تۈرك
رېۋايەتلەر
جەرجارالىق ئۇستاز ئەبۇبەكرى مۇفىد ئاخىر زامان توغرىسىدا يازغان «ئېپ ئەبى ئەددۇنيا» دېگەن بىر كىتابىدا پەيغەمبىرىمىزدىن ئەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق بىر ھادىسىنى رېۋايەت قىلغان: «ئۇلۇغ تەڭرى ئېيتىدۇ: مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم، ئۇلارنى كۈنچىقىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. بىرەر قوۋمغا غەزەپلەنسەم، تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن.»
يۇقىرىقى رېۋايەتتە ئەپسانىۋى ئامىللار بىلەن رېۋايەتلىك ئامىللار ئارىلىشىپ كەتكەن. بۇ رېۋايەت 7 - ئەسىرلەردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ دۇنيادىكى تەسىر ۋە 11 - ئەسىرلەردىكى ئورنى بىلەن باغلانغان ھالدا مەيدانغا كەلگەن. مەھمۇد قەشقەرى يۇقىرىقى رېۋايەتكە ئۇلاپلا بەزى زۆرۈرى ئىزاھلارنى بەرگەن. ئۇ تۈرك سۆزىنىڭ بىرلىك ۋە كۆپلۈك مەنىلەردە قوللىنىلىشى ھەققىدە مۇنداق ئىزاھات بېرىدۇ:
تۈرك سۆزى نوھ ئوغلىنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەندە بىرلا كىشىنى بىلدۈرىدۇ، نوھ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسمى بولۇپ كەلگەندە «بەشەر - ئادەمزات» سۆزىگە ئوخشاش ئىنسانلار توپىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز ھەم بىرلىك ھەم ۆكپلۈك مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، «رۇم» سۆزى تەڭرى يارلىقىغۇچى ئىسھاقنىڭ ئوغلى ئىسوۋغا ۋە ئىسو ئوغلى رۇمغا ئىسىم بولغىنىدەك، رۇم ئەۋلادلىرىنىڭمۇ ئىسمى بولۇپ كېلىدۇ. تۈرك سۆزىدىمۇ ئەھۋال شۇنداق. بۇ ھال ئۇلارنىڭ باشقا خەلقلەرگە نىسبەتەن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇلارغا تەڭرى ئۆزى ئات قويغان، ئۇلارنى يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئېگىز، ئەڭ ھاۋالىق جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە «ئۆز قوشۇنۇم» دېگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر كۆركەم، يېقىملىق، ئوچۇق چىراي، ئەدەپلىك، قېرىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان، ئاددىي - ساددا، كەمتەر، دادىل، مەرد ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان سان - ساناقسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قاچان ئۇنى تۈرك دەپ تونۇسا،
خەلق ئۇنىڭغا شۇنى ئېيتىدۇ:
بۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق تېگىدۇ،
بۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ.»
(2) بۇ رېۋايەتمۇ ئىسلام دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن. رېۋايەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېغىزدىن دېيىلگەن دەپ ھەدىس سۈپىتىدە بايان قىلىنغان. ئەمەلىيەتتىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈركلەر ھەققىدە ئېيتقان خېلى كۆپ ھەدىسلىرى بار. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سودىگەرلەر بىلەن ماڭغان چاغلىرىدا تۈركىي خەلقلەر ئارىسىغا نەچچە رەت كەلگەن. تۈركىي خەلقلەرنى چۈشەنگەن.
مەھمۇد قەشقەرى بۇ رېۋايەتنى مۇنداق بايان قىلغان:
ئىشەنچىلىك بىر بۇخارالىق ئالىم بىلەن نىشاپۇرلۇق باشقا بىر ئالىمنىڭ تەڭرى ئەزىز كۆرگەن پەيغەمبىرىمىزدىن دەلىل كەلتۈرۈپ ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ئېنىق ئاڭلىغانىدىم: زامان ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقىنى سۆزلىگەندە: «تۈرك تىلىنى ئۆگىنىڭلار، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۇزاق داۋام قىلىدۇ» دېگەنىكەن.
(3) يىراق قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن نوھ بىننى ئادەم سانىنىڭ ئوغلى ياپەسنىڭ تۈرك ئاتلىق بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ ياپەسنىڭ ئەۋلادلىرىغا باشلىق بولغان. تۈرك ناھايىتى غەيرەتلىك، مەردانە، ھۈنەرۋەن، ئەقىللىق بالا ئىدى. ئۇ ئالەم ئەتراپىنى سەيلە قىلىپ يۈرۈپ، بىر كىچىك دەريا ۋادىسىغا باردى. بۇ جاينى «سەيلۇڭ» دەپ ئاتايتتى. بۇ ئېقىن سۇلىرى، بۇلاقلىرى كۆپ، چىرايلىق سايرايدىغان ھەر تۈرلۈك قۇشلار ياشايدىغان خۇش ھاۋالىق بىر جاي ئىدى. تۈرك بۇ جاينى كۆڭلىگە ياقتۇرۇپ، ئۆزىگە ماكان قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئوت - گىياھ ۋە قومۇشلاردىن ئۆي ياساپ ئولتۇردى، ئاندىن كېيىن چېدىر - ئۆيلەرنى پەيدا قىلدى، چارۋا تېرىسىدىن تون، تۇماق تەييارلاپ كىيدى. ئۇنىڭغا ناھايىتى ئادىل ۋە سېخىي پادىشاھلىق بەخشەندە قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ھەقتائالانىڭ بەندىلىرىنى ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ، ئۇلارنى قاتتىق تەربىيە ئاستىغا ئالدى ھەم ناھايىتى ياخشى پەرزەنتلەرنى كۆردى. ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ بىرىگە «فۇدەك» دەپ ئىسىم قويدى. فۇدەك ئوۋ قىلىشقا ناھايىتى ئامراق ئىدى. ئۇ بىر كۈنى سەھرادا كېيىك گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ ئولتۇرغاندا، بىر پارچە كاۋاپ قولىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى. فۇدەك بۇنى يەردىن ئېلىپ دەرھال ئاغزىغا سالدى ۋە كاۋاپنىڭ لەززەتلىك ئىكەنلىكىنى سەزدى - دە، شۇنىڭدىن باشلاپ تاماقنى تۇز بىلەن يەيدىغان ئادەتنى پەيدا قىلدى. ئىنسانلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنداق ئادەتنى بىلمەيتتى.
(4) تۈرك ياپەسىنىڭ ئون بىر ئوغلىنىڭ تۇنجىسىدۇر. تۈركلەر ئۇنى ياپەس ئوغلان دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇ باشقا ئوغۇللاردىن ئەڭ ھوشيار ۋە ئەقىللىق بولۇپ، خەلقنى باشقۇرۇشقا ماھىر ئىدى. ئاتىسى ياپەس ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمرانلىق تەختىدە تۈرك ئولتۇردى. ئۇ ئىنتايىن مەرد ۋە مەردانە بولۇپ، زۇلۇمغا قارشى ئىدى. تۈركلەر سىلۇل ۋە سەلكان دەپ ئاتىشىدىغان بىر جاي بولۇپ، ئۇ يەردە قۇشلار سايرىشىپ، كۆڭۈلنى خۇشاللاندۇراتتى. بۇلاقلاردىن ئېقىپ چىققان سۇلار ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. تۈركئەنە ئەنە شۇ جايدا ماكانلاشتى. ئۇ ياغاچتىن ۋە ئوت چۆپلەردىن ئۆي ياساشنى، كېگىز ئۆيلەرنى ياساشنى، ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن كىيىم تىكىپ كىيىشنى، تاماققا تۇز سېلىپ يېيىشنى ئىجاد قىلدى.
ئۇنىڭ زامانىسىدا دادىسىدىن كېيىن ئوغۇل بالىغا دادىسىنىڭ مىراسىدىن بىر دانە شەمشەردىن باشقا مىراس تەگمەيتتى. بارلىق مىراس قىز بالىغا تەۋە ئىدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، تۈرك كەيۇمەرس بىلەن ئەسىرداش ئىدى. كەيۇمەرس ئەجەم شاھلىرىنىڭ دەسلەپكىسى ئىدى، تۈركمۇ تۈركىستان سۇلتانلىرىنىڭ دەسلەپكىسى ھېسابلىنىدۇ. تۈرك ئىككى يۈز قىرىق يىل ئۆمۈر كۆردى.
تۈركنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەلەنجەخان ئەڭ ياخشىسى ئىدى. تۈركنىڭ ئۆمۈر پىيالىسى سونۇشقا ئاز قالغاندا، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ مەسلىھىتى بىلەن ئەلجەخاننى سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغۇزدى.