UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتپەيزىۋات

پەيزىۋات

رېۋايەتلەر راۋىلار شۇنداق رېۋايەت قىلىپتۇرلەركى، ئۇزاق ئۆتكەن زامانلارنىڭ بىرىدە، قەشقەردە ئارسلانخان ئىسىمىلىك بىر خان ئۆتكەنىكەن. ئۇنىڭ ھارۇنخان ئىسىملىك بىر مەسلىھەتچى ۋەزىرى بار ئىكەن. ئارسلانخان ئېلى ئىسىملىك، ھارۇنخاننىڭ بولسا پەيزۇللا ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولغانىكەن. بۇ ئىككىيلەننىڭ يېشى ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن، بىر - بىرى بىلەن ئىناق خۇشال ئۆتىدىكەن. بىرەر خۇشاللىقى بولسا تەڭ كۈلۈپ، خاپىلىققا تەڭ قايغۇرىدىكەن. بىر مەكتەپتۇ، بىر ئۇزتازدىن تەلىم ئالغانىكەن. ئۇلار چوڭ بولغانسېرى ئات مىنىش، قىلىچ - نەيزىۋازلىق، ئوقيا ئېتىش ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان بوپتۇ. كۈنلەردىن بىركۈنى ئىككى بەگزادە ئاتلىرىدىن رۇخسەت ئېلىپ، قەدىمىي ئوردا «خانئۆي» ئەتراپىغا ئوۋغا چىقىپتۇ. قۇمباغ، سايۋاغ، چارۋاغ، بايتوقاي، لەڭگەر . . . دېگەندەك يۇرت - ئۆتەڭلەردىن ئۆتۈپ، قىزىل دەرياسى بىلەن چاقماق دەرياسى ئارىلىقىدىكى غورۇ جاڭگال ئىچىگە كەپتۇ. ئۇ يەرلەردە بۆرە، تۈلكە، قاۋان، ياۋا توڭگۇز، كېيىك، توشقان، تاغ تېكىسى، قوتاز، قىرغاۋۇل، قارىچىغا، جاغالماي، كەكلىك، بۆدۈنە، لاچىن، بۈركۈت ۋە تورغاي، قۇشقاچقا ئوخشاش گۆشخور، ئوتخور، تۆت ئاياغلىق، جۈپ قاناتلىق چوڭ - كىچىك ياۋايى ھايۋان ۋە قۇشلار ياشايدىكەن. توغراق، يۇلغۇن، جىگىدە، سۆگەت، سېدە قاتارلىق دەرەخلەر، خىلمۇ خىل ئوت - چۆپلەر ئۆسىدىكەن. ئارىلاپ - ئارىلاپ قونالغۇ ئۆيلەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدىكەن. شاھزادىلەر تاغ باغرىدىكى ساغۇنباغدىن كۈنپېتىشقا بۇرۇلۇپ، كەڭ كەتكەن يايلاقنى توغرا كېسىپ، «ئاقسۇ دەرياسى» بويىغا كېلىشىپتۇ. ئىلگىرى ئۇلار بۇ يەرلەرگە كېلىپ باقىمىغانىكەن. بۇ يەردە بىر كېچىك، بىر - ئىككى ئۆيلۈك دېھقان بار ئىكەن. كەچقۇرۇن بىر بېلىقچى بوۋاينىڭ ئۆيىدە قونۇپتۇ. ئوۋ غەنىيمەتلىرىنى كاۋاپ قىلىپ، ئۆي ئىگىسى بىلەن تەڭ يېيىشىپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئاتلىرىنى تەۋەككۈل دەرياسىغا سېلىپ، قىزىلسۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپتۇ. بۇ يەردە دەريادىن سۇ چىقىدىغان، كۈنپېتىشقا ئېقىپ كېتىدىغان بىر ئۆستەڭ، ئۇ ئۆستەڭنى بويلاپ كەتكەن تار ھارۋا يولى بار ئىكەن، بەگزادىلەر يول بىلەن خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن، بىر كىچىك يۇرتقا يېتىپ كەپتۇ. بەگزادىلەر يۇرتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، چوڭ بىر كۆلنىڭ بويىدا ئاتلىرىدىن چۈشۈپتۇ. ھايال ئۆتمەيلا ئەسىر نامىزىدىن يانغان جامائەتلەر بۇ يەرگە كېلىپ «ئۆتكۈنچى مۇساپىرلار» بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. جامائەتنىڭ «كۈسەنباي ئىسىملىك بىر ئاقساقىلى بارئىكەن، ئۇ ھەم يۇرت بېشى، ھەم ئىمام ئىكەن. كۈسەنباي بۇ ئىككى مۇساپىرنى ئۆز ھويلىسىغا تەكلىپ قىلىپتۇ. كەچقۇرۇن يۇرت ئەھلى قوي سويۇپ، مەشرەپ قىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋاپتۇ. ئەتىسى مىھمانلار يىراق - يېقىننى كۆرۈپ ئېتىزلارنى ئارىلاپ، باغلاردا سەيلە - ساياھەت قىپتۇ. كەچلىرى ھويلىدا ئولتۇرۇپ ھېكايە ئاڭلاپتۇ. ئاۋۋال كۈسەنباي بۇ يەرنىڭ خەلقى، يەرلىرى، ھوسۇلى، يوللىرى، قەيەرگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى، قانچىلىك غەللە - پاراق تۆكىدىغانلىقى ئۈستىدە چۈشەندۈرۈپتۇ. ئاندىن بۇ « كەنگىندى»لەرنىڭ قەيەردىن، نېمە سەۋەب بىلەن بۇ يەرلەرگىچە كېلىپ قالغانلىقىنى سوراپتۇ. بەگزادىلەر ئۆز ئاتىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەنم، ئۆزلىرىنى«يولدىن ئېزىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغان مۇساپىرلار» دەپ كۆرسىتىشىپتۇ. كۈسەنباي كۆپنى كۆرگەن، تەجرىبىلىك ئادەم ئىكەن. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزىچە شۈبھىلىنىپ، تولىمۇ ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئۇلارنى قولىدىن كېلىشىچە ياخشى كۈتۈۋېلىپتۇ. بەگزادىلەر كېتىدىغان چاغدا، كۈسەنباي ئۇلارغا بىر قانچە قارا كۆكچى قوغۇن يوللۇق تۇتۇپتۇ ۋە دەپتۇ: _ قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ بويىدىكى يېڭى مەھەللە دېھقانلىرى ئارسلان بۇغراخانىمىزغا سالام يوللىدى! - دەپ قويۇشالا، بەگچىلىرىم! بەگزادىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ سالاھىيىتى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى سېزىپ، كۈسەنبايغا ھەقىقىي نام- شەرىپلىرىنى مەلۇم قىپتۇ. بىر قانچە كۈنلەر ئۆتۈپ كېتىپتۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار كۈسەنباينىڭ ھېكايىسىنى بەكمۇ قىزىقىپ ئاڭلاپتۇ. بۇ ھېكايىنى ئاستانىگە بارغاندىن كېيىن خان ئاتىمىزغا سۆزلەپ بېرىمىز، مولا تەكلىپ قىلىپ كىتابقا پۈتكۈزىمىز، - دەپتۇ. شاھزادە ئېلى، بەگزادە پەيزۇللالار ئوردىغا قايتىپ كەپتۇ. ئەھۋاللارنى تولۇق مەلۇم قىپتۇ. ئارسلانخان ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ھارۇنخاندىن : «پەيزۇللا بەگزادە ئۇ يەرگە بارسا قانداق» دەپ سوراپتۇ. ھارۇنخان: «ئىلتىپاتلىرىغا رەھمەت شاھىم! ئۆزلىرى بىلىلا، مەن ياشىنىپ قالدىم. ئۆز يۇرتۇمنى سېغىنىۋاتىمەن، ئوغلۇم ئالدىن يېتىپ بارسا، ئارقىسىدىن مەنمۇ يېتىپ بارىمەن » دەپتۇ. ئارسلانخان پەيزۇللادىن بۇ ئىشقا مەيلى بار - يوقلۇقىنى سورىغانىكەن، ئۇ دەرھاللا: _ مەن ئۇ يەرنى خانلىقىمىزنىڭ باياشات ئۆلكىسى قىلىپ چىقىشقا بەل باغلىدىم!- دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ، پەيزۇللا قىزىلسۇ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يۇرتلارغا «بەگ» قىلىپ تەيىنلىنىپتۇ. پەيزۇللا بەگنىڭ ئوردىسى دەسلەپتە «يېڭى مەھەللە»گە قۇرۇلۇپتۇ. بەگنىڭ ھويلا يېنىدا ھەشەمەتلىك «شەرئى مەھكىمە خانا» قۇرۇلۇپتۇ. پەيزۇللا بەگ ئالدى بىلەن كۈسەنباينى باش قىلغان « پېشقەدەملەر ئويۇشمىسى» تەسىن قىلىپ، چوڭ - كىچىك ئىشلاردا ئۇلارنىڭ توغرا، پايدىلىق مەسلىھەتلىرىنى ئالدىكەن. پەيزۇللا بەگ ئىشنى ئۆز تەۋەلىكىنى ئايرىش، ھەر بىر يۇرتلارغا يېڭىدىن «ئاقساقال»لارنى تەيىنلەش، غەللە - پاراقنى بىر ئورۇنغا يېغىۋېلىش، ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى رېمۇنت قىلىشتىن باشلاپتۇ. بىر - ئىككى يىل ئۆتمەيلا يېڭى - يېڭى يۇرتلار پەيدا بولۇشقا باشلاپتۇ. كۆپ يىللار داۋام قىلغان ئۇرۇش - يېغىلىق دەستىدىن يۇرتىنى تاشلاپ، سەرسان بولۇپ چىقىپ كەتكەنلەرمۇ قايتىپ كېلىپ، ئۆز ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيزۇللا بەگ ئەسىرگە چۈشكەنلەردىن مىڭلاپ كۆچۈرۈپ كۆچۈرۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇپتۇ . . . بىر يىلى، دەريا سۈيى تېشىپ، يېڭى مەھەللىنى سۇ بېسىپ كېتىپتۇ. دېھقانلار كۈنچىقىشقا قاراپ قېچىپتۇ. كېيىن يېڭىدىن يەنە كۆپ مەھەللە بارلىققا كەپتۇ. پەيزۇللا بەگ چوڭلارنىڭ مەسلىھىتى بويىچە «بەگلىك ھويلا» ۋە «شەرئى مەھكىمە» لەرنى قىزىل دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى بىر يۇرتقا كۆچۈرۈپتۇ. قەدىمكى يىپەك يولى مۇشۇ يەردىن ئۆتىدىكەن. كۆپ ئۆيمەي بۇ يەردە گۈزەل كوچىلار، رەتلىك ئۆيلەر، جۈمە كۈنلۈكى قاينايدىغان بازار سودىسى، ئۆتەڭ - سارايلار پەيدا بوپتۇ. سودا كارۋانلىرى بۇ يېڭى ئۆتەڭگە كېلىپ چۈشىدىكەن، سودا - سېتىق قىلىشىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بۇ يۇرت بىنا بولغانىكەن. يۇرت ئىسمىنى كىشىلەر دەسلەپتە «پەيزۇللا بەگنىڭ ئاۋات قىلغان لەڭگىرى» دەپتۇ. كېيىنچە «پەيزۇللا ئاۋاتى» دەپتۇ. ھازىرقى پەيزىۋات (پەيزۇ ئاۋات) دېگەن نام ئەنە شۇنىڭدىن ئۆزگەرگەنىكەن.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
پەيزىۋات | UyghurWiki | UyghurWiki