UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتلاچىن توغرىسىدا رېۋايەت

لاچىن توغرىسىدا رېۋايەت

رېۋايەتلەر بۇرۇن سۇلايمان پەيغەمبەر دۇنيادىكى بارلىق جان - جانىۋارلارنىڭ، ئۇچار قۇشلارنىڭ پادىشاھى ئىكەن. بىر كۈنى، سۇلايمان پەيغەمبەر «ئۆلۈك جىقمۇ، تىرىك جىقمۇ؟»دېگەن مەزمۇندا يىغىن ئاچماقچى بولۇپ، يەريۈزىدىكى ئۇچار قۇشلارنى يىغىپتۇ. پادىشاھ قۇشلارنى رەت - رېتى بىلەن، سەپ - سېپى بىلەن يىغىپ يوقلىما قىپتۇ. قارىسا، چۇغۇندەك دېگەن قۇشنىڭ ئورنى بوش تۇرغۇدەك. سۇلايمان پادىشاھ باشقا قۇشلاردىن: _ چۇغۇندەك قېنى، كۆرۈنمەيدىغۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. قۇشلار دەرھال جاۋاب بېرەلمەپتۇ. سۇلايمان پادىشاھ: _ كىم چۇغۇندەكنى ئەكىلىدۇ؟ - دەپ سورىغانىكەن، _ مەن ئەكىلەي، - دەپتۇ «سار »دېگەن قۇش. سۇلايمان پادىشاھ: _ قانداق ئەكىلىسەن؟ - دەپ سوراپتىكەن، سار: _ ياخشى گەپ قىلىپ ئەكىلىمەن، - دەپتۇ. سار چۇغۇندەكنى چاقىرغىلى راۋان بوپتۇ. سار ئۇچۇپ يۈرۈپ ئاخىر چۇغۇندەكنىڭ ئۇۋىسىغا كەپتۇ. سار دەپتۇ: _ چۇغۇندەك ئاداش، يۈر، سۇلايمان پادىشاھ مەجلىس ئاچىدىكەن، ئىككىمىز دوست بولغاندىكىن بىللە بارايلى، - دەپتۇ، لېكىن چۇغۇندەك چىقماپتۇ. سار ئۇنداق يالۋۇرۇپتۇ، بۇنداق يالۋۇرۇپتۇ، لېكىن چۇغۇندەك زادىلا چىققىلى ئۇنىماپتۇ. ئامالسىز قالغان سار نائىلاج سۇلايمان پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەپتۇ. سارنىڭ يالغۇز قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن سۇلايمان پادىشاھ: _ چۇغۇندەك قېنى؟ - دەپ سوراپتۇ. _ ھەرقانچە يالۋۇرساممۇ چۇغۇندەك زادىلا چىققىلى ئۇنىمىدى، - دەپ جاۋاب سار. بۇ گەپنى ئاڭلىغان سۇلايمان پادىشاھ دەرغەزەپ بولۇپ: _ ھۆپۈپ سار ئالالماس، ئاسماندا ئەگىپ يۈرۈپ ھېچنېمىنى يېيەلمىگەيسەن، -دەپ قارغىۋېتىپتۇ. ئارقىدىن يەنە سۇلايمان پادىشاھ: _ چۇغۇندەكنى كىم چاقىرىپ كېلىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. _ مەن چاقىرىپ كېلەي، - دەپتۇ لاچىن. شۇنداق قىلىپ لاچىن چۇغۇندەكنى چاقىرىپ كېلىشكە يولغا چىقىپتۇ. لاچىن چۇغۇندەكنىڭ يېنىغا كېلىپ: _ چۇغۇندەك ئاداش، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولدى، مەن ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرۈپ جىق ئۇزۇق - تۈلۈك تاپتىم، بىللە يەتلى، ئۇۋاڭدىن بېشىڭنى چىقارغىنا، - دەپتۇ سىپايىلىك بىلەن. بۇ سىلىق سۆزنى ئاڭلىغان چۇغۇندەك كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ ئۇۋىسىدىن بېشىنى شۇنداق چىقارغانىكەن، لاچىن چاققانلىق بىلەن چۇغۇندەكنى كاپلا قىلىپ تۇتۇۋاپتۇ - دە، سۇلايمان پادىشىنىڭ قېشىغا ئاپىرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن سۇلايمان پادىشاھ چۇغۇندەكتىن سوئال سوراپتۇ: _ ھە، چۇغۇندەك، نېمىشقا مەن سېنى چاقىرتسام كەلمەيسەن؟ _ ئەسلى مەن كەلمەكچىدىم. لېكىن، ھۇزۇرلىرىغا كەلگەندىن كېيىن سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمەي تۇرۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ، جاۋاب تېپىپ ئەمدى كەلدىم، -دەپتۇ چۇغۇندەك. _ ئېيتە، نېمە سوئالغا جاۋاب تېپىپ كەلدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ سۇلايمان پادىشاھ. _ «جاھاندا ئۆلۈك جىقمۇ، تىرىكمۇ؟»دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىپ كەلدىم، - دەپتۇ چۇغۇندەك. _ ئۇنداق بولسا، ئۆلۈك جىقمۇ، تىرىكمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ سۇلايمان پادىشاھ. _ جاھاندا تىرىكتىن ئۆلۈك جىقكەن، ئۆلۈكنىمۇ ئۆلۈك كۆردۈم،ۋەدە قىلىپ ۋەدىسىدە تۇرمىغان ئۆلۈكنىمۇ كۆردۈم، خوتۇنىدىن قورققان ئۆلۈكنىمۇ كۆردۈم، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ چۇغۇندەك. چۇغۇندەك جاۋابىدىن رازى بولغان سۇلايمان پادىشاھ: _ ئېيتە، لاچىن سېنى بۇ يەرگە قانداق ئېلىپ كەلدى؟ - دەپ سوراپتۇ. چۇغۇندەك بولغان ئەھۋالنى ئەينەن سۆزلەپ بېرىپتۇ. چۇغۇندەكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان سۇلايمان پادىشاھ لاچىننىڭ ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇپ: _ ئاسماندا ئۇچۇپ يۈرگەن قۇشلار ئۆزلۈكىدىن ئالدىڭغا كېلىپ بەرگەي، سەن ئاشۇنداق ياشىغايسەن، ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر، - دەپ دۇئا قىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت