مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى
رادىئو- تېلېۋىزىيە
مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رادىئو ئىستانسىسى. ئۇنىڭ ئەسلىيسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان تۇنجى خەلق رادىئو ئىستانسىسى − يەنئەن شىنخۇا رادىئو ئىستانسىسى بولۇپ،1949 - يىل12 - ئاينىڭ5 - كۈنى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن.
مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە خەۋەر تارقىتىدۇ، ئەمر - پەرمانلارنى يەتكۈزىدۇ، سوتسىيالىزم تەربىيىسى بېرىدۇ، كىشىلەرنى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىشتىن بەھرىمەن قىلىدۇ. مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ1 -،2 - يۈرۈش پروگراممىلىرى خەنزۇ ئەدەبىي تىلىدا پۈتۈن مەملىكەتكە ئاڭلىتىلىدىغان ئۇنىۋېرسال پروگراممىلار بولۇپ، خەۋەر خاراكتېرلىك، تەلىم - تەربىيە خاراكتېرلىك، ئەدەبىيات - سەنئەت خاراكتېرلىك ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرلىك پروگراممىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۈنلۈك ئاڭلىتىش ۋاقتىنى قوشقاندا50 سائەتتىن ئاشىدۇ.3 - يۈرۈش پروگرامما تەڭشەلمە چاستوتىلىق پروگرامما بولۇپ، پۈتۈنلەي ناخشا - مۇزىكا ئاڭلىتىلىدۇ. مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر پروگراممىسىدا موڭغۇل، زاڭزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ. تەيۋەنگە قارىتىلغان ئىككى يۈرۈش رادىئو پروگراممىسىدا ئەدەبىي تىلدا، جەنۇبىي فۇجيەن، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك شېۋىلىرىدە ئاڭلىتىش بېرىدۇ.