UyghurWiki
UyghurWikiرەسسامچىلىقرۇبېنس ۋە ئۇنىڭ «فۇخرماننىڭ پورترېتى» دېگەن رەسىمى بىلەن لاتوۋرنىڭ «پېمباد خانىمنىڭ پورترېتى» دېگەن رەسىمى

رۇبېنس ۋە ئۇنىڭ «فۇخرماننىڭ پورترېتى» دېگەن رەسىمى بىلەن لاتوۋرنىڭ «پېمباد خانىمنىڭ پورترېتى» دېگەن رەسىمى

رەسساملىق 17- ئەسىردىكى ياۋروپادا ھەشەمەتلىك سەنئەت ئۇسلۇبى ئەۋج ئالغان. رەسساملىقتا رەڭلەرنىڭ يارقىن، سىزىقلارنىڭ ئەگرى، ئۆزگىرىشچان بولۇشى، شەكلى ھەشەمەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك بولۇشىغا ئىنتىلگەن. شىمالىي ياۋروپالىق رەسسام رۇبېنس مۇشۇ خىل ئۇسلۇبنىڭ ۋەكىللىك ئەربابى. رۇبېنس (1577 −1640 ، snebuR luap reteP) بىر ئۆمۈر ئامەتلىك ئەمەلدار بولۇپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ ئۇنىڭ رەسىم ئۇسلۇبىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. «فۇخرماننىڭ پورترېتى» ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ياش خوتۇنىنى سىزغان پورترېت رەسىم بولۇپ، راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان، ئىدىيىسى قۇرۇق ئاقسۆڭەك ئايالنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. رەسىمدىكى فۇخرماننىڭ بەدەن تۇرقى تولغان، ئەت رەڭگى قىزىل، يۇمران، كىيىملىرى پۇزۇر بولۇپ، كۆزىدىن بىر خىل بەختلىك، ئۈمىدۋارلىق قىياپەت چىقىپ تۇرىدۇ. رەسىمنىڭ كومپوزىتسىيىسى ئەستايىدىل، رەڭ سېلىشتۇرمىسى كۈچلۈك بولۇپ، قارا مەخمەل چاپىنىدىن تېشىغا چىقىپ تۇرغان قىزىل رەڭلىك ئىككى يېڭى ئاجايىپ جىلۋىلىك كۆرۈنىدۇ. نەپىس ئىشلەنگەن ئۈكە قادالغان شىلەپىسى بىلەن پارقىراپ تۇرغان بىر جۈپ سۈزۈك ھالقىسى تېخىمۇ سەلتەنەتلىك كەيپىيات قوشقان. رەسىمدىكى كامالەتكە يەتكەن ئەركىن قەلەم ئىزلىرى، چىرايلىق ۋە جانلىق رەڭلەر قارشىلىق قىلغىلى بولمايدىغان بەدىئىي مەپتۇن قىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈرگەن. بەزىلەر ئۇنىڭ رەسىمىدىن «قانغۇچە كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىدىغان ئەڭ مول زىياپەت» لەرنى تاپقىلى بولىدۇ دېيىشكەن.18 - ئەسىرگە كەلگەندە، گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىدە كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەشەمەتلىك، سەلتەنەتلىك بولۇشى ۋە ئوبرازلارنىڭ نازىنىن، زىلۋا بولۇشىغا تېخىمۇ ئىنتىلىش خاھىشى كۈچەيدى. مانا بۇ «روكوكو» (ococoR) دەپ ئاتالغان سەنئەت ئۇسلۇبى. فرانسىيىلىك پورترېت رەسىم رەسسامى ماۋرىس كوندېن لاتوۋر (1704 −1788 ، ruoTaL nednoC esiruaM) «روكوكو» ئۇسلۇبىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كاتتا رەسسام. ئۇنىڭ «پېمباد خانىمنىڭ پورترېتى» دېگەن ۋەكىللىك ئەسىرى، فرانسىيە ئوردىسىدىكى ئاقسۆڭەك پېمباد خانىمغا سىزىپ بەرگەن پورترېت رەسىم. بۇ پۈتۈن بەدەنلىك ئولتۇرغان رەسىم بولۇپ، كومپوزىتسىيىسى تەبىئىي ئەمەس. پېرسوناژنىڭ ھەرىكىتى ئەركە - ياسالما، رۇخسارى گۈلدەك چىرايلىق، كىيىملىرى، ئورۇندۇقى ۋە ئەتراپىدىكى جاھازلىرى ھەشەمەتلىك بولۇپ، خانىمنى ماگىزىنلارنىڭ ئەۋرىشكە تىزىدىغان دېرىزىسىدىكى كىيىم مودېلىغا ئوخشىتىپ قويغان. لاتوۋر تەسۋىرلەنگۈچىنىڭ تۇرمۇش تامغىسىنى رېئالستىك ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ، كىشى رەسىمدىكى ئادەمنىڭ سالاھىيىتىنى بىر قاراپلا بىلەلەيدىغان دەرىجىدە ئىپادىلەپ بېرەلىگەن. ئۇ رەسىمدە ئوچۇق يارقىن رەڭلەرنى ۋە ئىنچىكە زىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى دادىل قوللىنىپ، راۋان ۋە توغرا سىزىقلار ئارقىلىق، پېمباد خانىمنىڭ مەغرۇر، ياسالما روھىي ھالىتىنى ئۆتكۈر تەسۋىرلەپ بەرگەن. ۋىلاسكۇيىز ۋە ئۇنىڭ «ئىننو سېنتيوس پاپا Ⅹ» دېگەن رەسىمى ۋە گويانىڭ «چارلىز