UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتيىلان بىلەن قارلىغاچ ھەققىدە رېۋايەت

يىلان بىلەن قارلىغاچ ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر رېۋايەتچىلەر شۇنداق رېۋايەت قىلىدۇرلەركى: نوھ (يىغلاڭغۇ دېگەن مەنىدە) ئەلەيھىسسالام ياراتقۇچى ئۇلۇغ ئىگىمىزنىڭ يارلىقى بويىچە كۇپپارلارنى شەرىئەي يولىنى تۇتۇپ، ئىمان ئېيتىشقا 600 يىل چاقىرىپتۇ. كۇپپارلار بولسا، يەنە ئىمان ئېيتماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نوھ ئەلەيھىسسالام ياراتقۇچى ئىگىمىز ئۇلۇغ ئاللاتائالاغا زار - زار يىغلاپ تۇرۇپ: _ ئەي ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئىگەم، سەن ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ھەم كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇرسەن. مەن كۇپپارلارنى ئىمان ئېيتىشقا 600يىل چاقىردىم. بىراق ئۇلار ئىمان ئېيتمىدى. مەن بۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئەمدى مېنىڭ ئىلتىماسىم شۇكى، سەن ئۆزۈڭنىڭ ئۇلۇغ كۈچ - قۇدرىتىڭنى نامايەت قىلىپ، ئۇلارغا بىر بالا - قازا ئەۋەتكەيسەن، - دەپ قولىنى كۆككە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئىلتىقا قىپتۇ. ئاللاتائالا نوھ ئەلەيھىسسالامغا: _ ئۇنداق بولسا، سەن دۇنيادىكى بارلىق جان - جانىۋارلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلاردىن بىر جۈپتىن سالساق پاتقۇدەك ناھايىتى يوغان بىر كېمە ياسىغىن، - دەپ يارلىق قىپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالام ئاللاتائالانىڭ دېگىنى بويىچە قىلىپ، ئاجايىپ يوغان بىر كېمە تەييار قىپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالام ئاللاتائالانىڭ يارلىقى بويىچە دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلاردىن بىر جۈپتىن كېمىگە سېلىپتۇ ۋە ئۆز ئوغلى مەردۇدقا كېمىگە چىقىۋېلىشنى ئېيتىپتۇ.بىراق، ئۇ ئۆزى ياسىغان ئەينەك شىشىلىك ئۆيگە كىرىپ، بىر ئېگىز تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمىسىگە چىققىلى ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭدىن ئۇزاق ئۆتمەي توپان بالاسى باشلىنىپ، پۈتۈن يەر - زىمىن بۇلاققا ئايلىنىپ ھەممە يەردىن سۇ بۇلدۇقلاپ چىقىشقا، ئاسماندىن بولسا يامغۇر چېلەكتىن سۇ قۇيغاندەك شارىلداپ يېغىشقا باشلاپتۇ. پۈتۈن دۇنيا دۇنيا دېڭىزغا ئايلىنىپتۇ. ئولۇغ ئاللاتائالا سۇغا: _ چايقال! - دېگەنىكەن، پۈتۈن ئالەمدىكى سۇلار چايقىلىپ، ئاجايىپ يوغان، دەھشەتلىك دولقۇنلار ھاسىل بولۇپ، مەردۇنىڭ ئەينەك شېشىلىك ئۆيى ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا سوقۇلۇپ، كۇكۇم - تالقان بولۇپ، ئۆزى ھالاك بوپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالام بولسا، ھېچنېمە بولماي، ئۆزىنىڭ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېمىدىكى چوشقىدىن بىرى بىر چۈشكۈرۈش بىلەن تەڭ ئۇنىڭ بۇرنىدىن بىر چاشقان ئېتىلىپ چىقىپ، كېمىنىڭ ئۇ يەر - بۇ يېرىنى غاجىلاپ يۈرۈپ، كېمىنى تېشىپ قويۇپتۇ. كېمىگە سۇ كىرىشكە باشلاپتۇ. كېمىچىلەر ھەرخىل چارە - ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ سۇنى زادىلا توختىتالماپتۇ. ئاخىر نوھ ئەلەيھسسالام: _ سۇنى كىم توختىتاتسا، مەن شۇنىڭغا خالىغىنىنى قىلىپ بېرىمەن، - دەپتۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يىلان تۆشۈكنىڭ ئۇدۇلىغا بېرىپ، چەمبەردەك تۈگۈلۈپ يېتىپ سۇنى توختىتىپتۇ. كېمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى خەتەردىن قۇتۇلۇپتۇ. نوھ ئەلەيھسسالام توپان بالاسىنىڭ ئاياغلاشقان - ئاياغلاشمىغانلىقىنى بىلىپ كېلىش ئۈچۈن كەپتەرنى ئەۋەتىپتۇ. كەپتەرئۇچۇپ كېتىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن زەيتۇن دەرىخنىڭ يوپۇرمىقىنى چىشلەپ قايتىپ كەپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالام توپان بالاسىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى بىلىپ، كېمىنى قىرغاققا ھەيدەپ ئاپىرىپ ئاللا تېغىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ. شۇ چاغدا يىلان نو ھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: _ ماڭا بېرىدىغان نەرسىنى بەر، - دەپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالام: _ ساڭا نېمە لازىم، ماڭا ئېيتقىن، - دەپتۇ. يىلان: _ دۇنيادا نېمىنىڭ قېنى تاتلىق بولسا، شۇنىڭ قېنىنى شوراپ، ھايات كەچۈرىمەن، -دەپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالام پاشىغا: _ دۇنيادا جانلىقلارنىڭ ئىچىدە نېمىنىڭ قېنى تاتلىق ئىكىن، دەپ شۇنى بىلىپ كەل، - دەپ بۇيرۇپتۇ. پاشا دۇنيادىكى ھەممە جانلىقلارنى چېقىپ، قېنىنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرسە، ھەممىدىن ئادەمنىڭ قېنى تاتلىق تۇرغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇل نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا قاراپ ئۇچۇپتۇ. پاشىنىڭ ھەممە ھەركەتلىرىنى كەينىدىن تۇيدۇرماي بېرىپ كۆزىتىپ بىلىۋالغان قارلىغاچ پاشا ئۆتىدىغان يول ئۈستىدە بىر شاخقا قونۇپ پاشنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. پاشا يېتىپ كېلىشىگە قارلىغاچ ھېچنېمىنى بىلمىگەن بولۇپ سوراپتۇ: _ پاشا ئاداش، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ _ بۇيرۇق بويىچە نېمىنىڭ قېنى تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەلدىم. _ ھە، نېمىنىڭ قېنى تاتلىق ئىكەن؟ _ ئادەمنىڭ قېنى ھەممىدىن تاتلىق ئىكەن. _ يالغان، ئىشەنمەيمەن. _ ئىشەنمىسەڭ سەن مېنىڭ تىلىمنى يالاپ باقىقىن، - دەپ پاشا تىلىنى چىقىرىپتۇ. قارلىغاچ «چوك»كىدە قىلىپ پاشىنىڭ تىلىنى چۇقۇلاپ ئۈزۈۋاپتۇ. پاشا غىڭىلدىغىنىچە نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالام پاشىدىن نېمىنىڭ قېنى تاتلقلىقىنى سوراپتۇ. بىراق، پاشىنىڭ تىلى بولمىغاچقا «غىڭ - غىڭ، غىڭ - غىڭ »قىلىپلا تۇرۇپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە باشقىلار ھېچ نەرسىنى ئۇقالماپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالام قايتا - قايتا: - نېمىنىڭ قېنى تاتلىق ئىكەن؟ - دەپ سوراۋەرگەنىدىن كېيىن، بىر چەتتە قاراپ تۇرغان قارلىغاچ : _ ھەممىدىن پاقىنىڭ قېنى تاتلىق دەيدۇ، - دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان يىلان پاشىغا قارلىغاچنىڭ زىيانكەشلىك قىلغىنىنى بىلىپ،قارلىغاچقا قاراپ غەزەپ بىلەن بىر ئېتىلغانىكەن، قارلىغاچ ئۇچۇپتۇ، يىلان قارلىغاچنىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تېشىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قارلىغاچنىڭ قۇيرۇقى ئاچا بولۇپ قالغانىكەن ۋە شۇندىن تارتىپ قارلىغاچ بىلەن يىلان ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىكەن. پاشا شۇنىڭدىن باشلاپ ئادەمنىڭ قېنىنىڭ تاتلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئادەمنىڭ قولىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ، غىجىكىنى چېلىپ، ناخشىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ قېنىنى شورايدىكەن. يىلانمۇ ئادەمنىڭ قېنىنىڭ تاتلىقلىقىنى بىلىۋالغاچقا، كۆڭلىدە «خەپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە سېنى بىر چېقىۋالمىسام»دەيدىكەن. بىراق، قاراڭغۇمۇ چۈشىدىكەن بېشى ئاغىرىپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنى چاقالمايدىكەن. كۈندۈزى بېشى ساقايغاندا كىشىلەرگە كۆرۈنمەيدىكەن. چۈنكى، «كۈندۈزى ماڭغان يىلاننىڭ ئۆمرى قىسقا» دېگەندەك، كىشىلەر ئۇنى كۆرسىلا ئۆلتۈرىدىكەن. شۇڭا يىلان كىشىلەرگە كۆرۈنۈشتىن قورقىدىكەن ھەم پاقىنى يەپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەن. قارلىغاچ ئادەملەرگە ياخشلىق قىلغاچقا، ئادەملەرمۇ ئۇنى بەك ئەزىزلەيدىكەن. شۇڭا، قارلىغاچمۇ خاتىرجەم ئۆيلەردە، ھويلا - ئاراملارنىڭ پېشايۋانلىرىدا ئۇۋىلايدىكەن. يىلان قارلىغاچنىڭ بالىسىنى يېيىش ئارقىلىق ئۆچىنى ئالماقچى بولىدىكەن. بۇ چاغدا قارلىغاچ قارا بوغۇن (دۆ، ئۆمۈچۈك) نى باشلاپ كېلىدىكەن. قارا بوغۇن يىلاننى چېقىپ ئۆلتۈرىدىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ يىلان يىللىق ئادەم بار ئۆيلەردە قارلىغاچ ئۇۋىلىمايدىغان بولغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت