UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتتۈركلەر

تۈركلەر

رېۋايەتلەر تۈركلەر 1 تۈركلەرنىڭ ئەجدادى ئاشنا ئىسىملىك ئۇرۇق ئىكەن. ئۇلار قوشنا ئەل تەرىپىدىن يوقىتىلىپ، پەقەت پۇتلىرى كېسىۋېتىلگەن بىر ئوغۇل بالا ساق قاپتۇ. كېيىن ئۇ بىر چىشى بۆرىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن چوڭ بوپتۇ. كېيىن بۆرە بالىدىن ھامىلدار بوپتۇ. ئوغۇل بالا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۆرە ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ شىمالدىكى تاغقا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ئون ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىسىمى بار بولۇپ، ئاشناشىر شۇلاردىن بىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، نەچچە يۈز ئائىلىلىككە يېتىپتۇ. نەچچە ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار تاغ غارلىرىدىن چىقىپ جۇرجانلارغا تەۋە بوپتۇ ۋە ئالتۇنتاغنىڭ كۈنگەي تەرىپىگە ماكانلىشىپتۇ. 2 تۈركلەرنىڭ ئەجدادى غۇزلار بولۇپ، ئۇرۇقىنىڭ ئىسمى ئاشنا ئىكەن. كېيىن ۋېي خانلىقىنىڭ تەيۋۇ خانى قۇتقۇ ئۇرۇقىدىكىلەرنى يۇقاتقاندا، ئاشنا ئۇرۇقىدىكى بەش يۈز ئائىلىلىك جۇرجانلار زېمىنىغا بېرىپ، ئۇزاق زامانلارغىچە ئالتۇنتاغ (ئالتاغ تېغى)دا ياشاپ، تۆمۈرچىلىك قىلغانىكەن. ئالتۇنتاغنىڭ شەكلى تۈركە (دۇبۇلغا)شەكلىدە بولغاچقا ، ئۇلارمۇ تۈرك دەپ ئاتالغانىكەن. 3 تۈركلەرنىڭ ئەجدادى سەك دۆلىتىدىن كەلگەن. ئۇ دۆلەت ھونلارنىڭ شىمالىدا بولۇپ، ئاپاڭبۇ زامانىسىغا كەلگەندە يوقىتىلىپ، پەقەت ئون يەتتە ئوغۇل بالا ساق قاپتۇ. ئۇلارنىڭ بۆرىدىن توغۇلغان بالىسى ئىجنىشتۇ ياز ئىلاھىنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئاپتۇ. يەنە بىرى قىش ئىلاھىنىڭ قىزىنى ئالغان بولۇپ، ئۇ يامغۇر ياغدۇرۇپ، شامال چىقىرالايدىكەن. ئۇنىڭدىن تۆت ئوغۇل تۇغۇلۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى ئاق ياۋا غازغا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. بىر ئوغلىنىڭ دۆلىتى ئاباقان دەرياسى بىلەن كېم دەرياسىنىڭ ئارلىقىدا بولۇپ، نامى قىرغىز ئىكەن. يەنە بىر ئوغلىنىڭ دۆلىتى چۋاكېم دەرياسىنىڭ بويىدا بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت چوڭ ئوغلى باش چۋاكېمىش تېغىنى ساقلاپ تۇرىدىكەن. تاغ ئارىسىدا ئاپاڭبۇ ئۇرۇقىدىكىلەر ياشايدىكەن. ئۇلار چوڭ ئوغۇللىرىنى ئۆزلىرىگە ھۆكۈمدار قىلىپ، ئۇنىڭغا تۈرك، دەپ نام بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ناتۇنۇش بولۇپ، ئۇمۇ ئون خوتۇن ئاپتۇ. تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئانا تەرەپتىنىڭ فامىلىسىنى ئۆزلىرىگە ئىسىم قىپتۇ. ئاشناشىر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كىچىك خوتۇنىدىن تۇغۇلغان ئۈچىنچى بالا ئىكەن. ئۇ دەرەخكە ھەممىدىن بەك ئېگىز سەكرەپ ئېسىلغانلىقى ئۈچۈن ناتولۇشنىڭ خان ۋارىسى بوپتۇ ۋە ئاشناشىر دەپ نام ئاپتۇ. 4 تۈركلەرنىڭ ئەجداد ئاتىسى شىمۇشىرى دېڭىز ئىلاھىنىڭ قىزىنى ئالغان. ئىلاھ قىزنىڭ ماكانى ئاشىد غارىنىڭ غەربىدە بولۇپ، شىمۇشىرى كېچىسى ئۇنىڭ يېنىدا قونۇپ، دېڭىز ياقىسىدىكى ماكانغا قايتىشىدا ھەر قېتىم دېڭىز ئىلاھىنىڭ ئۇنى ئاق بۇغا بىلەن ئاپىرىپ قويىدىكەن. بىر قېتىم ئۇنىڭ قەبىلىسىدىكىلەر چوڭ كۆلەملىك ئوۋ قىلماقچى بوپتۇ. ئىلاھ قىز ئېرىگە مۇنداق جېكىلەپتۇ: «ئەتە ئوۋچىلىق قىلغىنىڭلاردا سېنىڭ ئەجدادىڭ تۇغۇلغان غاردىن ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك بىر بۇغا چىقىدۇ. ئەگەر سەن ئاتقان ئوقيا ئوقى ئۇنىڭغا تەگسە، بىز مەڭگۈ بىللە ئۆتەيلى، ئەگەر تەگكۈزەلمىسەڭ مۇناسىۋەتنى مەڭگۈلۈك ئۈزىۋىىتەيلى» ئەتىسى ئۇلار ئەتراپنى قورشاپ ئوۋ قىلىۋاتقاندا، دەرۋەقە ھېلىقى قىز دېگەن بۇغىنى ئۇچرىتىپتۇ. شىمۇشىرى بار ئامال بىلەن ئۇنى قورشىغان بولىسىمۇ، ئەمما بۇغا قورشاۋدىن قۇتۇلۇپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شىمۇ شىرى بۇغىنى ئۆزى ساقلاۋاتقان مۇھاسىرە چەمبىرىكىدىن چىقىرىۋەتكەن قەبىلە باشلىقى ئاز قاتارلىقلارنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈپ، تەڭرىگە قۇربانلىق قۇربانلىق قىپتۇ. شىمۇشىرى ئۆزىنىڭ ماكانىغا قايتىپ كەلگەندە، دېڭىز ئىلاھى: «سەن ئۆز قولۇڭ بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپسەن، سېنىڭدىن قان ھىدى پۇراپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بىز مەڭگۈلۈك ئادا - جۇدا بولۇپ كېتەيلى» دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
تۈركلەر | UyghurWiki | UyghurWiki