UyghurWiki
UyghurWikiرىۋايەتقاڭقىل

قاڭقىل

رېۋايەتلەر ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇغۇزخاننىڭ لەشكەرلىرىگە، نۆكەرلىرىگە ۋە خەلقىگە شۇنداق كۆپ غەنىيمەتلەر چۈشۈپتۇكى،ئۇنى تۇشۇشقا شۇنچە ئات، قېچىر، كالىلار ئازلىق قىپتۇ. ئوغۇز خاننىڭ ئىچىدە ياشانغان بىر چىۋەر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بارماقلىق يۇسۇن بىللىگ ئىكەن. بۇ چىۋەر ئادەم بىر ئېگىز ھارۋا ياساپتۇ. ھارۋا ئۈستىگە جانسىز غەنىمەتلەرنى قاچىلاپتۇ. ھارۋىنىڭ ئالدىغا جانلىق غەنىيمەتلەرنى قوشۇپتۇ ۋە ئۇلارغا ھارۋىنى تارتقۇزۇپتۇ. نۆكەرلەر، ئەل - جامائەت بۇنى كۆرۈپ ھەيران بوپتۇ، ئۇلارمۇ ھارۋا ياساپتۇ. ئېگىز ھارۋا ماڭغاندا «قاڭغا، قاڭغا»قىلغان ئاۋاز چىقىپتۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا «قاڭغا» دەپ ئات قويۇپتۇ. ئوغۇزخان قاڭغالارنى كۆرۈپ كۈلۈپ: «قاڭغا بىلەن جانسىز غەنىيمەتنى جانلىق غەنىيمەت سۆرەپ ماڭىدىكەن. ئېگىز ھارۋىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، قاڭغۇلۇق ساڭا ئات بولسۇن» دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار رىۋايەت