خالىس ۋە ئۇنىڭ «سىگان قىزى» دېگەن ئەسىرى
رەسساملىق
گوللاندىيىلىك فرانىس خالىس (slaH snarF، تەخمىنەن1580 -1666 ) پورترېت رەسىم سىزىش ئۇستازى. ئۇنىڭ پورترېت رەسىملىرى ھەشەمەتلىك، ساختىلىق ۋە ياسالمىلىقتەك كونا ئادەتلەردىن قۇتۇلغان ۋە ئەپسانە، دىنىي تېمىلارنى ئىپادىلەش دائىرىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، تەسۋىرلەش ئوبيېكتىنى كەڭ رېئال تۇرمۇشقا كېڭەيتىپ، شۇ چاغدىكى ھەر خىل تىپتىكى پېرسوناژلارنى ئىپادىلىگەن. خالىس ھاراقخۇمار بولغاچقا، قاۋاقخانىغا دائىم كېلىدىغان تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەر خالىسنىڭ ئىپادىلەش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان.
خالىس ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە پىشقان ماھارىتى ئارقىلىق، ئوبيېكتنىڭ مومېنتلىق (شۇ دەقىقىدىكى) ھەرىكەت ۋە چىراي قىياپىتىنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر بولۇپ، پېرسوناژلارنىڭ خاسلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن يۈز قىسمىدىكى ئۆزگىچە مومېنتلىق روھىي قىياپەتنى ئىپادىلەپ بېرەتتى. خۇسۇسەن ئوخشاشمىغان كۈلكە چىرايلارنى سىزغاندا سۈرەتكە جان كىرگۈزۈۋېتەتتى. شۇڭا، بەزىلەر خالىسنى «كۈلكە رەسسامى» دەپ ئاتاشقان.
«سىگان قىزى» ئۇ سىزغان كۈلكە چىرايلار ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق رەسىم. رەسسام قايناق ھېسسىياتقا تولغان قەلىمى بىلەن مىجەزى خۇشخۇي، شوخ سىگان قىزىنى ياراتقان. ئۇنىڭ قارا چاچلىرى مۈرىسىگىچە تۆكۈلۈپ تۇرغان، ياقىسىنى ئېچىۋەتكەن، يۈزىنى بىر چەتكە بۇراپ، مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈمسىرەپ تۇرغان. ھېچنېمىدىن تەپتارتمايدىغان، ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدىغان سىگان قىزىنىڭ خاراكتېرىنى ئىنتايىن جانلىق، توغرا ئىپادىلەپ بەرگەن. رەسىمدىكى رەڭلەر ئوچۇق - يورۇق، قەلەم ئىزى راۋان ۋە مەردانە بولۇپ، باشقىلارنىڭ «رەسىم سىزىش رەختىگە رەڭ ئاتقان» دېگىنىدەك مەردانە رەسىم ئۇسلۇبىنى يارىتىپ، شەكىل بىلەن مەزمۇن بىرلىككە كەلگەن يۈكسەك مۇكەممەللىككە يەتكەن.