Ⅳ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پورترېتى» دېگەن رەسىمى17 - ئەسىردە ئىسپانىيە ئوردىسى ياخشى تەمىنات بېرىش شەرتى بىلەن مەخسۇس ئوردىدىكى شەخسلەرنىڭ پورترېتىنى ۋە خان جەمەتىدىكى چوڭ ئىشلارنى سىزىش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم رەسساملارنى تەكلىپ قىلىپ، رەسساملىقنى دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئوردا ئاقسۆڭەكلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا بۇرىدى. بۇ مەزگىلدە ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ۋىلاسكۇيىز ۋە گويادىن ئىبارەت ئىككى مەشھۇر رەسسام بارلىققا كەلدى. ۋىلاسكۇيىز (1599 −1660 ، zeuqzaleV) رېئالىستىك رەسسام. ئۇ خان جەمەتىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەكەببۇر، ئاچكۆز ئوبرازىنى يارىتىپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ چاكىنا ۋە چىرىكلىكىنى ئەگىتىپ پاش قىلاتتى. ھالبۇكى ئوردىدىكى تۆۋەن قاتلام مۇلازىملار، ئوردا كېنىزەكلىرى، ئاقسۆڭەكلەر قورچاق قىلىپ ئوينايدىغان ئاجىز - مېيىپلار ۋە ئادەتتىكى پۇقرالارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەخلاق - پەزىلىتىنى ئەكس ئەتتۈرەتتى. «ئىننو سېنتيوس پاپا Ⅹ» دېگەن ماي بوياق رەسىم، ۋىلاسكۇيىز رىم پاپىسى ئىننو سېنتيوس Ⅹ غا سىزىپ بەرگەن پورترېت رەسىم. رەسىمدىكى پاپا ھەشەمەتلىك ئورۇندۇقتا جاھانغا پاتماي كېرىلىپ ئولتۇراتتى. ئۇچىسىغا چىرايلىق كىيىم كىيگەن ئىدى. كالپۇكلىرىنى چىڭ يۇمغان بولۇپ، ئالدىغا قاراپ تۇرغان كۆزلىرىدىن ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇراتتى. سۈرلۈك چىرايىدىن مەككارلىق ۋە ئاچ كۆزلۈك يېغىپ تۇراتتى. پورترېت رەسىم يۇقىرى ئورنى بىلەن نام چىقارغان ھوقۇقدارنىڭ تاشقى قىياپىتى بىلەن خاراكتېرىنى تولۇق ئايان قىلىپ بەرگەنىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇ رەسىم بىر چوڭ زالغا ئېسىلغاندا بىر قانچە پوپ بۇ رەسىمنى كۆرۈۋېتىپ، پاپا شۇ يەردە ئولتۇرۇپتۇ دەپ قېلىپ ھېيىقىپ دەرھال ئاۋازلىرىنى پەسلەتكەنىكەن. بۇنىڭدىن بۇ رەسىمنىڭ قانچىلىك ئەينەن سىزىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گويا (1746−1828، ayoG) ۋىلاسكۇيىزدىن كېيىنكى، ئۆزى ئوردىدا تۇرسىمۇ ئوردا تۇرمۇشىدىن بىزار بولغان يەنە بىر ھەققانىيەتچى رەسسام. «چارلىز Ⅳ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پورترېتى» دېگەن ماي بوياق رەسىم ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. پادىشاھنىڭ خوتۇنى رەسىمنىڭ مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇ بەكمۇ تىك ئولتۇرۇۋالغان بولۇپ، بېشىنى سول تەرەپكە بۇراپ ئالغان بولسىمۇ كۆزلىرى ئۇدۇلغا يانتۇ قاراپ تۇرغان. سول قولىدا كىچىك شاھزادىنى يېتىلەپ، ئوڭ قولىدا بىر تال گۈل تۇتۇپ تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىۋالغان ھەشەمەتلىك كىيىملىرى، ۋالىلداپ تۇرغان زىبۇزىننەتلىرى قارا كۆڭلىنى ۋە جاھانغا پاتماي قالغان رەزىل نىيىتىنى ياپالمىغان ئىدى. پادىشاھ قامەتلىك، سېمىز، مەيدىسىگە نۇرغۇن ئوردېن - مېداللارنى تاقىۋالغان بولسىمۇ، بىراق چىرايىدىن دۆتلۈكى ۋە مەنمەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى ياغاچ قونچاقتەك ئۆلۈك ھالەتتە تۇرغان بولۇپ، تىرىكلىكتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ئىدى. ئاپتور خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى سىزىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ روھىيىتىنى ئاشكارىلىغان، ھالبۇكى ئەخمەق چارلىز Ⅳ بۇنى ھېس قىلالمىغان ئەكسىچە رەسىم ياخشى سىزىلىپتۇ دەپ گوياغا «ئىسپانىيىنىڭ بىرىنچى رەسسامى» دېگەن نامنى بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار رەسسامچىلىق