UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتغېجەك

غېجەك

رېۋايەتلەر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى قىزىل دەريا ئېقىنىدا «غېجەك »دېگەن بىر كېچىك بولۇپ، بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر رېۋايەت بار: مانجۇلار زامانىسىدا تارىم موغاللىرىدىن نورۇز دولان (لەقىمى ئاقۋاش دولان)، مەكىتتىن دولان دوتەي مىراب، قىزىلبۇيىدىن قارا باي چوماقچىلار مەسلىھەتلىشىپ قەشقەرنى ئالماقچى بولۇشۇپتۇ. بىر قانچە مىڭ ئاھالىنى توپلاپ چوماق بىلەن قۇراللاندۇرۇپتۇ. بۇ ۋاقىت دەل ئاپاق غوجا مازىرىدا تاۋاب بولىدىغان مەزگىل بولۇپ، ئۇلار تاۋابچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىش ئۈچۈن چوماقلىرىنى يۇشۇرۇپ، تۆت يۈزدىن ئارتۇق باخشىنى ئالدىغا سېلىپ، داپ، غېجەك،راۋابلىرىنى چېلىشىپ، دولان ئاھاڭىغا مۇقام توۋلىشىپ، رەقىس ساما سېلىشىپ، «ئاللا، بارىكاللا» دەپ دوس تارتىشىپ يامانيار جاڭگىلىدىن ئۆتۈپ ، كونىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ يېزىسىغا تۇتاش بولغان «بۇلغىچى يار» بويىدىكى توقايلىقتا ئارام ئېلىپ، قەشقەرنى ئېلىشنىڭ بەزى تەييارلىقىنى ئىشلەپتۇ. ئۇلار دەل جۈمە كۈنىدە ئاپاق غوجا مازىرىغا يۆتكىلىپ، كۈندۈزى تاۋاب پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېچىسى شەھەرگە كىرىپ دەڭلەرگە ئورۇنلىشىپ ، يېرىم كېچە بولغاندا بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ قۇرۇلغا ھۇجۇم قىپتۇ. ئۇلار قاراۋۇللارنى ئۆلتۈرۈپ قۇرۇلنى ئىشغال قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي چىڭ ئەسكەرلىرى ياردەمگە كېلىپ قالغانلىقتىن، ئۇلار شەھەرنى تاشلاپ«بۇلغۇچى يار» بويىغا چېكىنىپتۇ. چىڭ ئەسكەرلىرى بۇ يەرگىچە قوغلاپ كېلىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپتۇ، ئۇلار ئۆلە - تىرىلىشىگە قارىماي، داپ - غېجەكلىرىنى تاشلاپ قېچىپتۇ. بڭ يەردە ئۇلاردىن ئۈچ يۈزدەك غېجەك قېپقاپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ كېچىك «غېجەك» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
غېجەك | UyghurWiki | UyghurWiki