UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتخوتەن (ئۇدۇن)

خوتەن (ئۇدۇن)

رېۋايەتلەر بۇرۇنىسىدا، ئۇدۇن زىمىنى ئادەمزات يوق چۆل بولۇپ، بۇ يەردە پەقەت ئەرش ئىلاھى ۋايساراۋانالا تۇرىدىكەن. ھىندى پادىشاھى ئاسۇكانىڭ شاھزادىسنىڭ بىر ئۆگەي ئانىسى بولۇپ، ئۇ ناھايىتى شەھۋەتپەرەس ئىكەن. ئۇ شاھزادىنىڭ بەك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىش خىيالىغا كەپتۇ. ئەمما، شاھزادە دۇرۇس يىگىت بولغاچقا، ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىپتۇ. ئۆگەي ئانا ئىزادىن غەزەبلىنىپ، ھىيلە ئىشلىتىپ، شاھزادىنى تاكساسىلا دۆلىتىگە سۈرگۈن قىپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، يالغاندىن شاھىي پەرمان چۈشۈرۈپ، شاھزادىنىڭ ئىككى كۆزىنى ئويدۇرۇۋېتىپتۇ. ئاسۇكاخان بۇ ئىشىتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، قاتتىق غەزەبلىنىپ، شاھزادىنى قوغدايدىغان ياردەمچى ۋەزىر، ياردەمچى ئەمەلدارلارنى ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قوشۇپ ھىندىقۇش تېغىنىڭ شىمالىدىكى قاقاس جىلغىغا سۈرگۈن قىلىۋېتىپتۇ. بۇ ئادەملەر ياخشىراق تۇرالغۇ ئىزدەپ، سۇ ۋە ئوتلاپ بويلاپ، تەدرىجىي ھالدا ئۇدۇننىڭ غەربىي چىگرىسىغا كېلىپ قاپتۇ. ئۇلار ئۆز قوۋمىنىڭ كاتتىۋېىشىنى خان قىلىپ سايلاپ، مۇشۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ. دەل مۇشۇ چاغدا، شەرقتىكى بىرئەلنىڭ شاھزادىسىمۇ گۇناھكار بولۇپ قېلىپ، ئۇدۇننىڭ شەرقىي چېگىرىسىغا پالىنىپتۇ. ئۇنىڭ قول ئاسىتىدىكىلەر ئۇنى خان قىلىپ تىكلەپتۇ. نۇرغۇن يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىككى تەرەپ بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشالماي كەپتۇ. بىر قېتىم ئوۋ قىلىۋېتىپ، ئىككى تەرەپ چۆلدىكى سازلىقتا ئۇچرىشىپ قاپتۇ - دە، بىر - بىرىنىڭ نەدىن كەلگەنىلىكىنى تىڭ - تىڭلاپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى بۇ جاينىڭ خوجايىنى دەپ تالاش - تارتىش قىپتۇ. ھەتتا قۇرال ئىشلەتمەكچى بولۇشۇپتۇ. ئارىدىن بىرەيلەن چىقىپ نەسىھەت قىلىپ: «نېمىگە ئالدىرايسىلەر، ئوۋ قىلىدىغانلار تۇتۇشسا، قوشۇننىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ قايتىپ كېتىپ، ئۆز قوشۇنىنى راسلاپ، ۋاقىتنى كېلىشىۋېلىپ كېلىپ ئۇرۇشايلى» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز جايىغا قايتىپ، قوشۇنىنى مەشىق قىلدۇرۇپتۇ ۋە جەڭگە ئىلھاملاندۇرۇپتۇ. ۋەدىلەشكەن ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە، ئىككى تەرەپ تۇتۇشۇپتۇ. غەربتىن كەلگەنلەر مەغلۇپ بولۇپ، خانى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ. شەرقتىن كەلگەنلەرنىڭ خانى غەلبىدىن پايدىلىنىپ، تىرىپىرەن بولۇپ تارقاپ كەتكەن ئاۋامنى ئۆزىگە ئەل قىلىپ، پايتەختنى ئۇدۇن ئوتتۇرىسىغا كۆچۈرۈپ، سېپىل سوقۇشقا تەرەددۇت قىپتۇ. خان