UyghurWiki
UyghurWikiرەسسامچىلىقغەرب مودېرنىزم رەسساملىق ئېقىمى

غەرب مودېرنىزم رەسساملىق ئېقىمى

رەسساملىق 20 - ئەسىردىكى غەرب ئەللىرىدە فاۋۇېزم، ئىپادىزم، كۇبىزم، سۇررېئالىزم، ئابستراكتىزم قاتارلىق رەڭگارەڭ گۈزەل سەنئەت ئېقىملىرى بارلىققا كەلدى. بۇلار بىردەك مودېرنىزم رەسساملىق ئېقىمى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئېقىملار سەنئەت ئىدىيىسى ۋە ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتە تامامەن ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، بىراق ھەممىسىلا رەسسامنىڭ سۇبيېكتىپ خاسلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولۇشىغا ئىنتىلىدۇ. رېئالستىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشنى خالىمايدۇ. «فاۇۋيزم» پارىژدىكى بىر قېتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئاتىلىپ قالغان. كۆرگەزمە زالىنىڭ4 ئەتراپىغا يېڭى ئېقىمدىكى رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى قويۇلغان بولۇپ، پەقەت بىر دانە ھەيكەللا ئەنئەنىۋى شەكىلنى قوللانغانىدى. بەزىبىر ئوبزورچىلار تەئەججۈپلەنگەن ھالدا: «بۇ بىر توپ ياۋايى ھايۋانلار كلاسسىك سەنئەتنى قورشاپ ئالغاندەكلا بولۇپ قاپتىغۇ» دېيىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كۆرگەزمە ئەسەرلىرىنىڭ ئاپتورلىرى «فاۇۋيزم» (ھايۋانىزم) ئېقىمىدىكىلەر دەپ ئاتىلىپ قالغان. فاۇۋيزم ئېقىمىدىكى رەسساملىق ئوبيېكتىپ ئوبرازىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. چوڭ رەڭ بۆلەكلىرى ۋە سىزىقلار ئارقىلىق مۇبالىغە قىلىنغان، شەكلى ئۆزگەرتىلگەن ئوبرازلارنى ھاسىل قىلىپ، رەڭ ۋە سىزىقنىڭ «نوقۇل گۈزەللىك» ىنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆرۈش سېزىمىدىكى شادلىق ۋە راھەتلىككە ئېرىشىدۇ. روشەن زىننەتلىمىلىككە ئىگە. ماتېس (1869−1954، essitaM irneH) نىڭ «ئۇسسۇل» دېگەن تام رەسىم ئورىگىنالى قولنى قولغا تۇتۇشۇپ چەمبەر ھاسىل قىلغان يىغىنچاقلاشتۇرۇلغان ئادەملەردىن شەكىل ھاسىل قىلىنغان بولۇپ، كىشىگە قىزغىن خۇشاللىققا چۆمگەن رىتىم تۇيغۇسى بېرىدۇ. «ئىپادىزم» (ئېكسپرېسسيئونىزم) بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا بارلىققا كەلگەن. بەزىبىر سەنئەتكارلار بەدىئىي ئەسەردىن پايدىلىنىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، تەڭپۇڭ گۈزەللىكتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى كومپوزىتسىيە كۆز قارىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئىنتايىن ماسلاشمىغان كومپوزىتسىيە مۇبالىغە قىلىنغان، بۇرمىلانغان شەكىللەر، رەڭ ۋە سىزىقلاردىكى كۈچلۈك سېلىشتۇرمىلار ئارقىلىق كېسەللىك ھالىتىدىكى جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ ۋە رەزىللىكىنى تەسۋىرلەپ، خەلقنىڭ مىسكىن، پەرىشان روھىي ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. نورۋىگىيىلىك رەسسام مۇنك (1863−1944، hcnuM dravdE) ئىپادىزم ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ «چۇقان» دېگەن ماي بوياق رەسىمىدە ئىنتايىن ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە قېلىپ يۈز شەكىللىرى ئۆزگىرىپ كەتكەن بىر ئەر كىشىنىڭ ئەسەبىيلەرچە چوقان سېلىۋاتقانلىقى سۈرەتلەنگەن بولۇپ، پۈتۈن رەسىم سۈرلۈك، ۋەھىمىلىك كەيپىياتقا تولغان. «كۇبىزم» ئەنئەنىۋى زامان - ماكان قارىشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەكشىلىكتە نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى، ئېگىزلىكى ۋە قېلىنلىقىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىپادىلەپ، نەرسىلەرنىڭ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئىچكى قىسىم قۇرۇلمىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلار تەبىئىي شەكىللەرنى ھەر خىل گېئومېترىك كەسمىلەرگە پارچىلاپ، ئۇلارنى رەسىم يۈزىدە دەستىلىگەن. مەسىلەن، بۇرۇننى سىزغاندا بۇرۇننىڭ ئۇدۇل، يان، ئۈستىدىن، ئاستىدىن كۆرۈنۈشى ۋە بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشلىرى سىزىلغان. ئۇزۇنغىچە فرانسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىسپانىيىلىك رەسسام پېكاسسو (1881−1973) كۇبىزمنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭ «گورنيكا» دېگەن داڭلىق ئەسىرىدە، شەھەر بومباردىمان قىلىنغاندىن كېيىنكى پاتپاراقچىلىق، ئەسكەر، ئايال، كالا، ئات ۋە قۇياش قاتارلىقلار كىرىشتۈرۈلگەن ۋە دەستىلەنگەن بولۇپ، جىددىي ئاپەت كەيپىياتى ئىپادىلەنگەن. «سۇررېئالىزم» چىلار رېئال دۇنيادىن باشقا يەنە بىر خىيالىي دۇنيا مەۋجۇت دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ رەسىملىرىدە خۇددى ئادەم چۈشىدە كۆرگەندەك خىيالىي ئوبرازلار ئىپادىلەنگەن. ئىسپانىيىلىك رەسسام دالىي (rodavlaS ilaD) نىڭ «ئەسلىمىنىڭ مەڭگۈلۈكلۈكى» دېگەن ماي بوياق رەسىمى، سۇررېئالىزم ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. رەسىم ئادەم چۈشىدە كۆرگەندەك ئازابلىق دۇنيا بولۇپ، مېتالدىن ياسالغان چوڭ قويۇن سائىتى ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسىگە ئۇچرىغاندەك ئېرىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن. يەر يۈزىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىخلىرىغا كىرپىك ئۈنگەن بولۇپ، بۇرمىلانغان ئادەم بېشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ ... ھەممە نەرسە شۇنداق غارايىپ. «ئابستراكتئىزم» ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى كونكرېت ئوبرازلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، پەقەت ئابستراكت رەڭ، سىزىق، چېكىت ۋە يۈز ئارقىلىقلا ئىجادىي تەپەككۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. گوللاندىيىلىك رەسسام موندريئان (nairdnoM) نىڭ «بروئادۋايدىكى جاز مۇزىكا» دېگەن ماي بوياق رەسىمى پۈتۈنلەي تىك ۋە توغرا سىزىقلاردىن تەشكىل تاپقان گېئومېتىرىك شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەنگەن. رەڭ جەھەتتە قىزىل، سېرىق ۋە كۆكتىن ئىبارەت ئۈچ ئانا رەڭنى ئىشلەتكەن. ئاق، قارا ۋە كۈل رەڭلەرنى قوشۇمچە قىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆرۈش سېزىمىدە ھەرىكەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى بروئادۋاي كوچىسىدىكى قىستاڭ ئادەم ئېقىمى، رىتىمى شوخ جاز مۇزىكىسى ۋە چاقناپ تۇرغان رەڭدار نېئون چىراغلارغا سىمۋول قىلغان.
← بارلىق تېمىلار رەسسامچىلىق