UyghurWiki
UyghurWikiرەسسامچىلىقرېمبراند ۋە ئۇنىڭ «كېچىلىك چارلاش» دېگەن رەسىمى

رېمبراند ۋە ئۇنىڭ «كېچىلىك چارلاش» دېگەن رەسىمى

رەسساملىق نۇر ۋە يورۇق - قاراڭغۇ قاتارلىق بەدىئىي ئۈنۈمنى تەكىتلىگەن «كېچىلىك چارلاش» دېگەن بىر پارچە ماي بوياق رەسىم، گوللاندىيىلىك رەسسام رېمبراند (1606 −1669 ، tdnarbmeR njirnav zsnemraH) نىڭ كېيىنكى يېرىم ھاياتىغا ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن. «كېچىلىك چارلاش» رېمبراندنىڭ16 نەپەر ئوفىتسېرغا سىزىپ بەرگەن كوللېكتىپ پورترېت رەسىمى. ئۇ ھەربىر ئادەمنى ئۆلۈك ھالدا قاتار تىزىپ قويمىغان، بەلكى تېمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بىرنەچچە گۇرۇپپىلارغا بۆلگەن ۋە قىزچاق، بارابانچى، ئەسكەر قاتارلىقلارنى قوشقان. رەسىم يۈزىدىكى بەزىلەر مىلتىققا ئوق بېسىۋاتقان، بەزىلەر نېمىلەرگىدۇر قول شىلتىۋاتقان بولۇپ، ئوفىتسېرلارنىڭ بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندىكى جىددىي سەپكە تۇرۇپ ئۇرۇشقا ئاتلىنىش ئالدىدىكى كۆرۈنۈشىنى تەسۋىرلەپ، جىددىي ساراسىمىلىق كەيپىياتنى ئىپادىلىگەن. رېمبراند سۆزلىشىۋاتقان ئىككى ئوفىتسېرنى رەسىمدىكى ئەڭ يورۇق يەرگە قويۇپ گەۋدىلەندۈرۈپ تەسۋىرلىگەن. قالغانلىرىنى ئوتتۇرا ۋە ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. بەزى ئوفىتسېرلارنى قاراڭغۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. رەسىمدىكى ئوفىتسېرلارنىڭ ئوبرازىنىڭ ئېنىقلىقى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەتكەن. بىراق رېمبراند ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەقىدىسىدە ۋە رېئالستىك سەنئەت پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، رەسىمنى قىلچىمۇ ئۆزگەرتمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سوتقا ئەرز قىلىپ، رەسىم سىزىشقا بەرگەن پۇلنى ئېلىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى قاتلامدىكى رەسىم زاكاز قىلغۇچىلار بارغانسېرى ئازىيىپ كەتكەن. يەنە باشقا سەۋەبلەرمۇ قوشۇلۇپ، رەسسامنىڭ ئاخىرقى ئۆمرى بەكمۇ نامراتلىقتا قالغان. ۋاپات بولغاندىن كېيىن چېركاۋ ياردەم قىلغان13 گۇلدېر (5 دوللار20 تىيىن ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ) تايىنىپ ئارانلا يەرلىككە قويۇلغان. رېمبراند نۇرنى رەسساملىقتا قوللىنىشتا ماھىر ئىدى. ئۇ يورۇقلۇقنى يىغىش ئۈنۈمىنى قوللىنىپ ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنى گەۋدىلەندۈرەتتى. ئوبرازلارنى ئىنچىكىلەپ تەسۋىرلەش ئۈچۈن يورۇق - قاراڭغۇ رەڭ تۈسى ۋە رەڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت بەدىئىي ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىناتتى. ئەسەرلىرىدە قاراڭغۇ فون (ئارقا كۆرۈنۈش) بىلەن يورۇق چۈشكەن ئوبيېكتنى كۈچلۈك سېلىشتۇرما قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرگە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ۋە ماس بىرلىككە كەلگەن تەسىرات بېرىپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان پوئېزىيىلىك كۆڭلەن مەنزىرە ھاسىل قىلاتتى. رېمبراندنىڭ بەدىئىي ئۇسۇلى ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللەنگەندىن كېيىنكى غەربىي ياۋروپا رەسساملىقىنى يەنە بىر قەدەم تەرەققىي قىلدۇردى.
← بارلىق تېمىلار رەسسامچىلىق
رېمبراند ۋە ئۇنىڭ «كېچىلىك چارلاش» دېگەن رەسىمى | UyghurWiki | UyghurWiki