سېپىل سوقۇشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان تۈزۈكرەك سېغىز توپا يوقلۇقىدىن غەم قىلىپ، تەرەپ - تەرەپكە ئېلان چاپلاپ، بۇ جاينىڭ يەر تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىنى ئۇقماقچى بوپتۇ. بۇ چاغدا يۈز - كۆزىگە قارا سۈرتۈۋالغان غەيرىي دىندىكى بىر كىشى لىق سۇ قاچىلانغان بىر قاپاقنى يۈدۈپ، خاننىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئۇنىڭغا :«بۇ جاينىڭ يەر تۈزۈلۈشىنى مەن بىلىمەن» دەپتۇ -دە، قاپاقتىكى سۇنى يەرگە تۆكۈپتۇ. سۇ ئەگرى - بۈگرى ئېقىپ، چوڭ بىر چەمبەر ھاسىل قىلىپ، ئايلىنىپ ئېقىۋېرىپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى ئادەم تويۇقسىز يۇقاپ كېتىپتۇ، ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم بىلەلمەپتۇ. كىشىلەر سۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ، سېپىلغا ئۇل سېلىپتۇ ۋە مۇشۇ ئاساستا ئاخىر شەھەرنى سېلىپ پۈتتۈرۈپتۇ. ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ پايتەختى مۇشۇنداق بىنا بوپتۇ. شەرقتىن كەلگەن ھېلىقى شاھزادە ئىككى تەرەپنىڭ خەلقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پايتەخت بىنا قىلىپ، دۆلەت قۇرۇپتۇ ۋە خەلىقنى خاتىرجەم قىپتۇ. خان ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندىمۇ پەرزەنت كۆرمەپتۇ. ئۇ نەسلى ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتنىڭ ھامىي ئىلاھى ۋايساراۋانا ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، پەرزەنت تىلەپتۇ. خاننىڭ دۇئا تىلاۋىتى دەرۋەقە ۋايساراۋانانى تەسىرلەندۈرۈپتۇ. ۋايساراۋانانىڭ پېشانىسى يېرىلىپ، ئۇنىڭدىن بىر سېمىز ئوغۇل سەكرەپ چۈشۈپتۇ. خان ئىلاھ ئاتا قىلغان بۇ بالىنى كۆتۈرۈپ ئوردىغا قايتىپتۇ. ئەلدىكى خەلق كېلىپ قۇتلۇقلاپتۇ. بۇ بالىنىڭ ئادەم سۈتى ئەممەيدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن، خان بالىنىڭ ئەي بولماسلىقىدىن غەم قىلىپ يەنە ۋايساراۋانا ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، بالىنى بېقىش ئۇسسۇلىنى ئېيېتىپ بېرىشنى تىلەپتۇ. بۇ چاغدا مەبۇد ئالدىدىكى يەر ئۇشتۇمتۇت پۇلتۇيىپ چىقىپ، خۇددى ئاياللارنىڭ ئەمچىكىدەك شەكىلگەكىرىپتۇ. بالا بۇنى كۆرۈپ، ئالدىغا بېرىپ ئىمىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بالا بۇ ئەمچەكنى ئىمىپ بارا - بارا چوڭ بوپتۇ. ئۇ ئەقىل - پاراسەت ۋە باتۇرلۇقتا ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈپتۇ. ئۇ يەرنى ئېمىپ چوڭ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىسمى «كۇستانا»(يەر ئەمچىكى)دەپ ئاتىلىپتۇ. كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ نامىمۇ «كۇستان» دەپ ئاتىلىپ، ئاستا - ئاستا «خوتەن» گە ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
خوتەن (ئۇدۇن) | UyghurWiki | UyghurWiki