UyghurWiki
UyghurWikiرەسسامچىلىقئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى دەۋرىدىكى ئۈچ پېشۋا

ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى دەۋرىدىكى ئۈچ پېشۋا

رەسساملىق ياۋروپادا14 −16 - ئەسىرلەردە يېڭى گۈللەنگەن بۇرژۇئازىيە سىنىپى دىن ۋە فېئودال ھۆكۈمرانلارغا قارشى ھەرىكەتنى باشلىدى. بۇ ھەرىكەت «ئادەم» نىڭ رېئال دۇنيادىكى ئورنىنى تەكىتلىدى. شۇڭا، «گۇمانىزم» دەپ ئاتالدى. بۇ خىل ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە، يۇنان ۋە قەدىمكى رىم مەدەنىيەت - سەنئىتى قايتا باھا بېرىشكە ۋە تەرەققىياتقا ئېرىشتى. پۈتۈن ياۋروپا قىتئەسىدە ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ مىسلىسىز گۈللىنىشى بارلىققا كەلدى. مانا بۇ «ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى» دەپ ئاتالدى. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىنىڭ ئوچىقى بولغان ئىتالىيىدە داۋىنچى، مېكېلانجېلو ۋە رافائېلدىن ئىبارەت3 بۈيۈك سەنئەتكار بارلىققا كەلدى. ئۇلار «ئەدەبىيات - سەنئەت قايتا گۈللەنگەن دەۋردىكى ئۈچ پېشۋا» دەپ ئاتالدى. لېئوناردو داۋىنچى (icnivad odranoeL،1452 −1519 ) نىڭ گۈزەل - سەنئەت بىلەن ئىلىم - پەننى بىرلەشتۈرگەنلىكى ئۇنىڭ مۇھىم تۆھپىسى بولۇپ قالدى. ئۇ سىزغان ئادەملەر ئادەم ئاناتومىيىسىنىڭ سېلىشتۇرما قۇرۇلمىسىغا ئۇيغۇن ئىدى. ئۇ پېرسپېكتىۋنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، ئۇ سىزغان مۇھىت ۋە پېرسوناژلار پېرسپېكتىۋلىق ھادىسىگە ئۇيغۇن ئىدى. «ئاخىرقى كەچلىك غىزا» دېگەن تام رەسىم داۋىنچىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئەيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە خائىننىڭ ساتقۇنلۇق قىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن،12 مۇرىتى بىلەن بىللە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق كەچلىك غىزا يەۋاتقان چاغدا، بۇ خەۋەرنى كۆپچىلىككە جاكارلىغانلىقى،12 ئادەمدە ئوخشاشمىغان ئىنكاس قوزغالغانلىقى رەسىمنىڭ مەزمۇنى قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى11 ئادەم4 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ بۇ ئىشنى غۇلغۇلا قىلىۋاتقان، بەزىلىرى غەزەپلەنگەن، بەزىلىرى خائىننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقان، بەزىلىرى تەسەللى بېرىۋاتقان ... پەقەت خائىن يۇدا (saduJ) (رەسىمدىكى سولدىن4 - كىشى) قورسىقىدا جىن بولغاچقا، چۆچۈگەن ھالدا كەينىگە داجىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىۋاتقان، ئەيساغا چەكچىيىپ قاراپ قالغان. خائىنلىق قىلىپ ئىنئام ئالغان تىللا قاچىلانغان ھەميانىنى چىڭ سىقىمداپ تۇرغان. ئەسەر13 ئادەمنىڭ ئوخشاشمىغان ھېسسىياتى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئىدىيىسى ۋە روھىي ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئاپتور رەسىم يۈزىدىكى ئىمارەت بىلەن مۇناستىرنىڭ مۇھىتىنى ئىلمىي ھالدا بىر گەۋدە قىلىپ سىزىپ، ئەينەنلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، كىشىنى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇرىتلىرى كۆز ئالدىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرغان. مېكېلانجېلو (olegnalehciM itorranouB،1475 −1564 ) ۋەتەننىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، فلورېنسىيە (ecnerolF) خەلقىنىڭ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوغداش قوراللىق كۈرىشىگە قاتناشقان ۋە شەھەر مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ باش مۇپەتتىشلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. كىشىلەر تەرىپىدىن «شەھەر خەلقىنىڭ ئوغلانى» دەپ ئاتالغان. «ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاپىرىدە قىلىش» مېكېلانجېلو سېستىن ئىبادەتخانىسىنىڭ گۈمبەزلىك تورۇسىغا سىزىپ بەرگەن9 پارچە تام رەسىمىنىڭ بىرى.9 پارچە تام رەسىمىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى «دۇنيانىڭ ئاپىرىدە قىلىنىشى» بولۇپ، مەزمۇنى «ئىنجىل قىسسىلىرى» دىن تاللاپ ئېلىنغان. «ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ئاپىرىدە قىلىش» دېگەن رەسىمدە «ئىنسانىيەتنىڭ ئويغىنىشى ۋە ئادەم قۇدرىتىنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە بولغان تەشنالىق» تىن ئىبارەت باش تېما ئىپادىلەنگەن. ئادەم ئەلەيھىسسالام قاۋۇل يىگىت قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئۇ ئەمدىلا غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان. ماغدۇرسىز بولغاچقا ئورنىدىن تۇرالمىغان. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، بىر قولى بىلەن گەۋدىسىنى تىرەپ تۇرۇپ، كۈچ - قۇدرەت ۋە ئەقىل - پاراسەتكە ئېرىشىش تەشنالىقىدا، يەنە بىر قولىنى تەڭرىگە ئۇزاتقان، شەپقەتلىك، سالاپەتلىك بوۋاي قىياپىتىدىكى پەرۋەردىگارمۇ قولىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئۇزاتقان. سانزيئو رافائېل (1483−1520، olleaffaR oiznaS) نىڭ ئەسەرلىرى لاتاپەتلىك گۈزەل ئۇسلۇبقا ئىگە. ئۇ «ئىلاھ» لارنى «ئادەم» ئوبرازىغا ئىگە قىلىپ سىزىشقا ماھىر. ئۇ بۈۋى مەريەم ئانىنى تۇرمۇشتىكى روھىي قىياپىتى گۈزەل، ئاق كۆڭۈل ئانا ئوبرازىدا سىزىدۇ. «سېستىندىكى بۈۋى مەريەم ئانا» دېگەن تام رەسىم ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. بۈۋى مەريەم ئانا ئارزۇلۇق ئوغلىنى «ئىنسانىيەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا تەقدىم قىلىش» ئۈچۈن، بوۋاق ئەيسانى قۇچاقلاپ بۇلۇتلار ئارىسدىن پانىي ئالەمگە چۈشۈۋاتاتتى، بۈۋى مەريەمدىن مېھرىبان ئانىلارغا خاس پاك ئوبراز چىقىپ تۇراتتى. سول تەرەپتىكى ئاقساقال قارشى ئېلىش ۋە يول كۆرسىتىۋاتقاندەك قول ئىشارىتى قىلىپ تۇراتتى. ئوڭ تەرەپتە بىر ئايال مۇرىت ئىخلاسمەنلىك بىلەن بېشىنى ئېگىپ ئولتۇراتتى. رەسىمنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى ئوماق پەرىشتىنىڭ شوخ روھىي ھالىتى رەسىمگە تېخىمۇ لاتاپەتلىك ئاھاڭداشلىق ۋە لەرزان كەيپىيات قوشۇپ، رافائېلنىڭ ئۆزگىچە رەسىم ئۇسلۇبى بىلەن گۇمانىستىك ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن
← بارلىق تېمىلار رەسسامچىلىق