مازار - قەبرىلەر توغرىسىدىكى رېۋايەتلەر
رېۋايەتلەر
سۇتۇق بۇغراخان مازىرى
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مازىرىنىڭ ئورنى ئەسلىدە بىر دېھقاننىڭ خامىنىنىڭ ئورنى ئىكەن. بىر كۈنى، ئۇ دېھقان بوغداينى چەشلەپ قويۇپ ئەتىسى سەھەردە چەشنىڭ چەش بۇرنىنى ئېلىپ سائىللارغا ئاتاپ خاماننىڭ بىر چېتىگە تۆكۈپ قويۇپ، ئۆتكەمە بىلەن تاغارلىرىغا قاچىلاشقا باشلاپتۇ. چۈشكىچە نەچچە ئون تاغار قاچىلىسىمۇ چەش يەنە شۇ پېتى تۇرغۇدەك. دېھقان ھېرىپ - چارچاپ ئاسمانغا قارىسا، مومىنىڭ ئۇچىغا بىر دانە كۆك كەپتەر قونۇۋېلىپ ھەدەپ بوغىزىدىن ئالتۇندەك ساپسېرىق بۇغداينى شارىلىدىتىپ ياندۇرۇۋاتقانىكەن. دېھقان «ھوشت!. . . » دەپ كەپتەرنى ئۇچۇرۇۋېتىپ چەشنى تاغارلىرىغا قاچىلاپ تۇرسا، كىشىلەر «ئۆزۈڭگە كەلگەن ئامەتنى بىلمىدىڭ» دەپ رەنجىپتۇ. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ، بۇ يەر خاسىيەتلىك يەر دەپ ئاتىلىپ، يىراق - يېقىندىكى كىشىلەر تېۋىنىدىغان، سەيلە - زىيارەت قىلىدىغان، چوقۇنىدىغان يەرگە ئايلىنىپتۇ. سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋاپات بولغاندا ئەنە شۇ خاسىيەتلىك يەرگە دەپنە قىلىنىپ بۇ يەرنىڭ نامى تېخىمۇ چىقىپ كېتىپتۇ. ھازىرقى كۆك كەپتەرلەرنىڭ ئەجدادى ئەنە شۇ كۆك كەپتەركەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كۆك كەپتەرلەرنى تۇتسا، قوغلىسا يامان بولىدىكەن. ئۈركۈتمەي، ئاسراپ، دان چېچىپ، سۇ بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالسا، ساۋاب بولىدىكەن. بىر رېۋايەتتە، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننى كۆرگەن كەپتەر ھازىرمۇ بار ئىكەن، ھەر جۈمە كۈنى تاڭ سەھەردە مازارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ بۇقۇلداپ ئۈنلەپ نالە قىلىدىكەن.