UyghurWiki
UyghurWikiرەسسامچىلىقمىللېت ۋە ئۇنىڭ «باشاق تېرىش» دېگەن رەسىمى بىلەن كوۋربېت ۋە ئۇنىڭ «تاشچى» دېگەن رەسىمى

مىللېت ۋە ئۇنىڭ «باشاق تېرىش» دېگەن رەسىمى بىلەن كوۋربېت ۋە ئۇنىڭ «تاشچى» دېگەن رەسىمى

رەسساملىق مىللېت ۋە كوۋربېتلار19 - ئەسىردىكى فرانسىيىلىك رېئالستىك رەسساملار. ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىشچى - دېھقانلارنىڭ جاپالىق تۇرمۇشى ۋە ئېغىر ئەمگەكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. مىللېت (1814 −1875 ، telliM siocnarF naJ) دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كېيىنچە ئىزچىل ھالدا دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغاچ رەسىم سىزغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە دېھقانلارنىڭ ئەمگەك ۋە تۇرمۇشى ئەينەن، تەسىرلىك سۈرەتلەنگەن بولۇپ، قويۇق مەھەللىۋى پۇراققا ئىگە. كىشىنى كۈچلۈك جەلپ قىلىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى سەمىمىي ھالدا «دېھقانلارنىڭ رەسسامى» دەپ ئاتاشقان.باشاق تېرىش مىللېتىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، رەسىمدە ئۈچ دېھقان ئايالنىڭ يازلىق ئېتىزدا باشاق تېرىۋاتقان ئەمگەك كۆرۈنۈشى سۈرەتلەنگەن. رەسسام پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكەت ھالىتى ۋە ئاددىي كىيىم - كېچەكلىرى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىكلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ «تەر بىلەن سۇغىرىلغان بۇغداي ۋە قوناق، ئەجرى ئالتۇن بىباھا ھەربىر باشاق» دېگەننى ئىپادىلەپ بەرگەن. مىللېتنىڭ ئەسەرلىرى چوڭقۇر دەۋر روھىغا ۋە ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە. كوۋربېت (1819−1877، tebruoC .evatsuG) ئۆزىنىڭ شەخسى كۆرگەزمىسىگە «رېئالىزم» دەپ ئات قويغان ۋە «رېئالستىك خىتابنامە» ئېلان قىلغان. ئۇ رەسساملىقنىڭ شۇ دەۋردىكى رېئال تۇرمۇشنى سۈرەتلىشىنى، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنى پاش قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا، «رېئالىزمنىڭ بايراقدارى» دەپ ئاتالغان. كوۋربېت فرانسىيە پارىژ كوممۇناسىنىڭ سادىق جەڭچىسى بولۇپ، پارىژ كوممۇنىسىنىڭ گۈزەل سەنئەت جەھەتتىكى رەھبەرلىك خىزمەتلىرىگە پائال قاتناشقان. كوممۇنا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، تاكى كېسەل بولۇپ ئۆلگەنگە قەدەر شۋېتسارىيىدە سەرگەردان بولۇپ ياشىغان. «تاشچى» كوۋربېتنىڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ پاجىئەلىك تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ئۆلمەس ئەسىرى. رەسسام پولاتتەك كۈچلۈك سىزىقلار ئارقىلىق ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئوبرازىنى ئەينەن، تەبىئىي سۈرەتلەپ، تاشچىلارنىڭ قەيسەر ئىرادىسىنى مەدھىيىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جەمئىيەتتىكى باراۋەرسىزلىك بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئاشكارىلاپ، رەسسامنىڭ خەلقنىڭ پاجىئەلىك تۇرمۇشىغا بولغان كۈچلۈك ھېسداشلىقى ۋە چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار رەسسامچىلىق