئانا - بالا ئىككىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، نامىزىنى ئوقۇپ، چاي - پاي ئىچكەندىن كېيىن مۇسا ئېشىكىنى مىنىپ «ئۈچمىراۋان» غا مېڭىپتۇ. مەھەللىدىكىلەر «نەگە ماڭدىڭ؟» دېسە، «ئېشەك باققاچ تەرمەچ تېرىپ كېلەيمىكى» دەپتۇ مۇسا. شۇ كۈنى كەچتە ئۇ بىر خۇرجۇننىڭ ئىككى بېشىغا لىق قاچىلانغان ئالتۇننى ئېشىكىگە ئارتىپ ئانىسىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئانا ھەيران قاپتۇ. شۇندىن ئېتىبارەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر «مۇسابايوفقا خىزىر يولۇققانىكەن» دېيىشىدىغان بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت