مارجان بۇلاق
رېۋايەتلەر
بۇرۇنقى زاماندا بىر باي ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆسىن - جامالدا كامالەتكە يەتكەن بىر گۈزەل يالغۇز قىزى بار ئىكەن. باينىڭ قىزى دادىسىنىڭ چاكىرىنى ياخشى كۆرىدىكەن. چاكارمۇ قىزنى ياخشى كۆرىىدىكەن. باي تېخىمۇ يۇقىرى ئابروي، پۇل، مەنسەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن قىزىنى پادىشاھقا كېنىزەكلىككە سوۋغات قىلماقچى بوپتۇ. باي مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن چاكىرىنى يىراق يەردىكى بىر ھاشارغا ئەۋەتىپتۇ. قىز دادىسىنىڭ مەقسىتىنى بىلگەندىن كېيىن پادىشاھقا كېنىزەك بولۇشنى راۋا كۆرمەي قېچىپ كېتىپتۇ. قىز شۇ قاچقانچە ئادەم ئايىغى يەتمىگەن بىرمەھەللە چېتىگە كېلىپ قاپتۇ. ئۇ پادىشاھنىڭ چېرىكلىرى بۇ يەرگە كېلىپ قالماس، دېگەن ئوي بىلەن بىرئېگىز دۆڭنىڭ يېنىدا كەپە تىكمەكچى بولۇپ يەرنى كولاپتىكەن. ئۇ يەردىن ئېتىلىپ سۇ چىقىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىز ئۇنى يەنە كولاپ،چۆرىسىگە تاش تىزىپ سۇنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئاپتۇ. ئۆزىمۇ بۇلاق يېنىغا كەپە تىكىپ شۇ يەردە ھايات كەچۈرۈپتۇ. باينىڭ قىزى دائىم يارىنى كېلىپ قالامدىكىن، دەپ ھەر كۈنى كەپە يېنىدىكى دۆڭگە چىقىپ ئەتراپقا قارايدىكەن. بىر كۈنى، ئادىتى بويىچە دۆڭگە چىقسا، يىراقتىن شاھ لەشكەرلىرى كۆرۈنۈپتۇ. لەشكەرلەرمۇ قىزنى كۆرۈپ ئاتلىرىغا قامچا ساپتۇ. قىز قېچىشقا ئامال تاپالماي ئۆزىنى كەپىنىڭ يېنىدىكى بۇلاققا تاشلاپ ئۆلۈۋاپتۇ. لەشكەرلەر دەرھال كېلىپ بۇلاققا شۇنچە قارىسىمۇ قىز كۆرۈنمەپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆرگىنى پەقەت قىزنىڭ بوينىدىكى مەرۋايىت مارجان بوپتۇ. لەشكەرلەر قىزنىڭ مارجىنىنى بولسىمۇ ئالغاچ كېتەيلى دەپ، ئويلاپ مارجاننى ئالماقچى بولغان بولسىمۇ، ئالالماي قۇرۇق قول كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. قىزنىڭ يىگىتى بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال ھاشاردىن قېچىپتۇ. ئۇ قىز ئۆلگەن ھېلىقى جايغا كەلگەندە ھوشسىزلىنىپ يېقىلىپ، شۇ پېتىچە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتۇ. يىگىتنىڭ تېنى مەجنۇنتاللارغا ئايلىنىپ قىز كولىغان بۇلاقنىڭ سۈيى بىلەن كۆكلەپ ئەتراپنى يېشىللىق قاپلاپتۇ. كېيىنچە بۇ جايدا ئادەملەر ئولتۇراقلىشىپتۇ. بۇ بۇلاقتىن قىزنىڭ مارجىنى كۆرۈنگىنى ئۈچۈن بۇ يەر «مارجان بۇلاق »دەپ ئاتىلىپ قالغانىكەن.