ئۆزبىك
رېۋايەتلەر
چىڭگىزخاننىڭ بىرىنچى ئوغلى جورجىخان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون سەككىز ئوغلى بار ئىدى. بۇ ئوغۇللارنىڭ ئالتىنچىسىنىڭ ئىسمى شەيبانى ئىدى. ئۇ كېيىن خان بولدى. شەيبانىخان ئۆزىنىڭ تۆتىنچى نەۋرىسىگە «ئۆزبىك »دەپ ئات قويدى. ئۆزبىك چوڭ بولغاندا ئەمىر بولۇپ، پەرغانە ۋىلايىتى ۋە ماۋرائۇننەھر شەھىرىنى ئىستېلا قىلىپ، ئەللىك تۆت يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئادالەت ئورنىتىلىپ، پۇقرالار كۆپ راھەت كۆردى. شۇ سەۋەبتىن خەلق ئارىسىدا ئۆزبىك دېگەن نام ساقلىنىپ قالدى. ئۆزبىك خاننىڭ كېيىنچە ئۇرۇق - ئەۋلادى كۆپەيدى، شۇندىن باشلاپ ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئۆزبىك » دەپ ئاتايدىغان بولدى.