UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتكۆتەكساراي

كۆتەكساراي

رېۋايەتلەر ھەممىدىن خەۋەردار دانىشمەن، قىسسىلەردىن ئۈنچە - مەرۋايىتلار تىزغۇچىلار شاياردىكى «كۆتەكساراي شەھىرى» ھەققىدە شۇنداق ھېكايە قىلىشىدۇ. ئەسلى ئۇيغۇرلاردىن بولغان، «جاڭقار (قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەبىلىسى) » دەپ ئاتىلىدىغان بىر توپ كىشىلەر تەلەمەت داۋىنى ئارقىلىق تەڭرىتاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كۇچا دىيارىغا كەپتۇ. جاڭقارىلارنىڭ ئاقساقالى «ئالتۇنخان »دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ كىشى كۆپنى كۆرگەن، پەم - پاراسەتلىك ۋە جەسۇر ئىكەن. ئالتۇنخان ئۆز ئادەملىرىدىن ئىككى كىشىنى كۇچا خانىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپتۇ. ئەلچىلەر نۇرغۇن سوۋغا -سالاملارنى ئېلىپ، شىر سۈرەتلىك ئالتۇن تەختتە ئولتۇرغان كۇچا خانىنىڭ ئالدىغا كىرىپتۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇرات - مەقسەتلىرىنى بايان قىپتۇ: _ ئەي، شانۇ شەۋكەتلىك، يەتتە ئىقلىقمغا داڭقى كەتكەن پادىشاھى ئالەم، بىز جاڭقارىلارئۇزۇندىن بۇيان شىمالدىكى يايلاقلاردا مال - چارۋىلىرىمىزنى بېقىپ تىنچ - ئامان تۇمۇش كەچۈرۈپ كەلگەنىدۇق. بىراق، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يات قوۋم كىشىلىرى بىزنىڭ يۇرتلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ خانىۋەيران قىلدى، مال - چارۋىلىرىمىزنى تارتىۋالدى. قىز - ئاياللىرىمىزنى بۇلاپ كەتتى. بىز ئامالسىز ھالدا يۇرتىمىزنى تاشلاپ چىقىپ سەرسان بولۇپ يۈرمەكتىمىز.ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئالتۇنخان بىزنى ئۆزلىرىنىڭ بۇ مۇبارەك يۇرتىغا باشلاپ كەلدى. بىز ئۆزلىرىنىڭ بىزگە ئاتىدارچىلىق قىلىشىلىرىنى سورايمىز. بىزگە مەلۇمكى، كۇچا دىيارى بىپايان زىمىن. بۇ يەردىن بىزگە يەر - زىمىن بېرىلسە، بىز بۇ يەردە تۇرۇپ قالساق، سىلىنىڭ سايىلىرىدە ئەمىر - پەرمانلرىغا بويسۇنۇپ، ياۋاش پۇقرا بولۇپ ئۆتسەك. كۇچا خانى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇزاق خىيالغا چۆكۈپتۇ. ئۇ ئالتۇنخاننىڭ دانا - تەدبىرلىك كىشى ئىكەنلىكىنى، جاڭقارىلارنىڭ ئۇرۇشقا ماھىر، جەسۇر، پالۋانلىقىنى ئوبداق بىلىدىكەن. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يولنى بېسىپ يۇرتىمىزغا كېلىشىدە چوقۇم يامان مەقسەت بار، ئەگەر ئۇلارنى يۇرتۇمدا ساقلاپ قالسام، كېيىنچە پادىشاھلىق سەلتەنىتىمگە خەۋپ يەتكۈزۈشى، پۇقرالىرىمنىڭ ئامانلىقىنى بۇزۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇلارنى ۋاقىتىدا يوق قىلىۋەتمەك لازىمدۇر، دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ ئاخىر ئەلچىلەرگە چاندۇرماي، سىلىق - سىپايە مۇئامىلە قىلىپ مۇنداق دەپتۇ: _ مەن سىلەرنى چوقۇم ئارمانىڭلارغا يەتكۈزىمەن. سىلەر قايتىپ ئالتۇنخانغا مەندىن سالام ئېيتىڭلار ، بۈگۈنچە ئۆز ئورنۇڭلاردا ئارام ئېلىپ تۇرۇڭلار، ئەتە مەن سىلەرگە يەر - زىمىن تەقسىم قىلىپ بېرىمەن. شۇندىن كېيىن ئەلچىلەر قايتىپتۇ ۋە ئەھۋالنى ئالتۇنخانغا مەلۇم قىپتۇ. ئالتۇنخان باشلىق بارلىق جاڭقارىلار بۇنىڭدىن خۇشال بولۇپ، خاتىرجەم ھالدا دالاغا ئۇرۇن راسلاپ ئارام ئاپتۇ. تۈن نىسپى بولۇپ ھەممە خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتكەندە كۇچا خانى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن سانسىز قوشۇنلار ئۇلارنى قورشىۋېلىپ قىر - چاپ قىلىشقا باشلاپتۇ. جاڭقارىلار نېمە ئىش ئىكەنلكىنى بىلىپ بولغىچە نۇرغۇن كىشىلەر قىرىلىپ كېتىپتۇ. بىردىنلا ھوشىنى تاپقان ئالتۇنخان ئۆزىنىڭ بىخەستىلىكىگە مىڭبىر پۇشايمان قىلىپ، دەرھال بوزئارغىمىنى مېنىپ، يىگىتلەرنى باشلاپ جەڭگە كىرىشىپتۇ. ئۇلار باتۇرلارچە ئۇرۇش قىلىپ، كۇچا خانىنىڭ لەشكەرلىرىنى كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، ئاخىر قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپتۇ. ئەمما، ئالتۇنخان ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلىنىپتۇ. ئالتۇنخان ئامان قالغان ئادەملىرىنى باشلاپ جەنۇب تەرەپكە يۈرۈپ كېتىپتۇ. ئۇلار ھازىرقى شايار ناھىيىسىنىڭ يېڭى مەھەللە ئەتراپىغا كېلىپ چۈشكۈن قىپتۇ. بۇ يەردە بىر چوڭ داش (كۆل) بار ئىكەن. ئۇلار داش بويىدا تۈنەپتۇ. ئالتۇنخان ئېغىر يارىغاچقا، ئۇنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالاي دېگەنلىكىنى بىلىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىدىن غەم - ئەندىشىگە چۈشۈپ ئاسمانغا قاراپ ياتقانىكەن. دەل مۇشۇ پەيتتە، ھەممە تاتلىق ئۇيغۇغا كېتىپ پەقەت ئالتۇنخان ئويغاق ياتقاندا، بىردىنلا ئاجايىپ مۆجىزە يۈز بېرىپتۇ. ئاسماندىن بىر يۇمىلاق نۇر پارقىراپ، ئاستا لەيلەپ چۈشۈپ كەپتۇ. بۇ يۇمىلاق نەرسە بارغانسېرى تۆۋەنلەپ، ئۇنىڭ بېشى ئۈستىگە كېلىپ توختاپتۇ. جاڭقارىلار ياتقان جاينىڭ ئەتراپى بىر چاقىرىم ئۇزۇنلۇققىچە گويا كۈندۈزدەك يۇرۇپ كېتىپتۇ. ئالتۇنخان بۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا كۆكتىن مۇنداق ئاۋاز كەپتۇ: _ ئەي ئالتۇنخان، قۇلاق سېلىپ ئاڭلا، سېنىڭ قوۋمىڭ يېتەرلىك ئازاب - ئوقۇبەتلەر تارتتى. سېنىڭ ھاياتىڭمۇ ئەمدى ئاخىرلاشتى. بىراق، تەڭرى سېنىڭ قوۋمىڭنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى، سەن ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۇلارغا ئېيت، ئۇلار جەنۇب تەرەپكە بارسۇن. ئۇ يەردە سىلەرنىڭ تۇققانلار ياشاۋاتقان بىر گۈزەل ماكان بار. ئۇ يەر «ئۈچقات» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچقاتنىڭ خانى قوۋمىڭنى ئۆز پاناھىغا ئالىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە خاتىرجەم ياشاپ، بارغانسېرى ئاۋۇيدۇ. ئاسماندىن كېلىۋاتقان بۇ ئاۋاز يوقاش بىلەن تەڭ ھېلىقى يۇمىلاق نۇربىردىنلا داشقا چۈشۈپ سۇ ئاستىدا يوقاپ كېتىپتۇ. بۇ كارامەتتىن ھەيران بولغان ئالتۇنخان دەرھال جاڭقارىلارنى ئويغىتىپ، ئۇلارغا باياتىن بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. ئالتۇنخاننىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىپ تاڭغا يېقىن جان ئۈزۈپتۇ. جاڭقارىلار ئالتۇنخاننى داشى بويىغا دەپنە قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ يەر «ئالتۇن داش» دەپ ئاتىلىپ، ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن داۋام قىلىپ كەپتۇ. جاڭقارىلار ئالتۇنخاننىڭ نەسھىتى بويىچە جەنۇبقا قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ ۋە ھازىرقى ئۈچقات دەپ ئاتىلىدىغان جايدىكى (توقسۇ ناھىيە ئۈچقات يېزىسىغا تەۋە) ئۈچقات پادىشاھلىقىغا كېلىپ ئۇلاردىن پاناھلىق تىلەپتۇ. ئۈچقات پادىشاھى ئۇلارغا سۈيى مول، ئەتراپى ئورمان ۋە ئۆت - چۆپلەر بىلەن قاپلانغان گۈزەل زېمىننى ئايرىپ بېرىپتۇ. ئۇلار بۇ جايدا ياشاپ، بارغانسېرى كۆپىيىپ ئاۋۇپتۇ. شەھەر - ئىمارەتلەرنى بىنا قىپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆي - ئىمارەتلىرىنى پۈتۈنلەي توغراق كۆتەكلىرىدىن قۇرۇپ چىقىرىلغان بۇ شەھەر كېيىنچە «كۆتەكشەھىرى»، «كۆتەكساراي» دەپ ئاتىلىپتۇ. جاڭقارىلار ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالغان كۆك تەڭرىنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ. ئۇلار ئەڭ ئېگىز بىر قۇم دۆۋىسىنى تاللاپ ، ھەر يىلى بۇ يەردە كۆك تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر - چىراغ قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ئېگىز قۇم دۆۋىسى ئۈستىگە ناھايىتى ئۇزۇن بىر خادىنى تىكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇربانلىقىنى ئەنە شۇ خادىنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويىدىكەن. قاغا - قۇزغۇنلار خادىغا ئېسىلغان تاپلارنى ئېلىپ كەتكەندە ئۇلار بىزنىڭ قۇربانلىقىمىز تەڭرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى دەپ قارايدىكەن. كېيىن بۇ جاي «خادادۆڭ» دەپ ئاتىلىپتۇ. كۆتەكسارايدىكى جاڭقارىلار بارغانسېرى كۆپىيىپ،ئاۋۇپ، يەنە نۇرغۇن شەھەرلەرنى بىنا قىپتۇ. ھازىر «يانتاقشەھەر»، «توڭگۇزباش»،«بۇتباش شەھىرى»دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەنە شۇلار بىنا قىلغانىكەن. جاڭقارىلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ھازىرقى يېڭى مەھەللە يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى يېڭېرىق كەنتىگە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەرنى ئاۋاتلاشتۇرغانىكەن. ئۇ يەردىكى «جاڭقارا» دېگەن يەر ئىسمى ھازىرغىچە ئەنە شۇلارنىڭ نامىدا ساقلىنىپ كەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت
كۆتەكساراي | UyghurWiki | UyghurWiki