كارىز ھەققىدە رېۋايەت
رېۋايەتلەر
چوققىسى ئاپئاق قار، ئېتىكى بۈك باراقسان تەڭرىتاغنىڭ بىر قانىتى بولغان تەڭرىقۇت تېغى(يالقۇن تاغ قەدىمكى زامانلاردا تەڭرىقۇت تېغى دەپ ئاتالغان) باغرىدا شۇنداق بىر رېۋايەت ئەل ئاغىزىدىن كۆچۈپ، زامان - زامانلارغىچە تارقىلىپ كېلۇر:
تەڭرىقۇت تېغى ئورنىدا غايەت زور بىر ئەجدىھا بار ئىدى. يىرتقۇچ ئەجدىھا ھەر يىلى كۈزدە باغ - ئورمانلارنى چەيلەپ، جان - جانىۋارلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئادەملەرنى يەپ پۈتۈن يۇرتقا تۈگىمەس بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈردى. ئەلنىڭ نالىسى ئەرشكە يەتتى. كۆك تەڭرىسى غەزەب بىلەن قۇم بوران ياغدۇردى.
ئەجدىھا ياتقان يېرىدە كۆمۈلۈپ قالدى. كۆك تەڭرىسى پۈتۈن زىمىننى كولاپ توپا - تاشلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆۋلىدى. دۆۋىلەنگەن تاش - توپىلار ئىدىقۇت تېغىنى پەيدا قىلدى. ئويۇلغان زىمىن - تۇرپان ئىدى. كۈن تەڭرىسى قۇم - تاشلارنى چوغدەك قىزىتىپ، مومدەك ئېرىتىپ قاتۇرۇپ قويدى. ئەجدىھا ئۇنىڭ ئاستىدا قالدى. ئادەملەر، جان - جانىۋارلار ۋە ئۇچار قۇشلار ئىلگىرىكىدەك باياشات ياشاشقا باشلىدى.
كۆك تەڭرىسى ۋە كۈن تەڭرىسىنىڭ غەزىپىدىن كېيىن پۈتۈن ئىقلىقغا يامغۇر ياغمىدى. گۈل - گىياھ، باغ - ۋاران،ئېتىز - ئېكىنزارلار قۇرۇپ كەتتى. ئادەملەر نالە - پەرياد قىلىشقا باشلىدى. ئاسمان تەڭرىسى قاتتىق تەسىرلەندى. ئۇ ئىدىقۇت تېغىنىڭ قىپقىزىل چوغدەك ھارارىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، تەڭرىقۇت تېغىنىڭ بىر ئېقىن سۈيىنى ئايرىپ بەردى. شارقىراپ ئېقىپ چۈشكەن ئېقىن سۇ ئىدىقۇت باغرىدىن ئايلىنىپ ئايدىڭكۆلگەقۇيۇلدى. دەريا سۈي تۈمەنلىگەن ئۇچار قۇشلارنى، بۇغا - ماراللارنى، گۈلىستان باغلارنى، تېرىمچىلارنى شادلاندۇردى. تېرىمچىلار ھېسابسىز يەرلەرگە بۇغداي، قوناق، كېۋەز تېرىدى، مالچىلار قوي، كالا، ئات، تۆگە پادىلىرىنى باقتى؛ يىللار يەنە باياشاتچىلىقتا ئۆتتى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تويۇقسىز ئېقىن سۇ توختاپ قالدى. يۇرت ئاقساقاللىرى كېڭەش قىلىپ ئىدىقۇت تېغىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار ئىز -دېرەكسىز يوقالدى. يەنە بىر تۈركۈم پالۋانلار تاغ باغرىغا يېتىپ كېلىپ ئاجايىپ بىر مەخلۇقنى ئۇچراتتى. ئاغزىدىن ئوت يېنىپ تۇرغان ئەجدىھا تاغ باغىرىدىكى سايدا سۇنى توسۇپ ياتقانىدى.
ئۇزۇن زامانلار تاغ ئاستىدا ياتقان ئەجدىھا تاغنى كولاپ تېشىپ چىققانىدى. ئۇ تەڭرىقۇت تېغىنىڭ ئەڭ ئۈسىتىدە ئاسمانكۆل ياساپ، سۇنى ئەنە شۇ كۆلگە قاچىلىۋالغانىدى. پالۋانلار كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپ ئەجدىھانى يېڭەلمەي ھالسىزلاندى. ئۇلار مىڭ تەسلىكتە جېنىنى ئېلىپ يۇرتقا قايتىپ كەلدى. ئاقساقاللار كېڭەشتى، دانىشمەنلەر ئەقىل كۆرسەتتى. سۇنى ئەجدىھاغا تۇيدۇرماي يەر ئاستىدىن ئېتىقىتىپ كېلىش ئۈچۈك كىشىلەر نۇرغۇن قۇدۇقلارنى كولىدى. ئارقىدىن ئۇلارنى يەر ئاستىدىن بىر - بىرىگە تۇتاشتۇردى. سۇ ئېقىنى يەر ئاستىدىن ئېقىپ كەلدى. كېيىن ئۇ كارىز دەپ ئاتالدى.