UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتپىچان

پىچان

رېۋايەتلەر بۇندىن ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى، بىزنىڭ مۇقەددەس ئانا تۇپرىقىمىزنىڭ ھاياتلىق بۆشۈكى بولغان تارىم دەرياسى ۋادىسىدا پىشامشان دېگەن بىر گۈزەل شەھەر بولغانىكەن. بۇ ماكاننىڭ ئادەملىرى ئۆز دەۋرىدە باياشاتلىق، توقچلىق ئىلكىدە بىر نەچچە زامان خۇشال - خۇرام ھايات كەچۈرگەنىكەن. ئەپسۇسكى، بىر يىلى قاتتىق قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ تارىم دەرياسىنىڭ ئېقىنى ئۈزۈلۈپتۇ، يەرلەر قاغجىراپ، تېرىلغان زىرائەتلەر قۇرۇپ، قاتتىق قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپتۇ. كىشىلەر ھاياتىنى، مال - چارۋىلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تەرەپ - تەرەپكە كۆچۈشكە باشلاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، كىشىلەرنىڭ بىر بۆلىكى شۇ زاماندىكى ئەڭ گۈزەل، قويۇق ئورمانزارلىق، گۈل - گۈلىستانلىق« گۈلتاغ (ھازىر بۇ تاغنىڭ خەرىتىدىكى نامى چۆلتاغ)» باغرىغا كۆچۈپ «بىلكىرام» شەھىرىنى، تاغنىڭ شىمالىي تەرىپىدە چوڭ ھەسە، كىچىك ھەسە شەھەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپتۇ. ئۇلار بۇ ماكاندا بىر نەچچە زامان ياشىغاندىن كېيىن يەر ئاستى سۈيى چوڭقۇرلاپ كېتىپ سۇ يەرگە سىڭىپ كېتىدىغان، بۇلاقلاردىن سۇ چىقمايدىغان بولۇپ، يەنە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ كىشىلەر يەنە كۆچۈشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئۇلار شىمال تەرەپكە كۆچۈپ يەنە بىر شەھەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا «بۇلان » دېگەن نامنى قويۇپتۇ. بەختكە قارشى بۇ شەھەرنىمۇ مىلادىدىن بىرنەچچە ئەسىر ئىلگىرى قۇم بېسىپ كەتكەنلىكتىن، كىشىلەر يەنە كۆچۈشكە مەجبۇر بۇپتۇ. ئۇلار كۆچۈپ يەنە بىر شەھەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا پىچان دېگەن نامنى قويۇپتۇ. بۇ نام بۇندىن ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بىزنىڭ ئەجدادىدىمىزنىڭ ھاياتلىق بۆشۈكى بولغان تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى گۈزەل پىشامشان شەھىرى نامىنىڭ كېيىنكى زامانلاردىكى ئاتىلىشى ئىكەن
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت