UyghurWiki›رەسسامچىلىق›داۋېد ۋە ئۇنىڭ «ماراتنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن رەسىمى ۋە دېلاكرۋانىڭ «ئەركىنلىك ئانىسى خەلقنى ئالغا باشلىماقتا» دېگەن رەسىمى
داۋېد ۋە ئۇنىڭ «ماراتنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن رەسىمى ۋە دېلاكرۋانىڭ «ئەركىنلىك ئانىسى خەلقنى ئالغا باشلىماقتا» دېگەن رەسىمى
رەسساملىق
19 - ئەسىردىكى فرانسىيە ياۋروپا گۈزەل سەنئىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالىدۇ. رەسساملىقنىڭ مەزمۇنى دىن ۋە ئاقسۆڭەكلەر چەمبىرىدىن ئازاد بولۇپ، فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەر بارلىققا كېلىشكە باشلايدۇ. داۋېدنىڭ «ماراتنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن رەسىمى بىلەن دېلاكرۋانىڭ «ئەركىنلىك ئانىسى خەلقنى ئالغا باشلىماقتا» دېگەن رەسىمى گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان رەسىملەردۇر.
داۋېد (1748 −1825 ، divaD)1789 - يىلىدىكى فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا ئۆزى بىۋاسىتە قاتناشقان. ئۇ قەھرىمانلارنى سىزىشنى تەشەببۇس قىلغان. خەلقنى ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭ قىلىشقا چاقىرغان. بەزىلەر ئۇنى ئۆزىنىڭ رەسىملىرى ئارقىلىق ئىنقىلابنىڭ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن دېيىشكەن. «ماراتنىڭ ئۆلۈمى» ئۇ1791 - يىلى ئىجاد قىلغان ماي بوياق رەسىم.
مارات ئەسلىدە فرانسىيىلىك دوختۇر ئىدى. ئۇ بۇرژۇئا ئىنقىلابىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ «خەلق دوستى گېزىتى» نى ئويۇشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ماقالە يېزىپ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۈشمەنلەرنىڭ سۇيىقەستىنى پاش قىلىپ، خەلقنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن. خەلق ئۇنى «خەلقنىڭ دوستى مارات» دېيىشكەن. مارات دۈشمەنلەرنىڭ ئاختۇرۇپ تۇتۇشىدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن چاغلاردا، كەمبەغەللەرنىڭ گەمىسىدە خىزمەت قىلغان. نەم مۇھىت ئۇنى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ قويغاچقا، كۈندە ئىسسىق سۇغا چىلىنىپ تۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلغان. دۈشمەنلەر ماراتنىڭ داستىكى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن. ماراتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. داۋېد رەسىم سىزىش قەلىمى ئارقىلىق فېئودال ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ جىنايىتىنى پاش قىلىش ئىرادىسىگە كېلىپ، «ماراتنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن ئەسەرنى ئىجاد قىلغان. ماراتنىڭ دۈشمەنلەر تەرىپىدىن داستا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشى ئەسەردە ئەينەن تەسۋىرلەنگەن. رەسىمدىكى مارات گەرچە ئۆلگەن بولسىمۇ، قولىدىكى قورالى − پەي قەلەمنى تاشلىمىغان بولۇپ، ئىنقىلابچىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس كۈرەش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. سۇ ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغان، ئەمما كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر پارچە قەغەز ۋە پۇل قويۇلغان، قەغەزگە «بۇ بەش فرانىكنى بەش بالىسى بار ئانىغا بېرىڭلار، ئۇنىڭ ئېرى ۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان» دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئىنقىلابچىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن. بۇ رەسىم خۇددى ئابىدىدەك كىشىلەرنىڭ بۇ تىز پۈكمەس قەھرىمانغا بولغان ھۆرمىتىنى ۋە ئادەمخور قاتىللارغا بولغان چەكسىز نەپرىتىنى قوزغىغان.
دېلاكرۋا (1798-1863، xiorcaleD) نىڭ «ئەركىنلىك ئانىسى خەلقنى ئالغا باشلىماقتا» دېگەن ماي بوياق رەسىمىدە، فرانسىيە خەلقىنىڭ فېئودال پادىشاھ چارلىز Ⅹ نىڭ تىرىلىشىگە قارشى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق قوراللىق ئىنقىلابى تەسۋىرلەنگەن. رەسىمدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئالدىنقىلار يىقىلسا كېيىنكىلەر ئىز بېسىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان باتۇرانە جەڭ مەيدانى تەسۋىرلەنگەن. رەسىمنىڭ مەركىزىدە «ئەركىنلىك ئانىسى» دەپ ئاتالغان ئايال گەۋدىلىك سىزىلغان بولۇپ، ئۇ بىر قولىدا مىلتىق تۇتقان، يەنە بىر قولىدا جۇمھۇرىيەتكە ۋە ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، مېھرىبانلىققا سىمۋوللۇق قىلىدىغان3 رەڭلىك بايراق لەپىلدەۋاتقان ئىدى. بۇ ئايالنىڭ باشلامچىلىقىدا، قوراللانغان ئامما ئاغدۇرۇۋېتىلگەن كوچا ئىستىھكاملىرىدىن ئۆتۈپ، سەپداشلىرىنىڭ قان ئىزلىرىنى بېسىپ، دۈشمەننىڭ يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلىرىغا قارشى باتۇرانە ئالغا باسماقتا ئىدى. پۈتۈن رەسىم جاراڭلىق، مەردانە جەڭ مارشىغا ئوخشايتتى.