UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتتوخۇنىڭ سۇ ئىچىشى ھەققىدە رېۋايەت

توخۇنىڭ سۇ ئىچىشى ھەققىدە رېۋايەت

رېۋايەتلەر ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ھايۋانات توپلىشىپ ياشايدىغان بىر رايوندا تۇيۇقسىز قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ، ھايۋانات ئۇسسۇزلۇقتىن ھالسىزلىنىشقا باشلاپتۇ. شۇ ئارىدا بىر نەچچە قۇش يىراق تاغ بېشىغا چىقىپ ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ كېلىشنى مەسلىھەتلىشىپ، بارلىق قۇشلارغا چاقىرىق قىلغانىكەن، قۇشلار ئاۋاز قوشۇپ دەرھال ئۆستەڭ چېپىشقا ئاتلىنىپتۇ. لېكىن، توخۇ جاپا تارتىشتىن قورقۇپ، باھانە كۆرسىتىپ چىققىلى ئۇنىماپتۇ. كۆپ ئۆتمەي ئۆستەڭ چېپىلىپ سۇ ئېقىپتۇ. لېكىن، ئۆستەڭ چېپىشقا چىقمىغان توخۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا بېرىپ سۇ ئىچىشكە تەمىشىلىپتۇ. ئەمما ئۇ باشقا قۇشلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇمشۇقىنى سۇغا تەگكۈزە - تەگكۈزمەيلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھازىرقى توخۇلارنىڭ بىر قېتىم سۇ ئىچىپ بىر قېتىم ئاسمانغا قارىشى ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
توخۇنىڭ سۇ ئىچىشى ھەققىدە رېۋايەت | UyghurWiki | UyghurWiki