UyghurWiki
UyghurWikiرەسسامچىلىقۋېنتسىيە رەسىم ئېقىمى

ۋېنتسىيە رەسىم ئېقىمى

رەسساملىق ئەدەبىيات - سەنئەت قايتا گۈللەنگەن دەۋردىكى ۋېنتسىيىدە ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدىغان، دىنىي ئەپسانىلەردىكى ۋەقەلىكلەردىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەپ سىزىدىغان بىر تۈركۈم رەسساملار بارلىققا كەلدى. ئۇلارنىڭ رەسىم ئۇسلۇبى ئەستايىدىل، نەپىس، رەڭلىرى يارقىن، كومپوزىتسىيىسى يېڭىچە بولۇپ، ياۋروپا رەسساملىقىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. كىشىلەر بۇ رەسساملارنى ۋېنتسىيە رەسىم ئېقىمىدىكىلەر دەپ ئاتاشتى. ۋېنتسىيە رەسىم ئېقىمىدىكىلەر يېڭى گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ ئېستېتىكىلىق ھەۋىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئادەمنىڭ خۇشاللىقى، شادلىقى، قايناق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشكە مايىل بولۇپ، مۇھەببەت، زىياپەت، يالىڭاچ بەدەن ئاياللار كۆرۈنۈشىنى تاللاشنى ياخشى كۆردى. ئۇلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن مادوننا (بۈۋى مەريەم) پەرىشتە ياكى باشقا ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ۋېنتسىيە يۇقىرى قاتلام جەمئىيىتىدىكى ھەر خىل ئادەملەرنىڭ قايتا ئايان قىلىنىشى ئىدى. ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەدەنلىرى تولۇق، ئەت - تېرىلىرى يۇمران ۋە سىلىق - پارقىراق، چاچلىرى ئالتۇندەك سېرىق بولۇپ، پۇزۇر كىيىنگەنىدى. تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى ئىپادىلەش ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئۇلار ئادەمنىڭ پائالىيىتىنى تەبىئەتكە سىڭدۈرۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى پوئېزىيىلىك ھالدا بىر گەۋدىلەشتۈرۈۋەتكەن. شۇ چاغدىكى ئىلىم - پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ، نۇر ئۆزگىرىشلىرىنى رەسساملىق رەڭلىرىگە باشلاپ كىرىپ، رەڭنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغان. ۋېنتسىيە رەسىم ئېقىمىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى تىزىيئانو (1490−1576، onaiziT .illeceV) بولۇپ ئۇنىڭ «ئەرشتىكى پانىي ئالەم مۇھەببىتى» دېگەن رەسىمىدە3 ئادەم بولۇپ، بىرى پۇزۇر كىيىنگەن، مەيدىسىنى ئېچىۋېتىپ تىزلىنىپ ئولتۇرغان ئېسىلزادە خانىم، ئۇ كۆل بويىدا يانچە ئولتۇرۇپ، خىيالغا چۆمگەن ھالدا يىراقلارغا تىكىلىپ تۇرغان سېھىرگەر مېدېئا (aedwM) ئىدى. كۆلنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، سول قولىنى تۈز كېرىپ تۇرغان پۈتۈنلەي يالىڭاچ ھالەتتىكى گۈزەل ۋېناس بېشىنى بۇراپ مېدېئاغا قاراپ تۇراتتى. ئوتتۇرىدا كىچىك مۇھەببەت پەرىشتىسى بولۇپ، ئۇ خۇددى سۇدا ئويناۋاتقان ئوماق بالىغا ئوخشايتتى. يىراقتا ئىتالىيىنىڭ گۈزەل يېزا مەنزىرىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. رەسسام پەرىشتە بىلەن ئادەمنى ئوخشاش بىر رېئال مۇھىتقا قويۇپ، ئادەمنىڭ مۇقەددەسلىكىنى، پەرىشتىنىڭ ئىنسانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئەرشتىكى پەرىشتىنىڭ گۈزەللىكىنى، يەردىكى ئادەمنىڭمۇ گۈزەللىكىنى، تەبىئەتنىڭمۇ گۈزەللىكىنى بىلدۈرگەن. تىزىيئانۇ ئەپسانىدىكى كونكرېت ۋەقەلىكنى ئېنىق سىزمىغان بەلكى ۋېناسنىڭ ئەركىن بېرىلگەن بەدىنى، يۇمران سىلىق ئېتىنىڭ رەڭگى، مېدېئانىڭ كۆپ قاتلاملىق پۇزۇر كىيىمى، يىراق تاغدىكى قەدىمىي قەلئە، كۆل، ئورمان، قوي پادىسى... قاتارلىق ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى نۇقتىلىق ئىپادىلەپ، گۈزەل، يوشۇرۇن مەنزىرە تەشكىللەپ، ئۆزى ياشاۋاتقان ئاشۇ دەۋرنى مەدھىيىلىگەن.
← بارلىق تېمىلار رەسسامچىلىق